باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

1949,1959,1969- يىلىدىكى چوڭ ئىشلار

يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-29 13:59 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
1949 1 ئۆكتەبىر ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى . چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ 1 قېتىملىق يىغىنى بېي

1949

 1 – ئۆكتەبىر ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى . چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ 1 – قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى . مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، مۇئاۋىن رەئىسى ، بارلىق ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقى ئېلان قىلىنىپ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى . يىغىن يەنە لىن بوچۈ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ سايلاندى ، جۇ ئېنلەي مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى ، ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى ، جۇدې جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ، شېن جۈنرۇ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ، لو رۇڭخۇەن مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى بولدى . يىغىن يەنە جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ‹‹ ئورتاق پروگرامما ›› سىنى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتنى يولغا قويۇشتىكى پروگراممىسى قىلىپ بېكىتتى . چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 دە پايتەختتىكى 300 مىڭ ئادەم تيەنئەنمېن مەيدانىغا يىغىلىپ ، دۆلەت بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى .

     9 – ئۆكتەبىر ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1 –نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى . يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەتلىك كومىتېت ئەزاسى ماۋزېدۇڭ قاتارلىق 151 ئادەم يىغىنغا قاتناشتى . يىغىندا ماۋزېدۇڭ سىياسىي كېڭەش 1 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى . جۇ ئېنلەي ، لى جىشىن ، شېن جۈنرۇ ، گومورو ، چېن شۇتۇڭ مۇئاۋىن رەئىس ، لى ۋېيخەن باش كاتىپ بولۇپ سايلاندى . يىغىندا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1 – ئۆكتەبىرنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى خاتىرە كۈنى قىلىش تەكلىپى بېرىلدى .

    19 – سېنتەبىر ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتى 3 – قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى . دۇڭ بىۋۇ ، چېن يۈن ، گو مورو ، خۇاڭ يەنپېي مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىقىغا ، لى ۋېيخەن مەمۇرىي ئىشلاش كېڭىشىنىڭ باش كاتىپلىقىغا ، جۇدې ، ليۇ شاۋچى ، جۇ ئېنلەي ، پېڭ دېخۈەي ، چېڭ چيەن خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ، شۈ چياڭچيەن باش شتاپ باشلىقلىقىغا ، نيې رۇڭجېن مۇئاۋىن باش شتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى قارمىقىدىكى ھەر قايسى كومىتېت ، مىنىستىرلارنىڭ مۇدىرى ، مىنىستىرلىرى تەيىنلەندى .

    15 – دېكابىر ، رەئىس ماۋزېدۇڭ تەكلىپ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە باردى .  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ماۋزېدۇڭ ستالىن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى . 20 – دېكابىر ، زۇڭلى جۇ ئېنلەي ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ موسكۇۋاغا يېتىپ باردى . 14 – فېۋرال ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ‹‹ جۇڭگو – روسىيە دوستانە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى ›› ، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قەرز بېرىش كېلىشىمى ›› نى ئىمزالىدى . 17 – فېۋرال ، ماۋزېدۇڭ ، جۇ ئېنلەي قاتارلىقلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى .

    جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ 1950 – يىلىدىكى شەرەپلىك ئۇرۇش ۋەزىپىسى تەيۋەن ، خەينەن ئارىلى ۋە شىزاڭنى ئازاد قىلىپ ، جياڭ جيېشىنىڭ قالدۇق باندىتلىرىنى يوقىتىپ ، جۇڭگونى بىرلىككە  كەلتۈرۈش ئىدى . جۇڭگو خەلقى 1950 –يىلى ئۇرۇشتىن كېيىن مالىيە – ئىقتىساد قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ ، سانائەت ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇھتاج ئىدى . 

1959

10 – مارت ، شىزاڭ قوراللىق توپىلاڭچىلار ئۇرۇشىنى تىنجىتىش باشلاندى . 1951 – يىلى ، شىزاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق خىزمەت كومىتېتى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمى ، شىزاڭغا كىرگەن سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاش فاڭجېنىنى قوللىنىپ ، شىزاڭدىكى ھەر قايسى قاتلام زاتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، شىزاڭدا ئىسلاھات ئېلىپ باردى . لېكىن ، شىزاڭ يۇقىرى قاتلام ئەكسىيەتچىل گۇرۇھى مەركىزىي كومىتېتنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاش ۋە قايتا تەربىيىسىنى كۆزگە ئىلماي ، ۋەتەننى پارچىلاش ، يانچىلىق تۈزۈمنى قوغداش ئەكسىيەتچىل مەيدانىدا چىڭ تۇردى ، 1959 – يىلى 10 – مارت ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىزاڭ يەرلىك  ھۆكۈمىتى تۈزگەن شىزاڭنى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىش تەدبىرى ، ‹‹ 17 تۈرلۈك كېلىشىم ›› نى ئوچۇق ئاشكارا يىرتىپ تاشلاپ ، لاسانى مەركەز قىلىپ قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرگەن . ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ، شىزاڭ ئەمگەكچى خەلقىنى ئۈزۈل – كېسىل ئازاد قىلىش ئۈچۈن ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمى 20 – مارت توپىلاڭنى تىنجىتىش جېڭىنى باشلىدى . 22 – مارت لاسا شەھىرىدىكى توپىلاڭچىلار ئۈزۈل – كېسىل تارمار قىلىندى .

     20 – ئىيۇن ، روسىيە تەرەپ ، جۇڭگو – روسىيە ‹‹ دۆلەت مۇداپىئە يېڭى تېخنىكا كېلىشىمى ›› نى يىرتىپ تاشلىدى . 1958 – يىلى روسىيە تەرەپنىڭ جۇڭگودا روسىيە كونتروللىقىدىكى ئۇزۇن دولقۇن رادىئو ئىستانسىسى ۋە ئورتاق فلوت قۇرۇش تەلىپى جۇڭگونىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ، روسىيە تەرەپ بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قارىتا پاسسىپ پوزىتىسىيىدە بولدى .

   2 – ئىيۇلدىن 16 – ئاۋغۇستقىچە ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ۋە 8 – نۆۋەتلىك 8 – ئومۇمىي يىغىنى لۇشەندە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، يىغىننىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپى 1958 – يىلىدىكى  ‹‹ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ›› دىن بۇيانقى ئىقتىسادىي خىزمەتلەردىكى تەجىرىبە –ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ، ‹‹ سولچىل ›› خاتالىقىنى داۋاملىق تۈزىتىش ئىدى .1 – ئاۋغۇست ، ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ، ماۋزېدۇڭ پېڭ دېخۈەينى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە تارىختىكى بەزىبىر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى .  

    18 – ئاۋغۇستتىن 12– سېنتەبىرگىچە ، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . 13 – سېنتەبىر ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى : جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى 80 مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېچىلدى . بۇ دۆلىتىمىز قۇرۇلغان 10 يىلدىن بۇيانقى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرۇشتىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق كۆرەك . 10مىڭ 600 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت تەنھەركەتچىلىرى بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت يىغىنىدا 42 تۈر بويىچە مۇسابىقە ۋە ئويۇن كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغان بولۇپ ، 4000 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقە ۋە ئويۇن قويۇلغان ، تەنھەرىكەت يىغىنى 27 – سېنتەبىرگىچە داۋاملاشقان .

1969

2 – مارت ، روسىيە ھەربىي قىسىمى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى جېنباۋ ئارىلىدا دۆلتىمىز چېگرا مۇداپىئە خادىملىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، يارىلاندۇرۇپ ، ئېغىر قانلىق ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . دۆلىتىمىز دۆلەت مۇداپىئە قىسىمى ئامالسىز قايتۇرما زەربە بەرگەن . 4 – مارتتىن 17 – مارتقىچە ، روسىيە ھەربىي قىسىمى يەنە نۇرغۇن قېتىم جېنباۋ ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلغان . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى روسىيە ھۆكۈمىتىگە ئۈچ قېتىم كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرگەن . 4 – مارت ، ‹‹ خەلق گېزىتى ›› ، ‹‹ ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى ›› ‹‹ يېڭى چار پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ›› توغرىسىدا باش ماقالا ئېلان قىلغان . 24 – ماي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ ، جۇڭگو – روسىيە چېگرا مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى چۈشەندۈرگەن .

    1 – ئاپرېلدىن 24 – ئاپرېلغىچە ، جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيىسى 9 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر چوڭ يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . يىغىنغا 1512 ئادەم قاتناشقان . 28–ئاپرېل ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 9 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى . ماۋزېدۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ، يىغىندا مەركىزىي كومىتېت ئورگىنى سايلاپ چىقىلدى ، نەتىجىسى : ماۋزېدۇڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە ، لىن بياۋ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى . 9 – نۆۋەتلىك 1 – ئومۇمىي يىغىن لىن بياۋ  گۇرۇھىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي كومىتېت ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىدا ئورنىنى كۈچەيتتى .

    9– ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى : دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى 125 مىڭ كىلوۋولتلىق سۇ ئىچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى شاڭخەيدە بارلىققا كەلدى ھەمدە رەسمىي توك تارقاتتى . بۇ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى دۆلىتىمىز ئۆزى لايىھىلەپ ، ياساپ قۇراشتۇرغان بولۇپ ، سىغىمى چوڭ ، ھەجىمى كىچىك ، يىنىك ، كۆمۈر سەرپىياتى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە . ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسىلىشى ، دۆلىتىمىز ئېلېكتر ماشىنىسى ياساش سانائىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ .

    12 – نويابىر ، ليۇ شاۋچى ناھەقچىلىق تۈپەيلى ئالەمدىن ئۆتكەن .

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر