جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ مائارىپ رىقابەت كۈچى دوكلاتى ئېلان قىلىندى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مالىيە ۋە سودا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسى، ئىجتىمائىي پەنلەر ھۆججەت نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلار تۈنۈگۈن بېيجىڭدا شەھەر مائارىپى رىقابەت كۈچى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ،جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شەھەر ۋە رىقابەت كۈچى تەتقىقات مەركىزى تېما گۇرۇپپىسى تاماملىغان مائارىپتىكى شەھەر مائارىپى رىقابەت كۈچى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ئېلىمىزدىكى بارلىق مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر ۋە قىسمەن ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ مائارىپتا شەھەر رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش تەھلىل قىلىندى.دوكلاتتا ئېلىمىزدىكى 24 تىپىك شەھەرنىڭ 2000-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان ئالاقىدار كۆرسەتكۈچى تەھلىل قىلىنىش ئارقىلىق،جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ مائارىپ رىقابەت كۈچى كۆرسەتكۈچىسى بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقى، رىقابىتى كەسكىنلىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. دوكلاتتىن ئايان بولىشىچە: رايون جەھەتتىن قارىغاندا شەرقى رايون ئالغا ئىلگىرىلىگەن،ئوتتۇرا جۇڭگو رايونى مۇقىم بولغان،غەربىي رايون تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭجۇنىڭ رىقابەت كۈچى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان، سۇجۇ يېتىشىۋېلىش ھالىتىدە تۇرغان، نىڭبو ئەڭ مۇقىم بولغان. يەككە تۈردىن قارىغاندا شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ شەھەرنىڭ ئاساسىي مائارىپى بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىكەن. گۇاڭجۇ، شېنجېن،سۇجۇنىڭ ئاساسىي مائارىپى بىر قەدەر تېز يۇقىرىلىغان. شەرقىي جۇڭگونىڭ كەسپىي مائارىپ رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ،لېكىن تەڭشىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. نەنجىڭ، ۋۇخەن، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئالىي مائارىپى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرۇشى بىر قەدەر مۇقىملىشىپ قالغان. لېكىن گۇاڭجۇنىڭ يېتىشىۋېلىشى ئېنىق ئىكەن. جۇخەي بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى شەھەرلەرنىڭ سېلىنما سالمىقى زورايغان. قىسمەن ئۆلكە مەركەزلىرى بولمىغان شەھەرلەرنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرىلىغان.بۇنىڭدىن دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەر مائارىپقا ئۈزلۈكسىز ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بۇنىڭغا يار يۆلەك بولىۋاتقانلىقى، رىقابەت كۈچى كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭكىدىن بىر قەدەر تىز بولىۋاتقانلىقى، كەسپىي مائارىپ كۈچىيىۋاتقانلىقى، ئاساسىي مائارىپ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، لېكىن ئالىي مائارىپىنىڭ ئاستا بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە: ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ مائارىپى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىدە مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىك بار ئىكەن. 1.مائارىپنىڭ رولى تېخىمۇ روشەنلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن شەھەرلەر ئارا مائارىپ رىقابەت كۈچى كۈنسايىن كەسكىنلەشكەن. 2.مائارىپ بىلەن ئەنئەنىۋى يۈكسىلىش قېلىپىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ روشەنلەشكەن بولسىمۇ،بىراق يىتەكچىلىك رولى كەمچىل ئىكەن. 3.شەرقىي جەنۇبىي رايوننىڭ مائارىپقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولغان.مائارىپنىڭ يۈكسىلىش قېلىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى رولى بىر قەدەر روشەن بولغان. تاللانغان 24 شەھەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا: ھەر قايسى شەھەرلەر مائارىپىنىڭ شۇ شەھەرنىڭ قاتتىق دېتال رىقابەت كۈچىگە كۆرسەتكەن تەسىر پەرقى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن. دوكلاتتا يەنە 22 شەھەر مائارىپىنىڭ شەھەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىگە قوشقان تۆھپىسى سېلىشتۇرۇلغان.ئاساسىي مائارىپقا قوشقان تۆھپىسىدە گۇاڭجۇ، چاڭچۈن، خاڭجۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان؛ كەسپى تېخنىكا مائارىپقا قوشقان تۆھپىسىدە گۇاڭجۇ، شېنجېن، شېنياڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان؛ئالىي مائارىپنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچكە قوشقان تۆھپىسىدە شېنجېن ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ ئۇندىن قالسا گۇاڭجۇ، نەنجىڭ، ۋۇخەن، شىئەن شەھەرلىرى ئىكەن.
|