مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا ئوقۇتقۇچى ئۆز نۆۋىتىدە ئەڭ يۈكسەك غايىگە ئىگە ، ئەڭ يۈكسەك بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان كىشىلەر بۇلۇپ ئەڭ ئەقىللىق ئىنسانلاردۇر . ئۇلارنىڭ چىدامچانلىق روھى قار-شىۋرغاندا ، پىژغىرىم ئىسسقلاردا بولسۇن ئۆز خاسلىقىنى يوقاتماي تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان قارغاينى ئەسلەتسە ، مەسئۇلىيەتچانلىقى تىنىمسىز شىرنە يىغىپ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش ھەلەكچىلىكىدە ئۆزىنى ئۇنتۇيدىغان ھەسەل ھەرىسىنى ئەسلىتىدۇ . ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتى تەكرارلىنىش قايتىلنشنى ئاساس قىلغان خىزمەت بۇلۇپ ئۇنڭ ئەڭ نازۇك يىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاشۇ ھەر كۈندىكى تەكرارلىنشتىن يېڭلىنىش ياساپ گۈل – بوغۇنلارغا ئۆزگىچىلىك ئاتا قىلشتا ئوبرازلىق گەۋدىلندۇ . ئوقۇتقۇچى مىننەتتىن مىھنەتنى ئەلا كۆرىدىغان كىشىلەردۇر . ئۇلار مەكتەپنىڭ نەچچە – ئون ئېغىز ئوقۇتۇش سىنىپى ، نەچچە يۈزلىگەن ئوقۇغۇچى شۇنداقلا ئۆزىگە ئوخشاش نەچچە ئون ئوقۇتقۇچىدىن تەشكىل تاپقان ئاددى سىخىما ئەمەسلكنى ئوبدان بىلىدۇ .ئۇلار بۇ مەدەنىيەت بۈشۈكىدە كىلگۈسى ئەۋلادلارنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ ياخشى تەربىيلىنىش پۇرسىتىن بەھرىمان قىلىش توغرىسىدا توختىماي ئىزدەنگۈچىلەردۇر . خۇددى ئەمەلارمۇ ئۆز ئەتراپىدىكى شەيئىلەردىن ھۇزۇرلىنشنى بىلگىنىگە ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆز ئەتراپىدا يۈز بىرۋاتقان ئىشلارغا باھا بىرەلىگىدەك ئاڭ – ئىدىيەگە ئىگە . ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە قايسى ئىشلارنىڭ ئۆز لايىقىدا قانات يىيىشىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ؟ 1 – ئوقۇتقۇچىلار ئىشلىگەن خىزمىتنىڭ ئەمىلى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىشىگە ئەھمىيەت بىرىدۇ . ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز خىزمەت ئورنىدا بەلگىلىك نەتىجە يارتىش ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرشچانلىق كۆرسىتىدۇ . ھازرقى ئىسلاھات دەۋرىدە ئۆز بىلىمنىڭ كونىراپ دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرليەلمەسلكىدىن ئەنسىرەپ ئۆز بىلىمىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇ ، ئۆزىنىڭ مۇناسىپ تىرشچانلقىنى ياش – ئەۋلادلارنى تەربىيلەش يولىدا سەرىپ قىلىدۇ . شۇڭا مەكتەپ رەھبەرلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بىرشتە ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرشچانلقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقى ، ئۈنۈم ھاسىل قىلغان – قىلمىغانلقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىشى ، ئۆز خىزمىتىدە قانچىلىك بۆسۈش ھاسىل قىلغانلقىغا قارىشى كىرەك . ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتىگە باھا بىرىش ئائىلە – ئىلكتىر سايمانلىرنى باھالاشقا ئوخشىمايدۇ . ھەممە كىشى تۇمۇز ئىسسقتا ئۆزىگە سالقىنلىق ئاتا قىلغان ئۆينىڭ تۆرىدە رەڭگارەڭ ياپقۇچلار ئاستىدا ئۆز جەزبىدارلقىنى نامايان قىلدىغان شامالدۇرغۇچنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ يۇ قىش – ياز ، ئىسسىق – سۇغۇق دىمەي كۆزلىرمىزدىكى چاپاق ، يۈز – بۇيۇنلىرمىزدىكى قاسماقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان قىممەتلىك سۇ قاچىلانغان ئادەتتىكى مىسكەنىڭ قولىدىن چىققان كارغا كىلشچانلىق يۇقىرى بولغان پەگادىكى چەينەكنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . دىمەكچىمەنكى رەھبەرلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتىگە باھا بىرشتە ئىنچىكە ھالقىلارنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىقى ، كۆڭلىنىڭ يېقىن - يىراقلىقىغا ، مۇناسىۋەت دائىرسىنىڭ كەڭ – تارلىقىغا ئەمەس ئۆز خىزمىتنىڭ ھۆددىسىدىن بىجاندىل چىققان – چىقمىغانلقىغا ، مائارىپ فاڭجىننىڭ ئىزچىللىششىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان – قوشمىغانلقىغا قارىشى كىرەك. 2- مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئىشەنچىسى يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتپچانلقنى قوزغاشتا كەم بولسا بولمايدۇ . مەرىپەت ماكانىغا قەدەم قويغان ھەر بىر ئوقۇتقۇچى مەيلى ئۇ قايسى خىلدىكى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بولسۇن يۇقىرى دەرجىلىك مائارىپ – مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ، نازارىتى ئاستىدا مەرىپەت ماكانىغا قەدەم قويغان . گەرچە بىر قىسىم يىڭى ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ مەكتەپ ›› سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئاددىيلا بالا تەربىيلەيدىغان ئورۇن دەپلا چۈشەنسىمۇ ئۇلارنىڭ مۇشۇ چۈشەنچىسى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ، پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ،چۈشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالسا قەتئى بولمايدۇ . ئۇلار پەقەت مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئاشۇ ئاددى چۈشەنچىسى ئاساسىدا بارا – بارا مۇكەممەللىشىپ قانداق ئادەم تەربىيلەش ؟ ئادەمنى قانداق تەربىيلەش ؟ كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيلەش ؟ مەقسىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئۆز رۇلىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ . 3- مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ . مەكتەپ رەھبەرلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزىرىدە كۆپنى كۆرگەن ، بىلىم قابىلىيەت جەھەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغان ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن مۇكەممەللەشكەن ،مەكتەپتىكى بارىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يتەكلەپ دۇچ كىلىۋاتقان مائارىپ خىرسىغا تاقابىل تۇرالايدىغان ، قابىل سەركەردىلەردۇر . مەكتەپ رەھبەرلىرىنى يۇقىرى دەرجىلىك ئۇرۇنلار ‹‹ بىرگە ماھىر ، كۆپكە قادىر ›› دەپ تەكلىپ قىلغان ئىكەن ئادديسى ئۆزلىرى يىزشقا، قول سىلىپ ئىشلەشكە تىگىشلىك پىلان خۇلاسىلارنى ئۆزى يىزىشى ، ھەرگىزمۇ سىنىپتىكى بىر قولىنى ئون قىلالمايۋاتقان ئوقۇتقۇچلارغا تەقسىملەپ بىرىپ ئىش ئۈنۈمى مائاشىنى دوقال قىلىپ بىسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ بىلىم بىرىپ ئادەم تەربىيلەش ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىكى كىرەك . مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۆزلىرى تۈزۈپ پىلانلاشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئوقۇتقۇچىلار تۈزۈپ تولوقلاپ بەرسە ئوقۇتقۇچىلار كاللىسىدا رەھبەرلىك قىلالمىغان ئوخشايدۇ دەيدىغان خاتا ئىدىيە شەكىللىنىپ قالماسمۇ ؟ 4- مەكتەپنىڭ دىمگۇراتتىك باشقۇرلىشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ . مەكتەپتىكى نەچچە – ئون ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇي – پەيلى ، مىجەزى ، ئارتۇقچىلىقى ، يىتەرسىزلىكى بۇلىدۇ . مەكتەپ رەھبەرلىرى چۇقۇم ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئارتۇقچىلىق ، يىتەرسىزلىكىنى تولۇق بىلىشى ، مىجەز خۇي – پەيلىنى پىششىق ئىگەللىشى ، ئارتۇقچۇلۇق ئارقىلىق يىتەرسىزلىكنى تۈگىتىشكە ، يىتەرسىزلىك ئارقىلىق ئارتۇقچىلقنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ماھىر بۇلۇشى كىرەك . مەكتەپ خىزمىتىگە ئانچە ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدىغان ، مەكتەپ قائىدە- تۈزۈملىرنى كۆزگە ئىلمايدىغان ، ھەر دائىم ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشى ئۈچۈن پالاقشىپ يۈرۈيدىغان ، رەھبەرلىك بىلەن ئىچ قويۇن – تاش قويۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ سەۋەنلىكلىرى كۆزگە چىلىقماي ، ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن جان – پىدالىق بىلەن چىقىپ ئۆز رۇلىنى تولۇق جارى قىلدۇرۋاتقان ئەمما رەھبەرلىككە ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا ئىبرەت قىلىش ئوبىكتى قىلىپ تاللىنپ تەنقىد قىلنسا ياكى غۇرۇرىغا تىگىلسە ،مىنىڭچە ؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رەھبەرلىكنىڭ خىزمەت ئىستىلىغا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلىرنىڭ پارتىلاش نوقتىسىغا ئايلىنىپ قىلىپ مەكتەپ رەھبەرلىرى ئادىللىق تەشەببۇس قىلنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە ئۆز ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ قويىدۇ . 5- مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ بۇيرۇقۋاز بولماسلىقنى ئۈمىد قىلىدۇ . مەكتەپ رەھبەرلىرىدە چۇقۇم باشقۇرۇش ئىديسى بىلەن بىرگە مۇلازىمەت قىلىش ،يىتەكلەش ئىديسى بۇلۇشى كىرەك . مەكتەپ رەھبەرلىكى دىگەنلىك ھەرگىزمۇ ئاشۇ مەكتەپتە شۇنىڭ دىگەن سۆزى قانۇن دىگەنلىك ئەمەس .بىر خىل ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇللىرى بۇلىدۇ . بۇيرۇق تەلەپپۇزدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشلارنىڭ ئۈنۈمى ماھيتنى ئىچىپ بىرىش ئاساسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشلارنىڭ ئۈنۈمىدىن ياخشى بۇلۇشى ناتايىن . قاتتىقراق قىلىپ ئىيتقاندا مەكتەپ رەھبەرلىكىنى قاينىتىپ ،قان بىسىمىنى ئۆرلىتىۋاتقان بەزى ئىشلارنى رەھبەرلىكنىڭ ئۆزىمۇ قانداق قانات يايدۇرۇشنى بىلمەيدۇ . شۇڭا مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۆزىنى چوڭ تۇتماسلىقى، مەكتەپتىكى ئاددى ئوقۇتقۇچىلارنڭمۇ ئالى بىلىم يۇرتلىرىنى تاماملاپ كەلگەن توغرا – خاتانى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ياخشى ياماننى ئايرىيالايدىغان نۇرمال ھىسىياتقا ئىگە ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسان ئىكەنلىكنى ئەستىن چىقارماسلىقى كىرەك . 6- يېغىننڭ ئاز – ساز ئىچىلشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . مەكتەپتىكى مەركىزى خىزمەت ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئونۋىرسال ساپاسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش . ئۇندىن باشقا خىزمەتلەر ئوقۇ- ئوقۇتۇشنىڭ نۇرمال تەرتىپ بۇيىچە ئىلىپ بىرلشىدا ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ماسلاشتۇرۇش ، تولۇقلاش رۇلىنى ئوينايدىغان خىزمەتلەردۇر . مەكتەپ رەھبەرلىكى ھە دىسىلا دەرىس ۋاقتى بىلەن ھىساپلاشماي بىر سىنپقا بىردىن توغرا كىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشخانىغا يىغىۋىلىپ شېرە مۇشتلاپ ، ئوقۇتقۇچىلارغا بۆ – بۆ قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگەللەش پۇرسىتىگە خىرىس قىلىپ بەش مىنۇتتا ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇلىدىغان ئىشنى ئىككى سائەتكە سوزۇپ تاكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىشى پارتا ئاستىغا ساڭگىڭمىغىچە ياكى ئۆز گىپىدىن ئۆزى قانائەت ھاسل قىلمىغىچە توختىمىسا ئويلاپ باقايلى مەرىپەت ماكانىنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتمەسمۇ ؟ شۇڭا مەكتەپ رەھبەرلىكى يىغىن ئىچىشتىن بۇرۇن نېمە تىمىدا يىغىن ئاچىدىغانلقىنى ، قايسى ئىشلارنىڭ مۇھىم ئىكەنلكنى ،قايسى ۋاقىتتا ،قانچىلىك ۋاقىتتا يىغىننى ئىچىپ بولسا ئوقۇ- ئوقوتۇشقا تەسىر يەتمەيدىغانلقنى ئالدىن پىلانلىۋىلىپئاندىن ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىشى ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلىپ بىرىشى يىغىننىڭ ئاز ، ساز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك . 7- مەكتەپتە كۆڭۈل ئازادىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . مەكتەپ كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنە بىر ئائىلىسى بۇ ئائىلىنى جانلاندۇرۇش ، رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش ئائىلە باشلىقىنىڭ يەنى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مەسئۇليتى ھەم مەجبۇرىيتى . يۇقىرى بىسىم يۇقىرى ھارارەت ھەر قانداق پولاتتىن ياسالغان نەرسىنىمۇ كاردىن چىقىردۇ . ئوقۇتقۇچىلار دەرىس تۈگىگەندىن كىيىن ئۆز-ئارا گۇرۇڭ – مۇرۇڭ پاراڭلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ، ئائىلسىدىكى كۆڭۈللۈك – كۆڭۈلسىز ئىشلارنى سۆزلىشىپ تەسەللى تىپىشتىن ، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئىيتىشىپ ھۇزۇرلۇنۇپ بىر قىتىم كۈلۈشتىن ، ئاددىسى توپ مەيدانىدا بىر قىتىم ئىچىلىپ – يىيىلىپ توپ ئويناشتىنمۇ چەكلەنسە ئائىلسىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئايالنىڭ ئۆينى بولۇشىغا تۇتقانغا ئوخشاش ھالەت شەكىللىنىپ قالماسمۇ ؟ ‹‹ بۇغداي نىنىڭ بولمىسا ، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى ›› دىگەندەك مەكتەپ رەھبەرلىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە بىيتالمىسىمۇ بار شارائىتتىن پايدىلنىشقا توسالغۇ بولماسلىقى ، بىر – ئىككى ئېغىز كۆڭۈل ئاۋۇندۇردىغان سۆزلىرى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىپ تۇرۇشى كىرەك . 8- مەكتەپ مالىيەسىنىڭ ئۆز ئورنىغا ئىشلىتىلشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . مەكتەپ مالىيەسى ئوقۇ- ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ كەم تەرەپلىرىنى تولوقلاشقا سەرىپ قىلندىغان بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ مالىيەسىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارە بۇلۇشىنى ، يۇقىرى دەرجىلىك ئورۇلارغا تەستىقلىتىپ ئاتچوت قىلدۇرغان پۇللارنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىكى نىيەت قىلىپ ياساتماقچى ، تولۇقلىماقچى بولغان ئورۇنغا تولۇقى بىلەن ئىشلتىلشىنى بىر ۋاراق پۇلغا قىلىغىلى بولىدىغان ئىشلارغا بىر سىقىم پۇلنىڭ دوكىلاتىنى يىزىپ ھۆكۈمەت مالىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئادەتتىكى تامچى ،سىرىچى ، قىشچىلارغا قۇيرۇقىنى تۇتقۇزۇپ قويماسلقىنى ، مەكتەپ مالىيەسىنى مەكتەپ ئوقۇ – ئوقۇتۇش شارائىتى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئىلكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ئۈسكىنلىرنى تولوقلاشقا ، مەكتەپ ئىچىنى يىشىللاشتۇرۇشقا ، مەكتەپ مەنۋيتىنى جانلاندۇرۇشقا ، ئەڭ ئاددىيسى گار بار توپ يوق ، ئوتۇن بار چوت يوق ھالەتنى تۈگىتىشكە سەرىپ قىلشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .
|