سۇسلىشىۋاتقان روھ
يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-14 20:58 مەنبەسى: بەشتاش مۇنبىرى ئاپتورى: تۇردى توختى كۆرۈلۈشى: قېتىم
سۇسلىشىۋاتقان روھ روھ ئادەم ئېڭىنىڭ مەلۇم بىر ئىشقا تۇتقان پۇزىتسىيەسىنىڭ يادۇرۇلۇق قىسىمى بۇلۇپ،بۇنى ئىككى خىل مەنىدە بىلەن ئىپا
سۇسلىشىۋاتقان روھ
روھ ئادەم ئېڭىنىڭ مەلۇم بىر ئىشقا تۇتقان پۇزىتسىيەسىنىڭ يادۇرۇلۇق قىسىمى بۇلۇپ،بۇنى ئىككى خىل مەنىدە بىلەن ئىپادىلەشكە بۇلۇدۇ.بۇنىڭ بىرى ئاكتىپ مەنىگە ئىگە بولغان روھ بۇلۇپ،بۇنداق روھقا ئىگە كىشىلەردە جەمىيەتكە ۋە مىللەتكە ،ئەۋلاتلارغا مەسئۇل بۇلۇش ئېڭى كۈچلۈك بۇلۇدۇ.بۇلار مەيلى قانداق قاتتىق تارىخى شارايىت ۋە قانچە قىيىنچىلىق بولغانسىرى جەمىيەتكە مەسئۇل بۇلۇش مەسئۇليىتىنى شۇنچە كۈچەيتىپ زامانىسىدىكى كىشىلەرنى يىتەكلەپ يېڭى بىر تەرەققىيات نوقتىسىنى يارتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.يەنە بىرى بولسا سەلبى مەنىدىكى روھ بۇلۇپ بۇنداق كىشىلەر ئۈزىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئادا قىلمايلا قالماي،يەنە كۈننىڭ ئۆتىشىنى ئۈزىنىڭ چىقىش نوختىسى قىلىپ،ھە دەپ قىيىنچىلىق،جاپا -مۇشاقەتنى يەڭگىلى بولمايدىغان نەرسە قىلىپ كۆرسىتىپ ھىچقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقمايدۇ.ماھىيەتتە بۇنداقلار تەرەققىياتنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى بۇلۇپلا قالماي يەنە ئەۋلاتلارنى ئىدىيە جەھەتتىن زەھەرلەپ،ئۇلارغا بوشاڭلىقتىن ئىبارەت بىر قۇللۇق ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ قۇيۇدۇ.
روھنىنىڭ بۇلغىنىشى بولسا مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ زەيىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرىسى.روھ بۇلغانسا ئادەمنىڭ ۋىجدانى ۋە ئەقلى ئىقدىدارى تۇسالغۇغا ئۇچراپ،ئەقىل بىلەن ئەمەس ھىسىيات بىلەن،ھايا بىلەن ئەمەس نۇمۇسسىزلىق بىلەن ئىش قىلىدىغان مەنزىرە جەمىيەتنى قاپلاپ كېتىدۇ-دە كىشىلەر ئۈزىنىڭ قىلۋاتقان ئىشىنىڭ قانداق خارەكتىردىكى ئىش ئىكەنلىگى بىلەن ھىساپلاشماي ھەممىنى ئىقدىسات(پايدا)بىلەن ئۆلچەيدىغان يامان ئەقىدەنى ئۈزىگە يار قىلىۋالىدۇ.
جەمىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق بۇنداق روھى جەھەتتىكى بۇلغۇنۇش خېلىلا باش كۈتۈرۈپ قېلىۋاتىدۇ.بۇ نوقتا ھەممىمىزگە ئايان .بەزى كىشىلەرنىڭ ھۇقۇق ۋە پۇل ئۈچۈن قىلىۋاتقان نۇمۇسسىزلىقلىرىنى تىلغا ئالدىغان بولساق ،كىشىنىڭ ھۆ قىلغۇسى كېلىدۇ.بۇ يەردە مەن ئەمىلى مىسال ئالمىساممۇ بۇنداق ئىشلار ھازىر يۇرت-يۇرتتا كۆزگە چېلىقىپلا تۇرۇدۇ.مانا بۇ ماھىيەتتە روھتىكى زەئىپلىشىش.
روھتىكى زەئىپلىشىش مەسىلىسى مىللىتىمىزنىڭ مەرت،جاسۇر ئۆز ئىشىغا ئۈزى ئىگە بولىدىغان خارەكتىرىنى سۇسلاشتۇرۇپ،مىللەتتىكى پۇچەك ئىدىيەلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئاساسى بۇلۇپ قالدى.روھنىڭ سۇسلىشىش جەمىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بۇلاپ تۇرىۋاتىدۇ.ئەڭ يامان يىرى روھنىڭ سۇسلىشىشى مائارىپ ساھىسىدە بەلگۈلۈك سالماقنى ئىگەنلەپ ئۇقۇتقۇچى روھى قەدەممۇ-قەدەم سۇسلىشىۋاتىدۇ(بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلاردا).ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ھەممدە پۇلنى ئۆلچەم قىلىپ،كۈننىڭ ئۆتىشىنى خالايدىغان يامان ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە خېلى قاتتىق ئۇچرىدى.بۇ نىمە دىگەن خەتەرلىك ھادىسە-ھە.
مائارىپ ئەۋلات تەربىلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بۇلۇپ،بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۇقۇتقۇچىلارغا تايىنىپ ئۇرۇندايدۇ.مۇشۇ نوختىدىن قارىغاندا ئۇقۇتقۇچى ئىنسانىيەت جەمىيەتىدىكى ئەڭ قىيىن ۋە ئەڭ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بۇلۇدۇ.بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى تۈۋەن بۇلىشىمۇ ئۇقۇتقۇچى روھىنىڭ قانداق بۇلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ.ئۇقۇتقۇچىلار مۇشۇ نوقتىنى تۈنۇپ يەتەلىسىلا تەربىلەش خىزمىتىنىڭ نۇقۇل ئادەم تەربىلەش بۇلۇپلا قالماي يەنە مىللەتنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بىلگەنلىك ئىكەنلىگىنى چۇڭقۇر ھىس قىلىدۇ.
بۇگۇنكىدەك تەرەققىيات ئىنتايىن تىز بۇلىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى تۇنۇپ يىتىشى قانچىلىك بۇلىۋاتىدۇ؟
بۇنى ھەر بىر مەسئۇليەتچان كىشى ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.مەن تۈۋەندە ھازىرقى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمىليىتى بىلەن ئوخشاش بولمىغان تارىخى شارائىتتىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق روھى ئۈستىدە ئاددى ئانالىز قىلىپ ئۆتىمەن.
1.ئۈزىنى بېغىشلاش روھى ئۈستىدىكى ئانالىز
مەيلى قانداق دەۋرى بۇلۇشتىن قەتتى نەزەر ئۇقۇتقۇچىلاردا چۇقۇم ئەۋلاتلارغا نىسپەتەن ئۈزىنى بېغىشلاش روھى بۇلۇشى كېرەك.بۇ خىل ئۈزىنى بېغىشلاش روھى خىلمۇ-خىل ئۇسۇللاردا ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.قانداقلا يۇسۇندا ئىپادىلەنگەن ئۈزىنى بېغىشلاش روھى بولسۇن ئۇ ئەۋلاتلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىدا بەلگۈلۇك رول ئوينايدۇ.بۇ بىر قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت.
ھازىر بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلاردا شۇنداق بىر ئىدىيەلەر ساقلىنىۋاتىدۇكى ئۇلاردا ئەۋلاتلارغا مەسئۇل بۇلۇش روھى يوق دىيەرلىك.
مەسىلەن :ئۇقۇغۇچىلار بەزى ئۇقۇتقۇچىلارنى ئىزدەپ كىلىپ بىرەر مەسىلىنى سورىماقچى بولسا ئۇ ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىنى مەلۇم سەۋەپ بىلەن جاۋاپسىز قايتۇرۇدۇ.ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغان سەۋەبى :بۇ دىگەن مىنىڭ ئارام ئېلىش ۋاختىم،كىيىن كەل.مىنىڭ قۇلۇمدا ئىشىم بار ھازىر ۋاختىم يەتمەيدۇ..دىگەندەك چويلىدا تۇرمايدىغان بانىلار.يەنە بەزى ئۇقۇتقۇچىلار قەرت،شاخمات ئويناپ ئولتۇرۇپ دەرس قالدۇرۇدۇ.نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسەن دەپ سورىغانلارغا كورسىتىدىغان سەۋەبى <<دەرسىمنى كىيىنكى سائەتتە ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن>>،<<تېخى ئارام ۋاختى توشمىدىغۇ >>...دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
يەنە بەزى ئۇقۇتقۇچىلار ئۈزىنىڭ سىنىپدىكى ئۇقۇغۇچى كىسەل بۇلۇپ قالسا ياكى مەكتەپتە بىرەر سەۋەپتىن يارىلىنىپ مەكتەپكە كېلەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۈرۈلسە ئۇقۇغۇچىسىنى يۇقلاپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىشنىمۇ خالىمايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆز سىنىپدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىر كۈنلۈك پالىيەتنى سىنىپقا بېرىپ ئىگەنلىمەي مەكتەپتىن قايتىپ كېتىدىغان،ياكى ئاغىزىنىڭ ئۇچىدا قايتىساڭلار بۇلۇدۇ دەپ قۇيۇپ ئىشىنى قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.يەنە سۆزلەپ كەلسەك گەپ تۇلا
مۇشۇنداق رىياللىق ئالدىدا بىز ھازىرقى بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ روھى جەھەتتىن چۈشكىنلىشىپ كەتكەنلىگىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.
بىز يۇقارقى ئەۋلاتلارنى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ دەۋرىدىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ روھى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كورسەكلا مەسىلىنىڭ ماھىيەتنى ھىس قىلالايمىز.
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ باشلامچىلىرى بولغان مېمىتىلى ئەپەندى(تەھپىق)،ئابدىقادىر داموللا...مائارىپ سۇيەر ئىجدىمائى ئەرباپلاردىن باۋۇدۇن باي،مۇسا باي قاتارلىقلار ئۈزىنىڭ مىللىتى ۋە مائارىپى ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى؟ئۇلار نىمە ئۈچۈن ھاياتى بەدىلىگە ئۇيغۇر مائارىپىنى گۈللەندۈرمەكچى بولدى؟بۇنىڭغا بىرىلىدىغان جاۋاپ شۇ بىرلا ئۇ بولسىمۇ ئۇلار -ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلۇنۇپ،مىللىتىنى قەد كۈتۈرگۈزۈشنى ئۈزىنىڭ مەجبۇريىتى دەپ قارىغان.
بىزدە ھازىر ئېقىۋاتقان قانمۇ شۇلارنىڭ قېنىغۇ؟نىمە ئۈچۈن قان ئوخشاش تۇرۇپ،روھ ئوخشىمايدۇ؟بۇ بىزدىكى ئەنئەندىن ياتلىشىۋاتقانلىغىمىزنىڭ مەسئۇلى.ئەنئەنىدىن ياتلىشىش مىنىڭچە روھتىكى پىچەكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرسى.
يۇقارقى ئانالىزىمىزدىن شۇنداق خۇلاسسە چىقىرىش مۇمكىنكى ئەۋلاتلارغا ئۈزىنى بېغىشلاش روھى <<تەھپىق>>روھىغا سېلىشتۇرغاندا كۈرۈنەرلىك تۈۋەنلەش يۈنۇلىشىدە بولغان.
2.ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقى جەھەتتىكى ئانالىز
ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ياش ئەۋلاتلارغا ئۈلگە بۇلۇشىدىكى مۇھىم پەزىلەتلەرنىڭ بىرىسى.بۇنى ھەرقانداق ئۇقۇتقۇچى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس.مۇشۇنداق ئەھۋاللار ئاستىدا يەنە نىمە ئۈچۈن ھازىرقى دەۋرىدىكى بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلار ئۈزىدىكى ئەڭ پەزىلەتسىز تەرەپلەرنى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىدۇ.مىنىڭچە بۇ شۇ ئۇقۇتقۇچىدا كەسپىي ئەخلاق ئېڭىنىڭ تولىمۇ تۈۋەنلىگنى كۈرسۈتۈپ بېرىدۇ.
بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىختىيارى پالىيەت ۋاقىتلىرىدا مەيداندا تاماكا چىكىشى،دەرسكە كىردىغان چاغدا تاماكىسىنى ئىنەكنىڭ ئەمچىكىنى شورىغاندەك شوراپ سىنىپنىڭ ئالدىغىچە بېرىشى،يەنە بەزى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ يان تېلىپۇن بىلەن دەرس ۋاقتىلىرى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۈزىدىلا قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىشىشى،ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىنى ھاراق،تاماكىغا بۇيرىشى ياكى بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشى ..قاتارلىقلار.بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئايال ئۇقۇتقۇچىلاردىكى قىسمەن ئىللەتلەر قاتارلىقلار ئۇقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي ئەخلاقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى كۈرسۈتۈپ بېرىدۇ.مۇشۇنداق ئۇقۇتقۇچىلار تەربىلەپ يىتىشتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلاردىن قانداق ئۈمۈتلەرنى كۈتكىلى بۇلار؟بۇ ھەممە كىشىنى ئويلاندۇرۇشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرسى.يۇقارقى ئۇقۇتقۇچىلار يەنە دايىم ئۇقۇغۇچىلاردىن ئاغرىنىپ ئۇقۇغۇچىلارنى ئەخلاق ئىنتىزامنى بىلمەيدىغان،چوڭلارنى ئۇقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان قىلىقسىز ھايۋان سۈپەت قىلىپ تەسۋىرلىشى ئادەمنىڭ غىدىغىنى كەلتۈرۈدۇ.سىز ئاشۇ ئۇقۇغۇچىلارنى ئەيىپلەشتىن ئىلگىرى ئوزىڭىزنىڭ نىمە سۈپەت <<ئۇقۇتقۇچى>>ئىكەنلىگىڭىز ئۈستىدە قاتتىقراق ئويلىنىپ بېقىشىڭىز كېرەك ئىدىغۇ دەيمەن؟
يۇقارقى رىياللىقنى 1970-1980يىللاردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقىغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ئۇ ئۇقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىغا شۇ دەرجىدە قاتتىق تەلەپ قويغانكى شۇ ۋاقىتتىكى ئۇقۇغۇچىلار ئۇلارنىڭ نە تاماكى چەككىنىنى،نە تاماق يىگىنىنى شاگىرتلىرىغا كۆز-كۆز قىلغان ئەمەس.مىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا <<ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ھاجەت قىلامدىغاندۇ>>دەپ ئويلىنىپ قالغان چاغلىرىممۇ بولغان،باشقا زامانداشلاردىمۇ شۇنداق تۇيغۇ بۇلۇپ باققان بۇلىشى مۇمكىن.ھازىر بەزى كىشىلەر بۇنداق ئەھۋالنى ئۇقۇتقۇچى بىلەن ئۇقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى،چۈشىنىشى يۈزەكى،ئۇقۇتقۇچىمۇ ئىجدىما ئادەم ئۇمۇ ھەرقانداق ئىشتىن خالى ئەمەس شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇقۇغۇچىلار بىلەن ئۇقۇتقۇچى ئوترىسىدا ئۇنداق چوڭ ھاڭ بولسا بولمايدۇ دەپ چۈشەندۈرىدۇ.مەن شۇنداقلاردىن سوراپ باقسام ئۇقۇتقۇچى بىلەن ئۇقۇغۇچىلار ئوترىسىدىكى ئەخلاق جەھەتتىكى پەدىشەپنىڭ بۇلۇشى نورمالسىزلىقمۇ؟مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس شۇ دەۋرىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرى ئۇقۇغۇچىلارغا شۇنداق كۈيىنەتتىكى ھەر قاچان ھەر زامان ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈگىنىش ۋەتۈرمۇش جەھەتتىكى تەلىۋىنى يەردە قۇيۇپ باققان ئەمەس.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەخلاقى جەھەتتىن ئۇقۇغۇچىلىرىغا ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويغان بولغاچقا شۇ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قۇلىدا تەربىلىنىپ چىققانلار بولسۇن ياكى شۇ مەكتەپتە ئۇقۇغانلار بولسۇن شۇ ۋاققىتتىكى ئۇقۇتقۇچىلارنى ھېلىھەم ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن چارە كۈرۈپ ھۆرمەتلەيدۇ.
يۇقارقى ئانالىزىمىزدىن شۇنداق خۇلاسىغا ئىرشىمىزكى ئەخلاقى جەھەتتىكى تۇنۇش سۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.
3.ئۈگۈنىش روھى جەھەتتىكى ئانالىز
بىلىمنى يېڭىلاپ تۇرۇش،ئۈگىنىش ۋە ئىزدىنىش روھى ئۇقۇتقۇچى بولغان كىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان روھ.دۇنيا تەرەققى قىلىدىغان دۇنيا،بىلىم كونىراپ تۇرىدىغان قۇرال مۇشۇ نوختىدىن قارىغاندىمۇ ئۇقۇتقۇچىلار بىلىم يېڭىلاشقا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىپ زامان بىلەن ماس قەدەمدە يەنە بىر رىۋايەتتىن قارىغاندا زاماننىڭ ئالدىدا مېڭىشقا تەييارلىق قىلىشى لازىم.ھازىرقىدەك ئۈگۈنىش پۇرسىتىنىڭ كەڭلىگىدە ئۇقۇتقۇچىلار تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك.
ھازىرقى ئەمىليەتنى تەھلىل قىلىپ كۈرىدىغان بولساق قىسمەن ئۇقۇتقۇچىلار ئۈگىنىشنى بىر ئاۋارىچىلىق دەپ قاراپ قاچانلاردىدۇ ئالى مەكتەپلەردە ئۈگىنىۋالغان ،كونىراپ ئەۋجىقى چىقىپ كەتكەن نەزىريىلىرىنى ھازىرمۇ دەسمايە قىلىپ جان ساقلاپ يۇرۇيدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ ئۇقۇغۇچىلارنى ئىنۋىرسال تەرەققى قىلدۇرش مەخسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ؟
يەنە بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلار(بۇلۇپمۇ ياش ئۇقۇتقۇچىلار)ئۇقۇتقۇچى بولغاندىن تارتىپ بۇگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە بىرەر قۇرال كىتاپ ياكى گېزىت-جورنال سېتىۋېلىپ كۈرۈپمۇ باقمىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.بۇنداق ئۇقۇتقۇچىلاردا ئىجدىمائى بىلىم ئاساسەن يوق دىيەرلىك بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇلار دەرسكە كىرسە خۇددى سۇنىڭ ئۈستىدىكى كۈپىكتەپ لەيلەپ قېلىپ ،ئۇقۇغۇچىلارغا كىتاپتىكى گەپنى سوزمۇ-سۆز ئۈگىتىپ چىقىدۇ.ئەمىليەتكە ماسلاشتۈرۈلمىغان بۇ قۇرۇق نەزىريە ئۇقۇغۇچىلار بىر تەنەپىسكە چىقىپ كىرسىلا يوق.
يۇقارقى رىياللىقنى 1970-1960-يىللاردا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۇقۇتقۇچى بولغانلارنىڭ ئەمىليىتى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق بىز چۇقۇمكى خىجالەتچىلىكتە قالىمىز.ئۇلار شۇنداق قىيىنچىلىقلار ئالدىدىمۇ روھىنى ئۇرغۇتۇپ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۈگىنىپ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى بولغانلىرى دەرسنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالايدىغان قابۇليەتنى يىتىلدۈرگەن بۇنى شۇ ۋاقىتتا ئۇقۇغانلار تۇلۇقى بىلەن چۈشىنىدۇ.ئۇلار ئادەتتە خەتتاتلىقنىمۇ ھەممىسى دىگۈدەك ئۈگەنگەن بۇلۇپ تەربىلەگەن ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتىمۇ ئىنتايىن چىرايلىق،تەلەپ بۇيۇچە بولغان.ھازىرقى ئۇقۇتقۇچىلار تەربىلىگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ %40نىڭ خىتىنى ئۇقۇغۇلىمۇ بولمايدۇ.بۇ ئەڭ ئادىدى سېلىشتۇرما.
شۇ چاغلاردا ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغانلارمۇ كېمىدا 2-3كىچە كەسىپنىڭ ھۆدىسىدىن چىقىپ ئۇقۇغۇچىلارنى لاياقەتلىك تەرنىلەپ چىقىش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۈگەنگەن،ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇلۇقسىز سىپەننى پۈتتۈرۈپ تۇلۇققا دەرسكە كىرگەنلەرمۇ خېلى بار.بۇلارنىڭ ئىچىدە مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالماڭ دەرسكە كىرىدىغان ئۇقۇتقۇچىلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك.ھازىر بولسا دەرسنى ئۇقۇتقۇچى كۆزگە ئىلمامدۇ ياكى باقىچە مەخسىدى بارمۇ تەييارلىقسىز دەرسكە كىرىپ مەكتەپ ۋە ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدا ساڭگىلاپ يۈرىيدىغان ئۇقۇتقۇچىلىرىمىز خېلى بار.
يۇقارقى ئانالىزىمىزنى خۇلاسىلىساق ھازىرقى ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئۈگىنىش روھىنىڭمۇ سۇسلىشىۋاتقانلىغىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.
قىسقىسى يۇقارقى 3مەسىلىنى بىرلەشتۈرسەك ھازىرقى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدىكى روھىنىڭ جۇلالىنىش دەرىجىسى بارغانسىرى سۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.
تۇردى توختى
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------