مۇئەللىم، سىز ئوقۇغۇچىلارغا نېمە
يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-28 15:56 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
مۇئەللىم، سىز ئوقۇغۇچىلارغا نېمە بېرەلىدىڭىز؟ كۈچ سىنىشىش دېگەن سۆز بىلەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىسەك، ئېغىر كېت
مۇئەللىم، سىز ئوقۇغۇچىلارغا نېمە بېرەلىدىڭىز؟
«كۈچ سىنىشىش» دېگەن سۆز بىلەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىسەك، ئېغىر كېتىشى مۇمكىن، لېكىن ئىنكار قىلىش قىيىنكى، نۆۋەتتە «ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاپ بېرىۋاتقان قارشىلىشىش قىلمىشىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش» ئالدىمىزدىكى قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. پىداگوگلارنىڭ چوڭقۇر نەزىريىلىرى بۇ ۋاقىتتا ئاجىز كېلىپ قالدى، ئەنئەنىۋى تەربىيىلەش شەكلى يېڭى مەسىلىلەرگە ماس كەلمەي قالدى. مەيلى سىز ئېتىراپ قىلىڭ-قىلماڭ، ئوقۇغۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىشلار بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇردى. ئوقۇشتىن قېچىش، ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇشلار ئاللىقاچان دائىملىق ئىش بولۇپ قالدى، تورغا بېرىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش ئانچە يېڭىلىق ھېسابلانمايدىغان، ئادەم ئۆلتۈرۈپ بۇلاڭچىلىق قىلىشلا ئازراق يېڭى خەۋەر ھېساپلىنىدىغان بولدى. ئەگەردە پەقەت قانچىلىك ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزۈشلا مائارىپنىڭ مەغلۇپ بولغان-بولمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، دېيىلسە ئۇنداقتا بىرنەرسە دېيىشنىڭ ئورنى قالمايدۇ. ئەگەردە ئۇنداق بولمىسا، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى مائارىپىمىز مەلۇم دەرىجىدە ئۇتتۇرۋەتكەن بولىدۇ. ئۇنداقتا بىز قەيەردە كەتكۈزۈپ قويدۇق؟
جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى مائارىپنى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە يەتكۈزەلمەي قويدى، جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى دەرسخانىدا ئىپادىلىنىپ باقمىدى. ئىلگىرى بىز دائىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشىلىشىشىنى جەمئىيەت، ئائىلە، مەكتەپنىڭ نەتىجىگە نىسبەتەن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن، دەپ يىغىنچاقلايتۇق. ئەلۋەتتە بۇ ئەڭ مۇھىم سەۋەب، بىراق بېسىمدىن باشقا، مېنىڭچە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ بەكمۇ چوڭىيى كېتىشى بۇنىڭدىكى يەنە بىر ئاساسىي سەۋەب.
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ پەرقى ياشتىلا بولۇپ قالماستىن، ئىدىيە، قىزقىشلارمۇ ئوقۇغۇچىغا ئوقۇتقۇچىنى ئۆزىدىن ناھايىتى يىراق ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ. ھەددىدىن ئارتۇق ھالدا تەبىئىي پەن ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئادىمىيىۋىلىك تەربىيىسىگە سەل قاراش، ئوقۇغۇچىلارنى جەمئىيەت ئۆزگىرىشىدىن خەۋەرسىز قالىدىغان، بۇ خىل ئۆزگىرىشنى چۈشەندۈرىدىغان ئادەم چىقمايدىغان ھالىغا كەلتۈرۈپ قويغان. فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى جىسىم بىلەن جىسىم ئارىسىدىكى كۈچنى سۆزلەيدۇ، لېكىن ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ سۈركىلىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىغا جاۋاب بەرمەيدۇ؛ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ماددىلار ئارىسىدىكى رېئاكسىيەنى سۆزلىگەن بىلەن، بەزى ئائىلىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئىللىق بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ. پەقەت ئەدەبىيات دەرسى ئادىمىۋىلىككە يېقىندەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەڭ پاجەلىكى شۇ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدۇر.
ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دائىم ئەڭ نەپىس بولغان شېئىر، ئەسەرلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگەتكەن بىلەن، ئوقۇتۇشتا ئادىمىيىۋىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسلى ئادىمىيىۋىلىكى ئەڭ قويۇق بولغان بۇ پەن ئەڭ قۇرۇق، غايىۋى نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.
بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزگە لازىمى نەتىجە، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزگە لازىمى ئاتالمىش ھۆرمەت، لېكىن بىز ئەزەلدىن ئوقۇغۇچىلارغا نېمە كېرەك، دەپ ئويلاپ باقمىدۇق. ئۇلار جەمئىيەتنى چۈشىنىشنى، چۈشىنىشكە ئېرىشىشنى، شىكايىتىنى ئاڭلايدىغان ئادەم بولۇشنى، ئېللىقلىققا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. لېكىن بىز ئۇلارغا نېمە بېرەلىدۇق؟
شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆڭلىدىكىنى ئوقۇتقۇچىغا دېمەي، تورغا چىقىپ تورداشلىرىغا ئېيتىدىغانلىقىغا ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ.
قاراڭغۇلۇقتا قالغان قەلىپ تەسەلىگە موھتاج ۋاقتىدا، بىز يەنىلا رېئاكسىيە ھەققىدە سۆزلەپ يۈرسەك، ئۇنىڭ قانچىلىك رولى بولىدۇ؟ سىرتقى دۇنيا ئۇلارنى قىزىقتۇرۇشقا باشلىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىنتىلدى، ھەتتا بەزىلىرى چىقىپ كەتتى. لېكىن سىرتقى دۇنيا گۈزەلدەك بولغان بىلەن، ئۇنىڭ ئاشكارا بولمىغان يىرگىنچلىك تەرەپلىرىمۇ بار، شۇنىڭ بىلەن پاجىئەمۇ بار.
ئويغۇنايلى دوستلار، ئوقۇغۇچىلىرىمىز تېخى پەقەت تەمتىرەش ھالىتىدە. تېخى كوللېكتىپ ھالدا چۈشكۈنلۈكتە قالمىغان ۋاقتىدا، ئۇلارغا لازىملىق نەرسىلىرىنى بېرەيلى (ئۆگىتەيلى، چۈشەندۈرەيلى). بىز ۋاقىتلىق ئۇتتۇرىۋەتسەك مەيلى، لېكىن پۈتكۈل مىللەت كەلگۈسىنى ئۇتتۇرۋەتسەك بولمايدۇ.
كېلىش مەنبەسى: «搜狐教育社» دىن ئېلىندى
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------