باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

893 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار بىلەن قىلغان جە

يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-27 21:47 مەنبەسى: غەربى يۇرت تارىخى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇيغۇرلار غەربكەكۆچكەن مەزگىلدە ، تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي قىسمى قارلۇقلارنىڭ كونتروللىقىدا ئىد

 

893 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار بىلەن قىلغان جەڭلىرى

 

ئۇيغۇرلار غەربكەكۆچكەن مەزگىلدە ، تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي قىسمى قارلۇقلارنىڭ كونتروللىقىدا ئىدى . IX ئەسىرنىڭئاخىرقى مەزگىلى ۋە X ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان ئەرەب - پارسچە ئەسەرلەردەقارلۇقلارنى ئەرەب ئەللىرىنىڭ شەرقىدىكى تۈركىي قوۋملار تەسىر كۈچىنىڭ بىرى دەپقارىغان . بەئىقۇبىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا ، ئىپىچاپ شەﻫىرى ئەينى چاغدىكىئەرەب ئەللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ، يەنى ئەڭ مۇﻫىم چېگرىسى بولۇپ ، ئەرەبلەر بۇ يەردىنچىقىپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان . بۇنىڭدىن قارلۇقلار بىلەن سامانىيلار ﻫاكىمىيىتىنىڭتوقۇنۇشى خېلى ئېغىرلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . لېكىن ، ئەرەبلەرنىڭتەسىر كۈچى تالاسقىچە كېڭىيەلمىگەن ، سىرتقا قارىتا ئىزچىل ئۇرۇش قىلغان دېگەندىمۇئۇرۇشقا سالغان كۈچى چوڭ ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . يەنە كېلىپ 842 - يىلىنوﻫ ئىبىنى ئەسئەد ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، سامانىيلار جەمەتى ئىچكى جەﻫەتتىنقالايمىقانلىشىپ كەتكەچكە ، سىرتقا قارىتا ئۇرۇش قىلىشقا يېتىشىپمۇ بولالمىغان . 892 - يىلى زېﻬنى ئۆتكۈر كۈچتۈڭگۈر ئىسمائىل سامانىيلار جەمەتىگە باش بولغاندىن كېيىن ، دەرﻫال تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي قىسمىغا جازا يۈرۈش قوزغىغان . بۇ قېتىملىق يۈرۈشﻫەققىدە تەبەرى ئاددىيراق خاتىرە قالدۇرۇلغان . " بۇ يىلقى (ﻫىجىرىيىنىڭ 280 يىلى ، مىلادىيىنىڭ 893 - يىلى 3 - ئاي ) ئىسمائىل ئىبنى ئەﻫمەدنىڭ ئۇرۇشقاچىققانلىقى ﻫەم تۈرك ئېلىنى ئىستېلا قىلغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى . خەۋەردە قاغانبالىقنى پەتﻬى قىلىپ ، قاغاننىڭ ئاتىسى ، خوتۇنى ۋە بىر تۈمەندەك كىشىنى ئەسىرئالغانلىقى ، بۇلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى قەتلىئالەم قىلغانلىقى ، كۆپلىكىدىن سانىنىئالغىلى بولمىغۇدەك ﻫايۋاناتقا ئېرىشكەنلىكى ، ﻫەر بىر مۇسۇلمان جەڭچى 1000 دەرەمدىن ئولجا ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان " بۇ قېتىمقى يۈرۈشنىڭ ئورنى ۋەۋاقتى ﻫەققىدە " تارىخى بۇخارا" دىن تەپسىلىيرەك ماتېرىيالغا ئېرىشكىلىبولىدۇ . ئۇنىڭدا سامانىي ئەمىرى ناسىرنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە ، خەلىپە مۇئتەئەدىد ﻫىجىرىيىنىڭ 28- - يىلى ماﻫى مۇﻫەررەمدە ئەمىر ئىسمائىلنىمەۋارائۈننەﻫرنىڭ سىرتىدىكى جايلارنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلىگەن ، ئىسمائىل تالاسقايۈرۈش قىلغان . ناسىر ﻫىجىرىيىنىڭ 279 - يىلى جامادىيەلئەۋۋەل ئېيىدا ۋاپات بولۇپدەپنە قىلىنغان . تەبەرىنىڭ خاتىرلىشىچە ، ﻫىجىرىيىنىڭ 279 - يىلى ناسىرنىڭ ۋاپاتبولغانلىق خەۋىرى خەلىپىگە يەتكەندە ، ئۇنىڭ قېرىندىشى بەلخ دەرياسىنىڭ سىرتىدىكىزېمىننى ئىدارە قىلىپ تۇرغان . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، ﻫىجىرىيىنىڭ 280 يىلى ماﻫىمۇﻫەررەمنى ئىسمائىلنىڭ يۈرۈشكە چىققان ۋاقتى ، دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ ، يۈرۈشقىلغان ئورۇن "تارىخى بۇخارا" دىلا تالاسقا يۈرۈش قىلغان ، دەپخاتىرلەنگەن . لېكىن ، مۇقەددەسنىڭ ئەسىرىدە مۇنداق دېيىلگەن : " دىﻬىنۇچكەنت (يېڭى كەنت) بىر كىچىك شەﻫەر بولۇپ ، بازىرى بار . باﻫارنىڭ ئۈچ باﻫارنىڭئۈچ ئېيىدا بىر دەرەمگە تۆت مەنا ئۇستىخانلىق گۆش سېتىلىدۇ . ئۇ ئىلگىرى چوڭ شەﻫەربولۇپ ، ئىسمائىل ئىبىنى ئەﻫمەد بۇ يەرنى ئىستېلا قىلغاندا كىچىكلەپ كەتكەن . شۇنداق بولسىمۇ ، يەنىلا ئاﻫالىسى كۆپ ، شەﻫەر مۇداپىئەسى مۇستﻬەكەم ، ئۇ شەﻫەردەبىر قەلئە بار . " مۇقەددەس تالاس ئەتراپىدىكى شەﻫەر - بازارلار ئۈستىدە توختىلىپبۇ شەﻫەرنى تىلغا ئالغان ۋە بۇ شەﻫەردىن تالاس ئانچە يىراق ئەمەس ، دەپ بايانقىلغان . بىلىنىسكى قاتارلىق كىشىلەر " ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئوتتۇرا ئەسىرشەﻫەرلىرى" دېگەن كىتابتا بۇ شەﻫەرنىڭ ئورنىنى ئاساسەن تالاس ( ﻫازىرقىقامبۇل) نىڭ غەربىي شىمالىدا ، دەپ بېكىتكەن . شۇڭا ، مۇقەددەس ئىسمائىلنىڭ تالاسقايۈرۈش قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . ئۇ يەنە " تارىخى بۇخارا" دېگەنئەسەرنى دەسلەپ نارشاﻫنىڭ يازغانلىقىنى ، كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر مەزمۇننى شاللاپ - كۆپەيتكەن بولسىمۇ ، ئىشەنچلىكلىكنىڭ يەنىلا يۇقۇرلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . " تارىخىبۇخارا" دا يەنە ئىسمائىلنىڭ بۇ قېتىملىق يۈرۈشىدە ناﻫايىتى چوڭقىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى ، كېيىن تالاسنىڭ ئەمىرى نۇرغۇن دېﻬقانلارنىباشلاپ كېلىپ ئەل بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ . تالاستىكى بىركاتتا چېركاۋ مەسچىتكە ئۆزگەرتىلىدۇ ﻫەم خەلىەپە مۇتىەدىدنىڭ نامىدا خۇتبەئوقۇلىدۇ . ئىسمائىل سانسىز ئولجا ئېلىپ بۇخاراغا قايتىدۇ . بۇ يەردىكى ئەل بولغانئەمىر تەبەرى تىلغا ئالغان ئەسىرگە چۈشكەن "تۈرك قاغانى" نىڭ ئاتىسى بىركىشى بولۇپ ، نۇرغۇن ئولجا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خاتىرە ئىككى كىتابتا ئاساسەنئوخشاش . لېكىن ، "تارىخى بۇخارا" دىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلام دىنىغاكىرگەنلىكى ۋە چېركاۋنى مەسچىتكە ئۆزگەرتكەنلىكىگە دائىر خاتىرە باشقا كىتابلاردائۇچرىمايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ر.ن.فريې " تارىخى بۇخارا" دا ئېيتىلغان بۇقېتىملىق يۈرۈشتە يولۇققان زور قىيىنچىلىقنى ئىبنى فەقىﻬنىڭ كىتابىدىكىئىسمائىلنىڭ تۈركىي قوۋملارغا يۈرۈش قىلغاندا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقىنىڭ تەسۋىرىدەئۇچرايدۇ دەپ قارايدۇ . بۇنىڭدىن "تارىخى بۇخارا" بىلەن " تارىخىتەبەرى" نىڭ ئوخشاشمىغان تارىخىي مەنبەسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، "تارىخىبۇخارا" تەپسىلىيرەك بولسىمۇ ، ئىككى كىتاب بىر - بىرىدىكى مەزمۇنلارنىئۆزئارا دەلىللەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . بۇ قېتىملىق يۈرۈشكە دائىرئۈچىنچى نۇسخا ماتىرىيال مەسئۇدنىڭ "مۇرۇجى ئەززەﻫەجەپ" دېگەن ئەسىرىنىڭ يىلنامە قىسمىنىڭ 3284 - پەسلىدە مۇنداق ئۇچرايدۇ : " بۇ يىلى ئىسمائىلئىبنى ئەﻫمەدنىڭ قېرىندىشى ۋاپات بولدى ، ئۆزى خۇراساننى ئىدارە قىلىشقاتەيىنلەنگەندىن كېيىن تۈركىستانغا بېرىپ ، شەﻫەرلەر ئىچىدە خان شەﻫەر ، دەپتەرىپلەنگەن شەﻫەرنى پەتﻬى قىلىپ ، قاغاننىڭ خوتۇنى بىلەن 15 مىڭ تۈركنى ئەسىرئېلىپ ، بۇلاردىن بىر تۈمەن كىشىنى قەتلىئام قىلغان . ئيېتىشلارغا قارىغاندا ، بۇقاغان تۈنكاسى (؟) دەپ ئاتىلىدىكەن . بۇ ئاتاق مەزكۇر ئەلگە ﻫۆكۈمرانلىق قىلىدىغانﻫەر بىر قاغاننىڭ بەلگىسى ئىكەن . مېنىڭچە ، ئۇ ئۆزىنى قارلۇق دەپ ئاتىۋالغانقوۋمدىن بولسا كېرەك . مەن كىتابىمنىڭ بېشىدا تۈركلەرنىڭ ئەﻫۋالى ، ئۇلارنىڭ قەۋمىۋە ۋەتىنى توغرىسىدا بايان قىلغانىدىم . ئىلگىرىكى باشقا كىتابلىرىمدىمۇ سۆزلەپبولغان ئىدىم . " مەسئۇدنىڭ بۇ بايانىدىكى ئىككى نۇقتا دىققەت قىلىشقائەرزىيدۇ . بىرىنچىسى ، تەبەرىنىڭ كىتابىدا ﻫىجىرىيىنىڭ 279 - يىلى ناسىرنىڭ ۋاپاتبولۇپ ، ئىسمائىلنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى بىلەن 288 - يىلى ئىسمائىلنىڭ ﻫەربىييۈرۈش قىلغانلىقىدەك ئەﻫۋاللارنى مەسئۇدى بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلغاندىن كېيىن ، ﻫىجىرىيىنىڭ 279 - يىلى ئىسمائىلنىڭ ماۋۋەرائۈننەﻫرنىڭ سىرتىدىكى جايلارنى ئىدارەقىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكىنى خانا ﻫالدا خۇراساننى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلەنگەن ، دەپئۆزگەرتىۋەتكەن بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە كېيىنكىسى ﻫىجىرىيىنىڭ 287 - يىلىئىسمائىلنىڭ سەففەرىلەر سۇلالىسىنىڭ شاﻫىنى يەڭگەندىن كېيىنكى ۋەقە ئىدى . "مۇرۇجى ئەززاﻫەب" تىمۇ "تارىخى يەتقۇبى" دەك باش قىسمىداتەرجىمىﻬال تەرىقىسىدە مەركەزلەشتۈرگەن ﻫالدا مەلۇم شەخس ، مەلۇم ئورۇن ۋە مەلۇمۋەقەنى تونۇشتۇرغان بولسا ، ئاخىرقى قىسمى يىلنامە بولۇپ ، پۈتۈن كىتابنىڭتەخمىنەن بەشتىن ئۈچىنى ئىگىلەيدۇ . يىلنامە قىسمىدا تەبەرىنىڭ يىلنامىسىدا تىلغائېلىنغان ۋەقەلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، مەسئۇدى دېگۈدەك تەبەرىنىڭ كىتابىدىنكۆچۈرگەن . بەزىدە ئازراق قىسقارتىۋەتكەن ياكى بايان قىلىش ئۇسۇلىنىئۆزگەرتىۋەتكەن . مەسئۇدى كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە پايدىلانغان كىتابلارنى تىلغائېلىپ ، تەبەرىنىڭ يىلنامىسىگە يۈكسەك باﻫا بەرگەن ﻫەم ئۆزىنىڭ ئۇ كىتابتىن تولۇقپايدىلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان . شۇڭا ، بۇ خاتىرىنىڭ قالايمىقان بولۇشىمەسئۇدنىڭ سامانىيلار سۇلالىسىگە دائىر ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپبېرىدۇ . ئىككىنچىسى بولسا ، مەسئۇدى يېڭىلگەن قاغاننىڭ ئەﻫۋالىنى "ئاڭلىغان" لىقىنى ئېنىق ئېتىراپ قىلغان . "مۇرۇجى ئەززەﻫەب" نىڭ ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا ، مەسئۇدى ئادەتتە ئۆزىنىڭ ماتېرىياللىرىنى " پالانى - پوكۇنىنىڭ ئېيتىشىچە" دەپ كېلىش مەنبەسىنى ئىزاﻫلىغان . لېكىن ، بۇ ۋەقەنى "ئاڭلىغان" لىقىنى تەكىتلىگەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە ﻫېلىقى قاغاننىڭقارلۇقلاردىن بولۇش مۈمكىنلىكى توغرىسىدىكى قاراشنى كۆرسەتكەن . بۇ ئۇنىڭ پەرىزىبولۇپ ، بىرەر ئىشەنچلىك ئاخباراتقا ئىگە بولغانلىقىدىن ئەمەس ، ئۇنىڭ ئاساسلانغانمەنبەسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەزكۇر كىتابنىڭ بېشىدىكىمۇناسىۋەتلىك بايانلارنى ئاختۇرۇپ كۆرەيلى . پۈتۈن كىتابىنى ۋاراقلاپ چىققاندىمۇ ، قارلۇقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق خاتىرە تاپالمايلا قالماستىن ، تېخى بىر - بىرىگەزىت قاراشلارنى ، يەنى قارلۇقلارنىڭ پەرغانە ، شاش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغائورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بايقايمىز . مەسئۇدنىڭ خاتىرىسىدە يۇقۇرقىدەك كەمچىلىكلەربولسىمۇ ، بىزنى بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ﻫەقىقەتەن ئەﻫمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك يېڭىتەپسىلات بىلەن تەمىنلىگەن . بىرىنچى ، ئۇنىڭ ﻫېلىقى قاغاننىڭ قارلۇقلاردىنئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قارىشى بىزنىڭ ئالدىنقى ئانالىز قىلىشىمىز بىلەن بىر يەردىنچىقتى . مەسئۇدى بۇنى مۇۋاپىق شەرﻫىلىمىگگن بولسىمۇ ، ئەينى چاغدىكى ئەرەب - پارسئەللىرىدىكى بىر خىل ئومۇملاشقانراق كۆزقاراشنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇشى مۈمكىن . ئىككىنچى ، مەسئۇدى ئۆزى "ئاڭلىغان" بىر قاغاننىڭ ئاتىقىنى خاتىرلىگەن . بۇ ئاتاقنىڭ ئەسلىدىكى قوليازمىدا بىر نەچچە خىل يېزىلىش شەكلى بار . بۇنىڭ ئىچىدەئېنىقراقى " T.F.K.S" بىلەن "T.N.K.S" بولۇپ ، T.F.K.S نى " تافكاچ" دەپ تىرانسىكپىسىيە قىلىشقا بولىدۇ . بۇقاراخانىيلار دەۋرىدە دائىم ئۇچرايدىغان قاغان ئاتىقى "تابغاچ" تۇر . لېكىن ، قاراخانىيلار خانلىرى قوللانغان "توبا" سۆزىدىن كەلگەن . بۇ ئاتاقبولسا خېلى كېيىنكى چاغلاردىكى ئىش پرىتساك " قاراخانىيلارغا دائىر بىرنەچچەمۇنازىرىلىك مەسىلە" دېگەن ماقالىسىدە ، بۇ ئاتاق ئەڭ ئاۋۋال توغان خاندەۋرىدىكى پۇللاردا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن . ﻫازىر تارىخنى بىر ئەسىر ئالدىغاسۈرمەكچى بولساق ، ئىسپاتلاش ، دەلىللەش ئۈچۈن بىرمۇنچە ماتىرىيال كېرەك بولىدۇ، لېكىن، قولىمىزدا بۇ ﻫەقتە ﻫېچ نەرسە يوق ﻫەم مەسئۇدنىڭ ئاڭلىشىچە بۇ ئاتاق "مەزكۇر ئەلگە ﻫۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ﻫەر بىر قاغاننىڭ بەلگىسى ئىكەن " بىز VIII, IX ئەسىرلەردىكى تۈركىي قوۋملارنىڭ قايسىبىر ئاقساقىلى بۇ ئاتاقنىقوللانغانلىقىنى بىلمەيمىز ، ئەكسىچە ئەينى چاغدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقكىدىكىماتىرېياللاردا بۇ سۆزنىڭ جوڭگونىڭ ئەﻫۋالىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقايمىز . قاراخانىيلارنىڭ بۇ ئاتاققا بەرگەن مەنىسىمۇ جوڭگو بىلەن مۇناسىۋەتلىك . مەسئۇدى "مۇرۇجىئەززەﻫەب" تىمۇ چىن خاقانى ئادەتتە ئادەتتە "پەغپۇر" دەپئاتىلىدىكەن . ئۇ " تەڭرىنىڭ ئوغلى" دېگەن مەنىدە ئىكەن . ئۇ خاقانغابېرىلگەن ﻫۆرمەت نامى ئىكەن . باشقىلار چىن خاقانغا گەپ قىلغاندا "تامغاچ خان " ، " پەغپۇر" دېگەن بىر مەخسۇس نامنى قوللىنىدىكەنكى ، ئىككىنچىشەخسلىك ئالماش بىلەن سۆز ئىشلەتمەيدىكەن ، دەپ خاتىرلەنگەن . قوليازمىدىكى يەنەبىر خىل يېزىلىش شەكلىنى " تۇنكا" دەپ ترانسىكرىپىسىيە قىلىپ تۈركىيتىللاردىكى سۈپەتنى ئىپادىلەيدىغان 'سى" نى قوشقاندا"تۈنكاسى" بولىدۇ . "تۇنكا" تۈركچە سۆز بولۇپ ، "تۈركىي تىللار دىۋانى" دا سۇ سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى 'يولۋاس" دېيىلگەن ﻫەم "دائىم ئاتاق قىلىپقوللىنىدۇ . مەسىلەن ، تۇنگاخان ، تۇنكاتېكىن دېگەندەك " دېيىلگەن . "قۇتادغۇ بىلىك" تىمۇ بۇ سۆزنى ئاتاق قىلىپ قوللانغان . يەنە كېلىپمەﻫمۇد كاشىغەرى تەكىتلەپ : تۈركلەرنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ئافراسىياپنىڭ "تۇنكائالىپ ئەن " دېگەن ئاتىقى بار . ئۇنىڭ مەنىسى "يولۋاستەك كۈچلۈكقەﻫرىمان كىشى" دېگەن بولىدۇ ، دەيدۇ . چۈنكى ، قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىئۆزىنى ئافراسىياپنىڭ ئەۋلاددى دەپ ئاتايدۇ . بۇنىڭدىن "تۇنكا" دېگەنئاتاقنىڭ مۇﻫىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، ئىبنى ئەسىرنىڭ "كامىل فىت تارىخ" دېگەن ئەسىرىدىن سامانىيلاردىن بىر ئىسيانچىﻫىجرىيىنىڭ 310 - يىلى جەڭدە يېڭىلىپ قەشقەرگە قېچىپ كەلگەندە ، قەشقەرلىك "تۇغان تېكىن" دېگەن دېﻬقاننىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن ﻫەم ئۇ جاينى بازاقىلىپ تۇرۇپ ، پەرغانىگە ﻫۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز . ئەرەب - پارسچە تارىخىيماتېرىياللاردىكى "تۇغان" سۆزى پۇل - ئاقچىلاردىكى 'تۇنكا" ئىكەنلىكىئىسپاتلانغان . شۇڭا ، مەسئۇدى تىلغا ئالغان بۇ ئاتاقنى "تۇنكا" دەپئوقۇلۇشى كېرەك ~ دەپ قاراشقا بولىدۇ . خۇلاسىلىغاندا ، "تارىخى تەبەرى" ، "تارىخى بۇخارا " ۋە "مۇرۇجى ئەززاﻫەب" تىكى خاتىرىلەربىزگە 893 - يىلىدىكى قارلۇقلارنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ .

 

 مەنبە : << VIII - X ئەسىرلەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى ﻫەققىدە تەتقىقات >>

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش [ 2011-11-29 17:21:15 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ماتىماتىكىلىق فورمۇلا تەھرىرلىگۇچ (数学公式编辑器) V6 [ 2011-11-27 22:17:28 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] 几何画板 V5.0 最强中文版گىئومىتىرىيە دوسكىسى [ 2011-11-27 22:14:17 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتىماتىكا مەشىقچىسى 小学数学练习机 V35.0 [ 2011-11-27 22:09:46 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، [ 2011-11-27 22:05:05 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلىرى قۇياشنىڭ قاياقتىن چىقى [ 2011-11-27 22:02:50 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىمۇ خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلىدۇ [ 2011-11-27 21:56:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] كېيىنكى كۆك تۇرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ تارى [ 2011-11-27 21:52:54 ]
[تارىخى بىلىملەر] 893 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار بىلەن قىلغان جە [ 2011-11-27 21:47:27 ]
[تارىخى بىلىملەر] قەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرى [ 2011-11-27 21:42:14 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر