لاياقەتلىك سىنىپ مودىرى بولۇشنىڭ
يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-28 15:50 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
لاياقەتلىك سىنىپ مودىرى بولۇشنىڭ ئۆلچەملىرى سىنىپ مۇدىرى تەشكىللىگۈچى ۋەتەربىيەبەرگۈچىدۇر. سىنىپ مۇدى
لاياقەتلىك سىنىپ مودىرى بولۇشنىڭ ئۆلچەملىرى
سىنىپ مۇدىرى تەشكىللىگۈچى ۋەتەربىيەبەرگۈچىدۇر. سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى پۈتكۈل مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ئايلىنىشئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشىغابىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولسا، قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك سىنىپبۇدىرى بولغىلى بولىدۇ؟
.1 ئىشنى ئۆزىدىن باشلاش لازىم
ئوقۇتقۇچى باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن، نەسىھەت قىلغاندىن كۆرەئۆزى ئۈلگەكۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىتەلەپ قىلغان ئىشنى ئالدى بىلەنئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى لازىم. سىنىپ مۇدىرى ئۆزىنىڭخىزمىتى ۋە ئۈلگىلىك روھى ئارقىلىق ھەر بىرئوقۇغۇچىنىڭ كىشىلىك ئىززىتى جەھەتتىكىتەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋەپىسخىكئالاھىدىلىكى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولىدۇ، ئوخشىمىغان يىللىقتىكىئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرقىمۇ بىر قەدەر زور بولىدۇ. ئۇلارنىڭ راست بىلەن يالغاننى، ھەقبىلەن ناھەقنى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى، گۈزەللىك بىلەن سەتلىكنى پەرقلەندۈرۈشئىقتىدارىمۇ ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ. شۇنىڭئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى سىنىپ مۇدىرلىقخىزمىتىگە ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىم. مەشھۇر پېداگوگ روسسوئۆزىنىڭ « ئىمىل » ناملىق ئەسىرىدە: «بىر ئادەمنى تەربىيلەپيېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنىزىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۆزىنى بىرئادەم قىلىپ تەييارلاشلازىم، ئۆزىقەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بىر ئۈلگە بولۇشى لازىم » دېگەنىدى.
.2 ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتقىق قىلىش لازىم
سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەتراپلىق تەتقىققىلغاندىلا، ئاندىن ئەمەلىيەتنىئاساس قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەلىم _ تەربىيە ئېلىپ بارالايدۇ.
(1) سىنىپنىڭ قۇرۇلمىسى، ئالاھىدىلىكى، كەيپىياتى، ئەقلىي قابىلىيەت قۇرۇلمىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى، ئۆگىنىشھەۋىسى، سىنىپتىكى بىر قەدەر ۋەكىللىكخاراكتېرگە ئىگە پىكىرلەر، رەسمىي كوللېكتىپ بىلەن بىرەسمىي كوللېكتىپنىڭ تەركىبىۋەپائالىيەت قابىلىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشى كېرەك.
(2) ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك، پىسخىكىلىقئەھۋالى، ئائىلە ئەھۋالى ۋەئىجتىمائىي ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش قابىلىيىتى، تەپەككۈر قابىلىيىتى، تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىقاتارلىق پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرى ۋەمىجەزى، قابىلىيىتى، خاراكتېرىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك.
(3) ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلىرى ۋەتەرەققىيات ئۈستۈنلىكىنىتەتقىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى بىلىۋېلىشقا يېتەكلىشىكېرەك. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى تولۇق تەتقىق قىلىشى، ئايرىم ئوقۇغۇچىلار بىلەنسىردىشىشى، قىسمەنئوقۇغۇچىلار ۋە ئايرىم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپتۇرۇشى، ئائىلە سۆھبىتى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكئالاھىدىلىكلىرىنى ئىگىلەپ، ئەھۋلغا قاراپ ئىش كۆرۈشى لازىم.
.3 ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى قۇرۇپ چىقىش لازىم
سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ياخشى _ يامان بولۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىش ئۈنۈمى، ئىدىيىۋىپەزىلىتى ۋە ئىندىۋىدۇئاللىق تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىنىپ مۇدىرىخىزمەتلەرنى ئىلمىي رەۋىشتە تەشكىللىشى، زۆرۈر قائىدە_ تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ياخشىسىنىپ ئىستىلى شەكىللەندۈرۈشى لازىم. سىنىپ مۇدىرى تۈرلۈك تۈزۈملەرنىڭ ئىجراقىلىنىشئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنى يولغا قويۇشى، سىنىپھەيئىتى ۋە ئىتتىپاقئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇستەقىللىقى ۋە ئاڭلىقلىقىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.
.4 ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغاياردەم بېرىش لازىم
سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلىرىغا مەقسەتلىك ھالداتەربىيە بېرىپ، ئۆگىنىشپوزىتسىيىسىنى توغرىلىتىپ، توغرا ئۆگىنىشئۇسۇلىنى ئىگىلىتىشى، ئوقۇغۇچىلىرىنىتۈرلۈك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك ۋەياخشىئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم. ئوقۇغۇچىلىرىغا«ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەركەت ئۆلچىمى » بويىچە ئىش قىلىش توغرىسىدا تەربىيەبېرىشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يەنىمۇ تىرىشىپ گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈشكە، ئوتتۇرا سەۋىيىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈنتىرىشىشقا، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالغا كەتكەنلەرنىقوغلاپ يېتىشىۋېلىشقارىغبەتلەندۈرۈشىلازىم.
5. كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم
سىنىپ مۇدىرى باشلامچى بولۇشى، دەرسئوقۇتقۇچىلىرىنى ماسلاشتۇرۇشى لازىم. ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام يېتىلدۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىكجەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن ياراملىق ئىختىساسلىق خادىملارغائايلاندۇرۇشى لازىم.
مەنبە:«شىنجاڭ مائارىپى»2006-يىللىق1-سان تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------