| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

مىجەز يوقلۇقمۇ ياكى ھۇرۇنلۇقمۇ؟

ۋاقىت : 2012-11-05 23:55 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ەمىنلىگۇچى : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

مىجەز يوقلۇقمۇ ياكى ھۇرۇنلۇقمۇ؟

غالىب خۇجى ئابدۇللا

تۇرمۇشنى كۆزەتسەك، بەزىلەرنىڭ «مىجەزىم يوق» دەپ مەكتەپكە، خىزمەتكە بارمايدىغانلىقىنى، يەنە بەزىلەرنىڭ مۇھىم ئىشلارنىمۇ «مىجەزىم يوق»نى باھانە قىلىپ، ۋاقتىدا قىلمايدىغانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. يېقىندىن بۇيان «مىجەزىم يوق»دېگەننى تولا ئاڭلاپ، بۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالدىم. ئادەم ئاغرىپ قالغاندا مىجەزى يوق ھېسابلىنامدىغاندۇ ياكى ئىش خۇشياقماسلىق، ھۇرۇنلۇق قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ؟ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، «مىجەزىم يوق» نىڭ كىشىلەرنىڭ دىتىغا ياقمايدىغان ئىش ياكى جاپالىق ئىشلارنى قىلىشقا ھۇرۇنلۇق قىلىش پىسخىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى كىشىلەرنىڭ «مىجەزىم يوق» دېگەندىكى روھىي ھالىتى بىلەن بىرەر ئىشقا ھۇرۇنلۇق قىلغاندىكى روھىي ھالىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ پەرقىنى بەزىدە تىل بىلەن چۈشەندۈرمەك تەس. تۇرمۇشتا بەزىلەر بىرەر ئىشنى قىلغۇسى كەلمىسىمۇ «مىجەزىم يوق»نىڭ باھانىسىدە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇۋالىدۇ. بەزىلەرنىڭ راستىنلا مىجەزى يوق بولسىمۇ، بەرداشلىق بېرىپ، قىلماقچى بولغان ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بەزىلەر ئازراقلا مىجەزى يوق بولۇپ قالسا، ھەممىدىن قول ئۈزۈپ، ئارام ئېلىشنىڭلا كويىدا بولىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى پولىسنى ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرىدىكەن. چۈنكى ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى ئىلمىي تەلەپلەرنى قويىدىكەن، تەربىيە بەرگەندىمۇ ئۇلارنى بەك قايىل قىلىدىكەن. بىر كۈنى بىر ئوقۇغۇچى سەۋەبسىزلا دەرسكە قاتناشماپتۇ. پولىس ئۇنىڭدىن «نېمە ئۈچۈن دەرسكە قاتناشمىدىڭىز؟» دەپ سورىسا، ئۇ ئوقۇغۇچى «مىجەزىم يوق!» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پولىس سەمىمىيلىك بىلەن «بۇ دۇنيادىكى سان–ساناقسىز ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى كىشىلەر ئەنە شۇنداق مىجەزى يوق ۋاقىتلاردىمۇ دەردىنى يېڭىپ، ئۆز كەيپىياتىدىن خىزمەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىن كۆرۈپ ياراتقان» دەپتۇ. پولىسنىڭ بۇ سۆزى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا زور تەسىر قىلىپ، ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ياراتقان ئىكەن.

كىشىلەردىكى «مىجەزىم يوق!» بولۇپ قېلىش بەزىدە فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتىن، بەزىدە روھىي بېسىمدىن ۋە بەزىدە ھۇرۇنلۇقتىن بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھۇرۇنلۇقتىن بولغان «مىجەزىم يوق»لۇق ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىغا بەكلا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

خىزمەتداشلىرىڭىز ئىدارىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتقاندا، ئىدارە باشلىقىغا «مىجەزىم يوق!»دەپ قويۇپ ئۆيىڭىزگە قايتقاندا، جىمجىت ئولتۇرۇپ «مىجەزىڭىز»نىڭ نېمە ئۈچۈن «يوق» بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بالىڭىز «مىجەزىم يوق!» دەپ مەكتەپكە بارمىغاندا، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ياشانغان ئانىڭىز ئوخشىتىپ ئېتىلگەن تاماقنى «مىجەزىم يوق!» دەپ يېمىگەندە، ئۇنىڭ نېمىشكە شۇنداق دېگەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇلارنى ئىنچىكە ئويلاپ، ياخشى كۆزەتسىڭىز، ئۇلارنىڭ بۇ روھىي ھالىتىنىڭ ھۇرۇنلۇق، قىيىنچىلىقتىن قورقۇش ۋە ئاجىزلىق پىسخىكىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ مىجەزى يوق بولۇشىنىڭ %90ى ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قورقۇش پىسخىكىسى، ئاجىزلىق پىسخىكىسى ۋە ھۇرۇنلۇق پىسخىكىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. ئادەم مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىگە مەدەت بېرىپ، قىيىنچىلىقىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىن كۆرۈپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتسىلا «مىجەزىم يوق!» بولۇپ قالغاندىكى ھالىتى ئۆزگىرىپ، دەرھال جۇشقۇن كەيپىياتقا كېلەلەيدىكەن.

دىققەت قىلسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ <<مىجەزىم يوق>>نى ئادەت قىلىۋالغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. بۇنداقلار دائىم دېگۈدەك مەيلى ئىدارىنىڭ ئىشى ياكى ئۆينىڭ ئىشى بولسۇن، بىر گەپنىڭ ئىككىسى بولسىلا «مىجەزىم يوق!» دەپلا ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. بۇنداقلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى قىيىنچىلىقتىن قورقىدىغان ھۇرۇنلاردۇر. بۇنداقلار جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالمايدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى، دوستلىرى ئارىسىدىمۇ ئىناۋىتى بولمايدۇ.

گەرچە «مىجەزىم يوق» بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ھەرخىل بولسىمۇ، بىز ئۇنى يېڭىشتە جەمئىيەتتىكى، خىزمەتتىكى ۋە ئائىلىمىزدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز زۆرۈر. ئادەم ئۆز ئىرادىسى ئارقىلىق روھىيىتىدىكى ئاجىزلىق «مىجەزىم يوق» بولۇپ قېلىش ھالىتىنى يېڭەلىگەندىلا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. دۇنيادىكى سان–ساناقسىز ئۇلۇغۋار ئىشلارنى مىجەزى يوق بولۇپ قالسىمۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلالىغان كىشىلەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. شۇڭا پىسخىكىمىزدىكى توسالغۇلارنى يېڭىپ، مەسئولىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىشىمىز، يالغاندىن « مىجەزىم يوق» بولۇۋېلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلالماسلىقتىن نومۇس قىلىشىمىز لازىم.

()

ياخشى
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>