پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

مەكتەپ مۇدىرلقنى قانداق قىلىش كىرەك

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-21 23:41 مەنبەسى: ئاپتورى: بەردى كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەكتەپ مۇدىرلقنى قانداق قىلىش كىرەك ؟ مەكتەپ نەچچە ئون ئېغىز ئوقۇتۇش سىنپى ، ئون نەچچە ئوقۇتقۇچى شۇنداقلا نەچچە -يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىل

مەكتەپ مۇدىرلقنى قانداق قىلىش كىرەك ؟

 

مەكتەپ نەچچە – ئون ئېغىز ئوقۇتۇش سىنپى ، ئون – نەچچە ئوقۇتقۇچى شۇنداقلا نەچچە -يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان ئاددى سېخىما ئەمەس . مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇيرۇق قىلىپ قويسلا توغرا-خاتاسىنى ئايرىماي ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئەتراپڭىزدا پەرۋانە بۇلىدىغان ،توختاش بۇيرۇقىنى بەرمىگىچە مىدىرلاپ كۆڭلىڭىزنى ئەمىن تاپتۇردىغان ، مەخسۇس مۇدىرنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدىغان قىلىپ لاھيلەنگەن ماشىنا ئادەم ئەمەس .ئۇلاردىمۇ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر ، ئوي – خيال ، ئەتىراپىدا يۈز بىرۋاتقان ئىشلارغا باھا بىرەلىگۈدەك ئاڭ- ئىدىيە بۇلىدۇ .

مەكتەپ مۇدىرى بولغۇچى چۇقۇم ئۆزى يىتەكچىلىك قىلۋاتقان مەكتەپنى ، ئوقۇتقۇچىلارنى تۇلۇق چۈشىنىشى ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىقنى ئېنىق بىلىشى ، ئۆزىنىڭ بارىلق ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشقا سىلىپ ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ دۇچ كىلىۋاتقان مائارىپ خىرىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا سەگەكلىك بىلەن ئويلىنىشى ، مەكتەپنى چۇقۇم سىڭىپ كىرىشكە قارشى مۇستەھكەم بازىغا ئايلاندۇرۇشى ، مەكتەپنى ھەممە كىشى ئىتراپ قىلغۇدەك كۆزنەك مەكتەپ قاتارىدىن  ئورۇن ئالدۇرىمەن دەيدىغان ئازغىنە غايىمۇ بولسا بۇلۇشى كىرەك.

مەكتەپ مۇدىرى ھەرگىزمۇ يۇقىرى دەرجىلىك ئۇرۇنلاردا ئىچىلغان يېغىن روھىنى ئىككى سائەت ئېنجىقلاپ ئولتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگەللەش پۇرسىتىگە خىرىس قىلىپ ، ئوقۇتقۇچىلارغا بۆ-بۆ قىلىپ شېرە مۇشتلاپ يەتكۈزۈشنىلا بىلىدىغان خانلىق دەۋردىكى مەھرەم بەگلىرىگە ئوخشاپ قالماستىن ئەكىسچە  يول ئېچىپ يېڭىلىق يارتالايدىغان سەركەردىلەرنىڭ ئوبرازىنى يارتىشى كىرەك .

مەكتەپ مۇدىرلىرى سۇنىڭ ئېقىشىغا بىقىپ ئىش تۇتماسلىقى ،چۇقۇم مۇستەقىل پىكىرلىك بۇلۇشى، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى بۇلۇشى كىرەك . ئىش بىجىرگەندە  مۇدىرلىق ئورنۇمدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ دىگەننى ئەمەس، قانداق قىلسام مەكتەپنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ كەلگۈسى ئىز- باسارلارنىڭ مۇكەممەل بىلىم ئىلىشىغا يەنىمۇ پىشىپ يىتىلگەن پۇرسەتلەرنى يارتىپ بىرەلەيمەن دىگەنلەرنى ئويلىشى كىرەك .

مەكتەپ مۇدىرىدا مەكتەپ ئىچىدىكى زىدىيەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىقتىدار بۇلۇشى كىرەك . ئادەم بار جايدا زىدىيەت بۇلىدۇ بۇنداق زىدىيەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلماي ياكى ئالدىراپ – سالدىراپ يۇقىرى دەرجىلىك ئۇرۇنلارغا مەلۇم قىلىپ ياخشىچاق بۇلۇشنى ئويلىسا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسزلىقنى ئاشكارلاپلا قالماي بەلكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزرىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ .

مەكتەپ مۇدىرى چۇقۇم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىنىگە ئۆز قۇلۇقى بىلەن ئاڭلىغىنىغا ئىشنىشى بەزى ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قۇيۇشقا ماھىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئويلاشماي قارار چىقىرىپ مەكتەپ ئىچىدىكى زىدىيەتنىڭ پىلتىسىگە ئۆز قولى بىلەن ئوت يېقىپ قىلىشتىن ساقلىنىشى كىرەك .

مەكتەپ مۇدىرى چۇقۇم بارىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى ، مەكتەپ مەمۇريتى بىكىتكەن ئوقۇتقۇچىلار مۇزاكىرسىدىن ئۆتكەن قائىدە -تۈزۈملەرنى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش تەدبىقلىشى كىرەك . كۆڭلىڭز يېقىن ئوقۇتقۇچى نۇرغۇن قىتىم مەكتەپ قائىدە تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلسا كۆرمەسكە سىلىپ ، ئۆز خىزمىتىىنىڭ ھۆدىسىدىن بىجاندىل چىقىۋاتقان سىزگە ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچنىڭ كىچىككنە سەۋەنلىكى ئۈچۈن بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇنىڭغا سۇغۇق تەگسىڭىز  سىز چۇقۇم ماڭا ۋاي دېمىگەنلەر ئۆزۆڭگە ھىزى بۇلۇش دىگەن خىتاپنامىنى جاكارلىغان بۇلىسىز دە  - ئوقۇتقۇچىلار قىتىرقىنىپ دەرىس تەييارلايدىغان ۋاقتىنى سىزگە يېقنچىلىق قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئۈستىدە ئېزدىنىشكە سەرىپ قىلىۋىتىپ مەكتەپتە ئىككى قۇتۇپ شەكللەندۈرۈپ قويىسىز .

مەكتەپ مۇدىرى كەمتەر بۇلۇشى ، كىبىر كۆرسەتمەسلىكى چىرايىدىن خۇش تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرۇشى كىرەك . چىرايىدىن ھەر دائىم مۇز يىغىپ تۇرىدىغان ، ئىككى ئېغىز چىرايلىق گىپىنىڭ تايىنى يوق  ئۆزىنى خۇددى ب د ت نىڭ باش كاتىپىدەك چاغلايدىغان مۇدىرلار پۇلنىڭ كۈچى ياكى مۇناسىۋەت دائىرسىنىڭ كۈچى بىلەن  ئورنىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ بەرىبىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ بولغانلاردۇر .بۇلار پەقەت يۇقىردىن مەكتەپلەرگە چۈشۈرۈپ بىرىۋاتقان پۇللارنىڭ ئاز بىر قىسمىنى بولسىمۇ ھۆججەت توغىرلاپ ئۆزىنىڭ قىلىۋىلشنىلا ئويلايدىغانلاردۇر . بۇنداق مۇدىرلار ئىھتىيات قىلىش كىرەك چۈنكى كىبىر ياخشى ئاقىۋەت ئىلىپ كەلمەيدۇ .نارەسىدىلەرنىڭ رىسقى تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن .

مەكتەپ مۇدىرى ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلالايدىغان بۇلۇشى كىرەك .سىزنى يۇقىرى دەرجىلىك ئۇرۇنلار بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر دەپ تەكلىپ قىلغان ئىكەن ئۆزىڭىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئۆزىڭىز قىلىڭ . ‹‹ قۇمانداننىڭ ئات مىنىشى ،ئىنقىلاپنىڭ ئىھتىياجى ›› دەپ سىنىپتىكى ئوقۇتقۇچىنى  تارتىپ چىقىپ ئۆزىڭىزگەكاتىپ قىلۋالسىڭىز ، ئۇلار سىزنىڭ ھاجەتكە بىرىشتىن باشقا بارلىق ئىشلىرڭىزنى تەق قىلىپ بەرسە، ئۆزىڭىز بىر كۈننى مۈگىدەش ياكى يېغىننى باھانە قىلىپ شەھەرگە كىرىپ كوچا چىڭداش بىلەن ئۆتكۈزسىڭىز ئىچىڭىز سىقىلغاندەك ، پارتيە –ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويغاندەك ھىس قىلمامسىز ؟.

مۇدىرلار شەخسى ھىسياتنى خىزمەتكە ئارلاشتۇرۋالماسلىقى كىرەك . يۇقىرى دەرجىلىك رەھبەرلەردىن دەككىسىنى يىگەندە ياكى ئايالىدىن خاپىلق ئىشتىپ كەلگەندە دەردىنى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئالماسلىقى ئائىلىدىكى شۇنداقلا خىزمەتتىكى كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىنى ئالدى بىلەن  ئۆزىدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بىقىشى كىرەك .

مەكتەپ مۇدىرى بولغۇچى بۇيرۇقۋازلىقتىن ساقلىنىشى ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەشنى

بىلىشى كىرەك . سىزنى چىچىلدۇرۇپ  قاينتىۋاتقان ، قان بىسىمىڭزنى ئۆرلىتىۋاتقان بەزى ئىشلارنى سىز بەلكىم قىلالمايسىز! دىمەكچىمەنكى سىز شالىڭىزنى چاچىرتىپ ۋارقىراۋاتقان ئاشۇ ئاددى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم قابىلىيەت جەھەتتە سىزدىن ھىچ – قانداق كەم يىرى يوق ،پەقەت ئۇلاردا مۇدىر بولغۇدەك شارائىت كەم بۇلۇشى مۆمكىن . شۇنداق ئىكەن ئۇلارنى ھۆرمەتلىگىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ھۆرمەتلىگەنگە باراۋەر .

قىسقىسى ؛ مۇدىر بولغۇچى چۇقۇم يۇقىرى ساپالىق ، ئەدەپ- قائىدىلىك ، ئىنساپ - دىيانەتلىك ، ئەخلاق پەزىلەتلىك ئۆزىنىمۇ  ئۆزگىنىمۇ چۈشنىدغان ، ئوقۇتقۇچىلۇق كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان ، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ تەربىيسگەكۆڭۈل بۆلىدىغان ، ئۆتكۈر پىكىرلىك ، چۇڭقۇر مۇلاھزلىك ، مۇستەقىل قاراشقا ئىگە ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ بىرلىكتە ئالغا باسالايدىغان ، بۇيرۇقۋازلىقتىن خالى ، پەيتى كەلگەندە ئۆز ئەتراپىدىكى ئاددى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئۆز مەنپەتىدىن كىچەلەيدىغان ئالىجاناپ روھقا ئىگە بۇلۇشى كىرەك .

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەردىنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مائارىپ ۋە رىئاللىق] كەسپى مائارىپىمىزغا نىمە بولدى ؟ [ 2011-10-18 21:24:54 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] سۇلمىسۇن ئوبراز [ 2011-09-21 23:42:52 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەكتەپ مۇدىرلقنى قانداق قىلىش كىرەك [ 2011-09-21 23:41:23 ]



ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
بەردى تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-09-20 22:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-09-20 22:09
تەۋسىيەلەر