باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ت

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-13 18:51 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدىكى جۇغلانمىلىرىنىڭ جەۋھىرى.

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش

كۈرەش تاھىر

 

ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىللىي مەدەنىيەتنىڭ يادروسى، مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولۇپ، چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ۋە ئىچكى ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە. شۇڭا، ھەر قانداق بىر مىللەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئايرىلسا، تۇپراقسىز دەرەخ، مەنبەسىز دەرياغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ياشاش مۇھىتى ۋە تەرەققىيات شارائىتى ئوخشاش بولماسلىق سەۋەبلىك، ئوخشاش بولمىغان مىللىي مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلار شىنجاڭ (قەدىمدە «غەربىي يۇرت»دەپ ئاتالغان)نىڭ قەدىمكى زاماندا غەرب-شەرق مەدەنىيىتى ئالمىشىدىغان، چۆكۈندە بولىدىغان ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك مۇھىتىدا ياشىغانلىقى سەۋەبلىك مول مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ياراتقان، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش ئۇيغۇرلار ياراتقان مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى تونۇش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىكى ئىلغار تەركىبلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    بىرىنچى، مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى

    مەدەنىيەت كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇقۇم. غەرب مەنبەلىرىدىكى «مەدەنىيەت»(culture) ئاتالغۇسى ئۇقۇم جەھەتتە لاتىن تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، «يەر تېرىش، ئولتۇراقلىشىش، مەشىق قىلىش، دىققەت قىلىش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەنىلەر ئىچىدىكى «يەر تېرىش» فرانسۇز تىلىدا يەنە «تەربىيىلەش، يېتەكلەش» دېگەندەك كۆچمە مەنىلەردە ئىستېمال قىلىنىپ، كونتېكىستلاردا ئىنساننىڭ مىجەز-خۇلقىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئىنساننى ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتىن تەربىيىلەش قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلىپ، ئىنساننىڭ ماددىي ۋە روھىي(مەنىۋى) جەھەتتىكى پائالىيەت ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. ئەنگلىيىلىك مەدەنىيەتشۇناس ئېدۋارد تايلور «ئىپتىدائىي مەدەنىيەت» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە مەدەنىيەتكە تەبىر بېرىپ «بىلىم، ئېتىقاد، سەنئەت، ئەخلاق، قانۇن، قائىدە-يوسۇن، جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى ھېسابلىنىدىغان ھەرقانداق بىر ئادەم نائىل بولغان ئىقتىدار ۋە ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ بىرىكمە »دىن ئىبارەت دەپ قارىغان. مەملىكىتىمىزدە يېقىندا نەشردىن چىققان « جۇڭگو بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى »نىڭ ئىجتىمائىي پەن قىسمىدا: «كەڭ مەنىدىكى مەدەنىيەت ئىنسانلار ياراتقان بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى مەھسۇلاتنىڭ يىغىندىسى. تار مەنىدىكى مەدەنىيەت تىل، ئەدەبىيات، سەنئەت ھەمدە بارلىق ئىدېئولوگىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىۋى مەھسۇلاتنى كۆرسىتىدۇ» دېيىلگەن. مەزكۇر ئەسەرنىڭ پەلسەپە قىسمىدا: «كەڭ مەنىدىكى مەدەنىيەت ئىنسانلارنىڭ ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ماددىي ۋە مەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تار مەنىدىكى مەدەنىيەت مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەنىۋى مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بارلىق ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بەزىدە يەنە مائارىپ، ئىلىم- پەن، ئەدەبىيات - سەنئەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق تەرەپلەردىكى بىلىم ۋە ئەسلىھەلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ دۇنيا قاراش، سىياسىي ئىدىيە، ئەخلاق قاتارلىق ئىدېئولوگىيىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.» دېيىلگەن.ئىلىم ساھەسىدىكى بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراشلارغا ئاساسلانغاندا،مەدەنىيەت مەلۇم بىر جەمئىيەت ياكى مەلۇم بىر مىللەت كوللېكتىپ تۇرمۇشىدا بارلىققا كەلگەن تىل- يېزىق، ئەدەبىيات، مائارىپ، قانۇن، پەلسەپە، دىن، ئىلىم- پەن، ھۈنەر- سەنئەت، قائىدە- يوسۇن، تۇرمۇش ۋە ئەخلاق قاراشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

    مەدەنىيەت ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ھەرقانداق بىر دۆلەت ياكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ كونكرېت بىر تارىخىي دەۋردىكى تەرەققىياتى، ئۇنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئەمما ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى، رولى، ئورنى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى، ئەخلاق ئۆلچىمى، ئۆرپ- ئادىتى قاتارلىقلار جەھەتلەردە بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.

1)مەدەنىيەت مىللىي تۈسكە ئىگە. مەدەنىيەت مۇئەييەن شارائىتتىكى ئىجتىمائىي مۇھىتتا مەيدانغا كەلگەچكە، مىللىي خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولىدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، ئەخلاق ئۆلچىمى، گۈزەللىك تۇيغۇسى، ئۆرپ- ئادىتى، كۆزقارىشى ۋە جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، تەپەككۇر قىلىش شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

2) مەدەنىيەت رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ياشىغان رايونى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، ياشاش ئۇسۇلى، جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ئوخشاش بولمايدۇ. مۇشۇ ئاساستا شەكىللەنگەن مىللىي مەدەنىيەتمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

3) مەدەنىيەت ھەرقانداق بىر مىللەت تىلىدا ئۆز خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. تىل مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت پەقەت تىل ئارقىلىق شەكىللىنەلەيدۇ ۋە تىلى ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى تونۇتالايدۇ، نامايان قىلالايدۇ ۋە يۈكسەلدۈرەلەيدۇ. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ- ئادەت، ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل- سەنئەت، خەتتاتلىق، ھۈنەر- سەنئەت قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى پەقەت تىل ئارقىلىق خاتىرىلىنىپ ساقلىنىدۇ ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە، گېزىت- ژۇرنال، كىتاب- دەرسلىك ۋە نۇتۇق ۋاسىتىلىرىمۇ پەقەت تىل ئارقىلىقلا شۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى، تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق باشقا مىللەت مەدەنىيىتىنى تارقىتىدۇ. تارىختا غايىب بولغان مەدەنىيەت ھادىسىلىرىمۇ تىلدا ساقلىنىدىغان بولغاچقا، ھازىر بىزگىچە يېتىپ كېلەلىگەن.

4)مەدەنىيەت تارىخىيلىققا ئىگە. مەدەنىيەت بىر تۈرلۈك تارىخىي ھادىسە بولۇپ، جەمئىيەت تارىخىنىڭ جۇغلانمىسى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى مىللىي مەدەنىيىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ھەر بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئەسلىدە بار بولغان مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسلىدىكى مەدەنىيەتنىڭ مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى تاشلاپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.

    ئىككىنچى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى ــــ ئۇيغۇر تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى

    ھەر قانداق مىللىي مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى مۇئەييەن ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىت، ئىقتىسادىي ئەھۋاللار ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ، مەدەنىيەت ئامىللىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ ھازىرقى زاماندىكى مەدەنىيەت سىستېمىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمۇ مۇشۇ تەرزدە شەكىللەنگەن، ۋارىسلىق قىلىنغان ۋە تەرەققىي قىلغان.

    تارىخىي خاتىرىلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان تېلىلار ئەسلىدە ئېلىمىزنىڭ شىمالى ۋە غەربىي بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى، ئېرتىش دەرياسى ۋە بالقاش كۆلى ئەتراپىدا ياشىغان. مىلادىيە 840- يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئىچكى نىزا، تەبىئىي ئاپەت ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن، ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كېلىپ، بۇ يەردە ياشاۋاتقان دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقلەرنىڭ تەسىرىدە كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى تاشلاپ، دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان.

    تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى ـــ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى دېھقانچىلىق ئەمەلىيىتى جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن دېھقانچىلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بوستانلىق، چۆللەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتى يېرىم قۇرغاق ۋە قۇرغاق ئىقلىمغا تەۋە بولغاچقا، تېرىقچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىگە ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. قەدىمدە غەربىي يۇرت دەپ ئاتالغان شىنجاڭ ئېلىمىزدىكى دېھقانچىلىق ئاپىرىدە بولغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. ۋېي، جىن سۇلالىلىرى مەزگىلىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەر ھازىرقى تۇرپان ئويمانلىقىدا بوز يەر ئېچىش بازىسىنى بەرپا قىلغان، بۇنىڭدىن سەل كېيىنرەك قۇرۇلغان قوچۇ بەگلىكى(高昌国)دە سۇ ئىنشائاتى راۋاجلاندۇرۇلغان، بۇغداي ۋە ئارپىدىن يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئېلىنىپ، غەربىي يۇرتتىكى مۇھىم دېھقانچىلىق مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلغاندىن كېيىن، بوز يەر ئېچىش بازىلىرى تۇرپان ئويمانلىقىدىن باشقا رايونلارغىمۇ كېڭەيتىلگەن. ئۇيغۇرلار مىلادىيە 840-يىلى غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن تۇرپان، تەكلىماكان بوستانلىقلىرىدا بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلدى. قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى(مىلادىيە 850؟ 1250؟ يىلى) ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى(مىلادىيە 850؟ 1212- يىلى) دا ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولدى.

    ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىدە ئاشلىق زىرائىتى ئاساس قىلىنغان باغۋەنچىلىك، پاختىچىلىق، پىلىچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك شەكلى مەۋجۇت. ئاشلىق زىرائەتلىرى ئىچىدە ئاساسلىقى بۇغداي، ئارپا، قوناق،شال قاتارلىقلار تېرىلىدۇ.شىنجاڭدا بۇغداي تېرىشنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە بۇغداي ئەڭ دەسلەپتە شىنجاڭدا تېرىلغان. ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن پاختا، كەندىر، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلار تېرىلىدۇ.

    ئۇيغۇرلار باغۋەنچىلىككە ناھايىتى ماھىر بولۇپ، ئالما، نەشپۈت، ئانار، ياڭاق، ئەنجۈر، ئۈزۈم، ئۆرۈك، شاپتۇل، قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى مىڭ يىللاردىن بۇيان، ئۈزۈمنىڭ ئېسىل سورتلىرىدىن نەچچە خىلنى يېتىشتۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە موناقى ئۈزۈم ناھايىتى داڭلىق. كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى زور بولغانلىقى سەۋەبلىك، شىنجاڭنىڭ ئىقلىمى قوغۇن تېرىشقىمۇ ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

    ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىدە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ھەر بىر دېھقان ھەم ئاشلىق تېرىشنى، ھەم چارۋا-مال بېقىشنى ئادەت قىلغان. شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا پىلىچىلىك، كېۋەز تېرىش، مايلىق زىرائەتلەرنى تېرىش، ئوتياش ۋە باشقا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇيغۇر يېزىلىرىدا چارۋىچىلىق قوشۇمچە كەسىپ قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى كالا، قوي، ئات، ئېشەك ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. بۇلار بىر تەرەپتىن تېرىقچىلىقنى ئوغۇت بىلەن تەمىنلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن يېزا ئىگىلىككە چارۋا- مال كۈچى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

    ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى جەريانىدا كارىزدىن ئىبارەت سۇغۇرۇش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇردى. تۇرپان ۋادىسىدىكى كارىزلار تىك قۇدۇق، يەر ئاستى ئۆستەڭ ۋە يەر ئۈستى ئۆستەڭ قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەر 20-30 مېتىر ئارىلىققا بىر تىك قۇدۇق كولىنىدۇ، تىك قۇدۇقلار يەر ئاستى ئۆستىڭى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلۇپ، تەدرىجىي يەر يۈزىگە باشلىنىدۇ. كارىزلار يۇقىرى ھارارەتلىك قۇرغاق جايلاردا سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشى ۋە يەر ئاستىغا سىڭىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

    ئۈچىنچى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ھەر قايسى دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن مۇلاھىزە قىلماقچىمەن:

    (1) كۆپ خىللىققا ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كۆپ خىللىققا ئىگە بولۇپ، ئاساسلىقى دىنىي مەدەنىيەت، دىندىن خالىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

    ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ئالدى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تارىم ئويمانلىقىدىكى يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئارا يۇغۇرۇلۇشىدا كۆرۈلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى كېسىشىدىغان بەلۋاغقا جايلاشقانلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 138- يىلى خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن ۋۇدىنىڭ ئەلچىسى جاڭ چيەن غەربىي يۇرتتا جۇڭگونىڭ يىپەك ماللىرىنى غەربكە ئاپىرىپ ساتىدىغان «يىپەك يولى»نى ئاچتى. «يىپەك يولى»نىڭ ئېچىلىشى جۇڭگو بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە قەدىمكى جۇڭگو مەدەنىيىتى، گرېك مەدەنىيىتى ۋە ھىندى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەدەنىيەتنىڭ غەربىي يۇرتتا يۇغۇرۇلۇشى ۋە تەرققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەرقانداق مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى دىننىڭ تەسىرىدىن خالىي بولالمايدۇ.

    مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. ئىسلام دىنى كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى، 15-16ئەسىرلەرگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ ئىسلام تۈسىگە ئىگە مەدەنىيەت ئاخىرقى ھېسابتا شەكىللەندى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلاردىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت، سەنئەت، قائىدە-يوسۇن، بىناكارلىق، بېزەكچىلىك، خەتتاتلىق قاتارلىقلار ئىسلام دىنىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەسىلەن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئادەتلىرى تامامەن دېگۈدەك ئىسلام دىنى قائىدىلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

    ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى كۆپ خىللىقنىڭ بارلىققا كېلىشى يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلغاندىن باشقا يەنە چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنلىك ۋە سودا- سېتىق ئىشلىرى بىلەنمۇ مەشغۇل بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلار سودا-سېتىققا ئىنتايىن ماھىر خەلق بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مەزگىلىدىلا مەشھۇر يىپەك يولىدا تاڭ سۇلالىسى بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى سودا-سېتىق ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە مۇئەييەن رول ئوينىغان.

    (2) مىللىيلىككە ئىگە. مەدەنىيەت جۇغراپىيىلىك مۇھىت، ئىقتىسادىي ھالەت، باشقا مىللەتلەرنىڭ تەسىرى ۋە ئىجتىمائىي سىياسىي قۇرۇلما قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ، بۇ ئامىللارنىڭ ئىچىدە جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە ئىقتىسادىي ھالەت مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى جۇغراپىيىلىك مۇھىت ئىنسانلار مەۋجۇت بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ ماددىي ئاساسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت ئېڭى ياكى روھىنىڭ ئاساسى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، شىنجاڭدىكى بوستانلىقلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىكى بوستانلىقلار ئىقلىمى ئىچكى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق ئىقلىم بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، قۇم ئۇچۇپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى مانا مۇشۇنداق جۇغراپىيىلىك شارائىتتا بوستانلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قويۇق مىللىي مەدەنىيەت ئېڭىغا ئىگە دەپ ئېيتالايمىز. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى خەنزۇ مەدەنىيىتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەزىنىسىنى شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بېيىتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

    ئۇيغۇر خەلقىىڭ بوستانلىقلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئادىتى ناخشا-ئۇسۇللارنىڭ ئورۇنلىنىش ۋە ھوزۇرلىنىش شەكلىنى بىر خىل ئاممىۋى پائالىيەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇيغۇرلاردىكى «ئالىم بولاي دېسەڭ مەكتەپكە بار، ئادەم بولاي دېسەڭ مەشرەپكە بار» دېگەن ماقال تەمسىلى مەشرەپنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋڭ مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بوستانلىق مەدەنىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئىنتايىن ناچار تەبىئىي شارائىتتا ئادەم بىلەن بوستانلىقنىڭ ئورتاق بىللە تۇرۇشتەك ياشاش ئەندىزىسىنى ياراتقان بولۇپ، مەشرەپلەردە ھاياتلىقتىن ھېيىقىش، تەبىئەتكە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتەك ئېكولوگىيىلىك ئەخلاق ئەندىزىسىگە رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەشرەپلەردە ئۇيغۇرلار ھۆرمەتلىنىش، ھاياتلىقنى سۆيۈش ۋە قەدىرلەش، تەبىئەت بىلەن ئەپ ئۆتۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيە ئېلىپ، بوستانلىق ئەنئەنىسىدىكى ياشاش ئۇسۇلىنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىر، مۇزىكا ۋە ئۇسۇلنى بىر گەۋدە قىلغان مۇقام سەنئىتىمۇ بوستانلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلىپ ھاياتلىققا بولغان تەلپۈنۈشىنى يارقىن ئىپادىلەيدۇ.

    (3) ۋارىسچانلىققا ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىدىكى ئۇرۇقلارنى تاللاش، ئەمگەك قوراللىرىنى ياساش قاتارلىق بىلىملەر پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ،زىرائەتلەرگە بولغان تونۇشمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ. تېرىقچىلىقنىڭ پەسىل ئۆزگىرىشى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى كۆزىتىشلەرمۇ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋام قىلىدۇ. تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىدىكى بۇنداق ئۇدۇملار ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسچانلىقىنى شەكىللەندۈرگەن.

    ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندا، بىر مىللەت ياشاۋاتقان تەبىئىي مۇھىت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت پسىخىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مەزگىللىك تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى جەريانىدا، زىرائەتلەرنى ئەتىيازدا تېرىش، يازدا ئوتاش، كۈزدە يىغىش، قىشتا ساقلاشنىڭ بىر قاتار تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىگە خاس كەيپىيات ياراتقان. دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەۋرىيلىكى، زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇق سېلىنىشتىن باشلاپ تا يىغىۋېلىنغىچە بولغان جەرياندا ئەمگەكلەرنىڭ يىلدا تەكرار-تەكرار ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇرىدا دەۋرىيلىك، تەكرارلىق، تەقلىدچانلىقتىن ئىبارەت ئادەتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان.بۇنداق تەپەككۇر ئادىتى يەنە ياقا يۇرتتىن ئۆز يۇرتىغا قايتىشنى ئويلاش، ئىجادكارلىققا ئىنتىلمەسلىك، كونىلىقنى ياقىلاش، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق خاراكتېرلارنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تېرىقچىلىق مىللەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر مۇھىم تەرىپى شۇكى، ئۇيغۇر خەلقى ئەجدادلىرىنىڭ ئوت-سۇ قوغلىشىپ ياشايدىغان چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىدىكى ھەرىكەتچان روھ بىلەن يەردىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىدىكى مۇقىملىققا ئىنتىلىش روھىنى يۇغۇرۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا چارۋىچىلىق بىلەن تېرىقچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن، تېرىقچىلىق ئاساس، چارۋىچىلىق قوشۇمچە قىلىنغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

    ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى ۋارىسچانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشۇشقانلىقىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ئاساسلىقى توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراغ، خەتنە قىلىش، قوشنىدارچىلىق، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق، ساۋاقداشلىق، يۇرتداشلىق، تونۇش-بىلىش قاتارلىق ئەل ئىچىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى يېقىنلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم قىلىش، مېيىپ-مەجرۇھلارغا، تۇل خوتۇنغا، يېتىم - يېسىرلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

    (4) ئىجادكارلىققا ئىگە. تەرەققىي قىلغان ۋە گۈللەنگەن مىللىي مەدەنىيەت باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئېستېتىك ئاڭ ۋە ئېتىكىلىق يۈزلىنىش جەھەتتە ئورتاقلىق ۋە بىردەكلىكنى ھاسىل قىلىپ مەزكۇر مىللەت بىلەن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان، ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى تۇرغۇزۇشتا ۋە ئۇنى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشتا، پەقەت ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئاساسىغىلا باغلىنىپ قالماستىن، يەنە سوغدى مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى، ئەرەب- پارس مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ۋە تۈركىي تىللىق قېرىنداش مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلما ئامىللىرىنى، شۇنداقلا شامان دىنى، مانى دىنى، زەردۇشت دىنى، بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجابىي ئامىللىرىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئەسلىدە بار بولغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، دىنىي-ئېتىقاد، بىكارلىق، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ياراتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە يېڭى-يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە. جۈملىدىن يېڭىچە بىرخىل ئارىلاشما مەدەنىيەت بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئاياللار ۋە قېرىلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، بارغانسېرى ئىززەتلىنىشكە، ھۆرمەتلىنىشكە مۇيەسسەر بولدى. قىز-يىگىت توي قىلغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشتىن ئۆي ئايرىپ تۇرۇشقا يۈزلىنىشتەك ئەھۋاللار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇملىشىشقا باشلىدى. گەرچە دۇنيادىكى ھەر خىل مەدەنىيەتلەردە ئىلغار-قالاق ئايرىمىسى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، لېكىن بىر مىللەت مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى باشقا مىللەت مەدەنىيىتىدىكى ئىلغار ئامىللارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلار ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدىكى ماشىنا، رېستوران، پادىچى ئىشتان، كاستۇم -بۇرۇلكا، شىلەپە، تېلېۋىزور، رادىئو، كىنو، كومپيۇتېر قاتارلىق ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتكە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەبىئەتتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.

    يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدىكى جۇغلانمىلىرىنىڭ جەۋھىرى. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئىنسانىيەت ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويغان، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى مۇقىم ئېشىپ بېرىۋاتقان، ئېلىمىز ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلۇۋاتقان، تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، تەبىئەتتىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يەككە-يېگانە تەرزدە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلماستىن، بەلكى ئالماشتۇرۇش، قوبۇل قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا، ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش مەزگىلىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى توغرا تونۇش، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى ئىلغار تەركىبلەرنى بۈگۈنكى زاماندىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا تەتبىقلاش ، چەت ئەللەرنىڭ ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئىلغار تەركىبلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئۆزلەشتۈرۈش نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئاسراش ۋە قوغداشنى ھازىرقى زامان پەن- تېخنىكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇچۇر جەمئىيىتىگە يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    (1) نا جۇڭ، شى شىتۇڭ، جۇ كەي: «ۋارىسلىق ۋە يۇغۇرۇلۇش ـــ ئەرەب مەدەنىيىتى»، جېجياڭ خەلق نەشرىياتى، 1993- يىلى نەشرى.

    (2) شىۋارتس [ئامېرىكا ]: «كۇڭ زىنىڭ جۇڭگوسى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زاماندىكى قىسمىتى»، جياڭسۇ خەلق نەشرىياتى، 1995-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى.

    (3) جۇ سەيجۈ: « جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى پەلسەپىسى»، جۇڭگو تىنچلىق نەشرىياتى، 1991- يىلى 11-ئاي 1-نەشرى.

    (4) گېلبېرت [ئامېرىكا]: «جۇڭگونى زامانىۋىلاشتۇرۇش»، جياڭسۇ خەلق نەشرىياتى، 1995- يىلى 8-ئاي 1-نەشرى.

    (5) شۈي يىڭشى: « جۇڭگو مەپكۇرە ئەنئەنىسىنىڭ زامانىۋى شەرھىسى»، جياڭسۇ خەلق نەشرىياتى، 1995- يىلى 8-ئاي 1-نەشرى.

مەنبە:شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 2008 - يىل 2 سان

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش [ 2011-11-29 17:21:15 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ماتىماتىكىلىق فورمۇلا تەھرىرلىگۇچ (数学公式编辑器) V6 [ 2011-11-27 22:17:28 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] 几何画板 V5.0 最强中文版گىئومىتىرىيە دوسكىسى [ 2011-11-27 22:14:17 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتىماتىكا مەشىقچىسى 小学数学练习机 V35.0 [ 2011-11-27 22:09:46 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، [ 2011-11-27 22:05:05 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلىرى قۇياشنىڭ قاياقتىن چىقى [ 2011-11-27 22:02:50 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىمۇ خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلىدۇ [ 2011-11-27 21:56:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] كېيىنكى كۆك تۇرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ تارى [ 2011-11-27 21:52:54 ]
[تارىخى بىلىملەر] 893 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار بىلەن قىلغان جە [ 2011-11-27 21:47:27 ]
[تارىخى بىلىملەر] قەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرى [ 2011-11-27 21:42:14 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر