ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 26-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئېچىپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش قارار قىلدى، «ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پىلانى» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، قوشۇلما قىممەت بېجى تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى.
«دۆلەتنىڭ ئوتتۇرۇ، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلانى پىروگراممىسى»(2010 ــ 2020-يىلى)نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ نامرات رايونلار ۋە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنداق قارار قىلىندى: 2011-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ. (1) توپ تۇتاش ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، مەركەز مالىيەسى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۈنىگە ئۈچ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايوندىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلۇق ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. (2) جايلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ نامرات، مىللىي ۋە چېگرا رايونلار، ئىنقىلابىي كونا رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەر يەرنىڭ شەرت – شارائىتىگە قاراپ ئىش قىلىپ، ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش سىناق نۇقتىسى قانات يايدۇرىلىدۇ. مەركەز مالىيەسى مۇكاپات ياردىمى بېرىدۇ. (3) يېزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ياتىقى بىر تۇتاش ئۆزگەرتىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى مۇھىم قۇرۇلۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق يېيىش شارائىتى ھەقىقىي ياخشىلىنىدۇ. (4) ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ياردەم ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۈنىگە بىر يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈنىگە تۆت يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈنىگە بەش يۈەنگە يەتكۈزىلىدۇ.
يىغىندا «ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پىلانى» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى.
مال ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت باج تۈزۈمىدە تەكرار باج ئېلىش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ھەل قىلىش، باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى مۇلازىمەت تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، يىغىن مۇنداق قارار قىلدى: 2012-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بىر قىسىم رايون ۋە كەسپلەردە قوشۇلما قىممەت بېجى تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسى چوڭقۇر قانات يايدۇرىلىدۇ. نۆۋەتتە تىجارەت بېجى ئېلىنىۋاتقان كەسپلەر قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىشقا ئۆزگەرتىلىدۇ.
يىغىندا «يەم-خەشەك ۋە يەم-خەشەك خۇرۇچىنى باشقۇرۇش نىزامى(تۈزۈتىلمە)» قاراپ چىقىلدى ھەمدە پىرىنسىپ جەھەتتە ماقۇللاندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى) تەھىرلىگۇچى:admin
|