باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

«مۇقام» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-07 15:18 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
تون ، فونېما ، گامما ، كۈي شەكلى چۈشەنچىسى : مۇنداق قاراشتىكىلەر «مۇقام»سۆزىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى «ئاۋاز» ، كېيىنچە قەدىمكى چالغ

«مۇقام» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 

«مۇقام» ئەرەبچە سۆز . بۇ سۆزنى ئالىملار تارىختىن بۇيان بىر – بىرىگە ئوخشاشمىغان ھالدا ئىزاھلاپ كەلدى .

 (1) ئورۇن چۈشەنچىسى : ياۋروپالىق مۇزىكا ئالىمى ئىدىلسون 1913 – يىلى « مۇقام »سۆزىنى «ئەڭ يۇقىرى ئورۇن » ، يەنى ناخشىچىلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان خەلىپىنىڭ ئالدىدا تۇرغان چاغدىكى پەلەمپەي ياكى ئېگىز پەشتاق دەپ چۈشەندۈردى . ساكس بىلەن لئمان . مىشاز قاتارلىقلارمۇ بۇ خىل قاراشقا قوشۇلدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى كۆپ ئالىملار مۇنداق قاراش ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ . چۈنكى ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئوردىسىدا ناخشىچىلارنىڭ خەلىپە ئالدىدا تۇرالايدىغان مۇنداق پەۋقۇلئاددە شەرەپكە نائىل بولالىشى ناتايىن ، ئۇلارنىڭ پەلەمپەي ياكى ئېگىز پەشتاقتا تۇرۇشىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ، دېدى .

 (2) قائىدە ، ئۆلچەم ، قانۇن ، شەكىل ، قېلىپ چۈشەنچىسى : بەزى ئالىملار ئەرەب تىلىدىكى «مۇقام » بىلەن گرېك تىلىدىكى «نومجىن»ئارىسىدا ئوخشاش مەزمۇن بار ، ھەر ئىككىسى «قائىدە » ياكى «قانۇن»دېگەنلىك بولىدۇ ، دەيدۇ . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «مۇقام»نىڭمۇ شۇنداق مەنىسى بار . ئالايلۇق ، كىشىلەر «مۇقامغا قاراپ ئىش قىلايلى»دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ . بۇ سۆز مۇزىكا ساھەسىدە «قېلىپ»ياكى «شەكىل» مەنىسىدە كېلىدۇ . `

 (3) تون ، فونېما ، گامما ، كۈي شەكلى چۈشەنچىسى : مۇنداق قاراشتىكىلەر «مۇقام»سۆزىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى «ئاۋاز» ، كېيىنچە قەدىمكى چالغۇ ئودنى چالىدىغان مۇغەننىلەرنىڭ سول قول بارمىقى تۇرىدىغان ئورۇننى كۆزدە تۇتقان . چۈنكى مۇغەننىنىڭ سول قول بارمىقىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ ئوخشاشماسلىقى بويىچە ئوخشاشمىغان گامما چىقىرىشقا بولىدۇ . مۇشۇ تۈپەيلى ئوخشاشمايدىغان كۈي شەكلى پەيدا بولىدۇ . شۇڭا ، «مۇقام »سۆزى «كۈي شەكلى »دېگەن مەنىدە كېلىدۇ ، دەيدۇ . 1976 – يىلى نەشىردىن چىققان «سوۋېت ئىتتىپاقى قامۇسى . مۇزىكا قىسمى » مۇشۇ قاراشنى قوبۇل قىلغان .

 (4) كۈي ئاھاڭى ، مۇزىكىلىق كۈي چۈشەنچىسى : ئۇيغۇر تىلىدىكى «مۇقام »سۆزى «كۈي ئاھاڭى» ياكى «مۇزىكىلىق كۈي » دېگەن مەنىدە كېلىدۇ . ئالايلۇق ، كىشىلەر «كونا مۇقامغا توۋلاۋەرمىگىنە » دېگەندە «ئاھاڭ » ياكى «كۈي » نى «مۇقام » دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەيدۇ .

 (5) مېلودىيە چۈشەنچىسى : «جۇڭگو قامۇسى . مۇزىكا – ئۇسسۇل قىسمى »دا ئەرەب مۇزىكىلىرىدىكى كۈي ئاھاڭى تۆت تونلۇق تەرتىپنى ئاساس قىلىدۇ . باراۋەر بولمىغان ھەرخىل ئىنتېرۋالدىن ھەر خىل شەكىلدىكى تۆت تونلۇق تەرتىپ بارلىققا كېلىدۇ . ئىككىدىن ئارتۇق تۆت تونلۇق تەرتىپتىن بىر خىل كۈي شەكلى پەيدا بولىدۇ ، دەپ خاتىرىلەنگەن . ئەرەب مۇزىكىلىرىدىكى يۈزدىن ئارتۇق مۇنداق كۈي شەكلى «ماقام»دەپ ئاتىلىدۇ . «مۇزىكانتلار ماقامدا بەلگىلەنگەن گامما ، ئاۋاز دائىرىسى ، ئىنتېرۋال ، تايانچ تون شۇنداقلا مېلودىيىلىك ۋە رىتىملىق شەكىللەر بويىچە ، پەۋقۇلئاددە ھېسسىيات بىلەن پەلسەپىۋى پىكىرنى بىرلەشتۈرۈپ خالىغانچە ناخشا ئېيتىدۇ ، مۇزىكا ئورۇنلايدۇ » .ساكس ، ناتىر ، يارگى قاتارلىق مۇزىكا ئالىملىرى «مۇقام» «پەۋقۇلئاددە گامما ، پەۋقۇلئاددە ئىنتېرۋال ، پەۋقۇلئاددە كۈي قۇرۇلمىسى ، تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ئاساسىي مۇددىئانى ئالاھىدىلىك قىلغان مېلودىيە شەكلى » ، «مېلودىيىنىڭ سۆڭىكى ۋە مىلودىيە قېلىپى» ياكى بولمىسا «كۈي شەكلى مېلودىيە تۈرى»دەپ كۆرسىتىدۇ .

 (6) پەۋقۇلئاددە زامان – ماكان بىرىكمىسى شۇنداقلا «پەۋقۇلئاددە مۇزىكا ئىجادىيەت ئۇسۇلى»چۈشەنچىسى : ئەرەب مۇزىكا ئالىمى ھەبىب . ھەسەن . توما «پەقەت مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدىلا مۇقام ھادىسىسىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ، يەنى بىر خىل رىتىم بىلەن بىر زاماندىكى بىرىكمىنى شۇنداقلا زۆرۈر ۋە ئېنىق ئاھاڭ بىلەن بىر ماكاندىكى بىرىكمىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ .»ئاتالمىش پەۋقۇلئاددە مۇزىكا ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ئالدى بىلەن بىرەر كۈي شەكلىنى تاللاپ ، شۇ ئاساستا مېلودىيە شەكىللەندۈرۈشكە ، ئاندىن ئوخشاش بولمىغان ئۇدار بىلەن رىتىم ئارقىلىق ھەرقايسى باسقۇچلارنى تەشكىللەشكە توغرا كېلىدۇ . شۇ چاغدا مۇزىكا كۈيى بارلىققا كېلىدۇ . بۇ خىل مۇزىكا ئىجادىيەت ئۇسۇلى«كۈي شەكلىرىتىم مۇزىكا ئىجادىيەت ئۇسۇلى»دېيىلىدۇ ، دەپ قارايدۇ

 (7) مۇزىكا ژانىرى ، يۈرۈشلەشكەن كۈي ، چوڭ كۈي ، مۇزىكا تۈرى چۈشەنچىسى : لياۋتىيەنرۈي ئەپەندى باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «مۇزىكا قامۇسى»غا كىرگۈزۈلگەن ۋەن تۇڭشۇ ئەپەندى تەرىپىدىن ئىزاھلانغان «مۇقام»سۆزىدە : 11 – ئەسىردىن 14ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى مىللەتلەردە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مۇقام كۈي شەكلى سىستېمىسى بويىچە شەكىللەنگەن چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى . مۇقاملارغا كۈي شەكلىنىڭ ئەمەلىي گەۋدىسىدىن باشقا مۇزىكىلىق ژانىر دېگەن مەزمۇن قوشۇلدى ، دەپ كۆرسىتىلىدۇ . يەنە بەزى ئالىملار : «مۇقام»«ماگام»سۆزىدىن ئۆزگەرگەن . ھالبۇكى ، «مەگام»مىلادىيە 10 – ئەسىردە ئەرەب ئەدەبىيات سەھنىسىدە بارلىققا كەلگەن بىر خىل ئەدەبىي ژانىر . بۇ خىل ئەدەبىي ئەسەرلەردە دراماتىك ھېكايىلەر قاپىيىلىك نەسىر بويىچە بايان قىلىنىدۇ . ئۇنى مۇزىكا ئاھاڭلىرىغا كىرىشتۈرۈپ ئېيتقىلى بولىدۇ . بۇ مۇزىكىلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كىچىك كۈيلەردە بايان قىلىنىۋاتقان ھېكايىلەر ئارقىلىق بىر يۈرۈش مۇزىكىغا ئايلانغاندىن كېيىن «مەگام»دەپ ئاتالغان ، كېيىنكى كۈنلەردە «مۇقام »دېيىلگەن ، دەيدۇ . «سوۋېت ئىتتىپاقى قامۇسى . مۇزىكا قىسمى » مۇ مۇقامنى«ناخشا مۇزىكىسى بىلەن چالغۇ مۇزىكىسىدىن شەكىللەنگەن يۈرۈشلۈك كۈيلەر »دەپ چۈشەندۈرىدۇ . 1960يىلى نەشىردىن چىققان «ئون ئىككى مۇقام»دېگەن كىتابتا «ئون ئىككى مۇقام » «لىرىك ناخشا ئاھاڭلىرى ، ئېپىك داستان ناخشىلىرى ، ئۇسسۇل بىرىكمە ناخشىلىرى ۋە مۇزىكىلىق كۈي قاتارلىق ھەرخىل ژانىردىكى مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان گۇرۇپپىلاشقان كۈي»دېيىلگەن . ھەمدە مۇشۇ تەپەككۇر بويىچە «شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى [ئون ئىككى مۇقام ] نىڭ قۇرۇلمىسى ئېلىمىزدىكى قەدىمىي چوڭ كۈي («كۈسەن نەغمىلىرى »قاتارلىق «غەربىي يۇرت چوڭ كۈيلىرى ») بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، شۇڭا [ئون ئىككى مۇقام]نىڭ تەركىبىدىكى ھەربىر مۇقامنىڭ بىرىنچى چوڭ بۆلىكى ‹چوڭ نەغمە›دېيىلىدۇ ، بۇ [چوڭ كۈي] دېيىلگەنلىك»يېزىلغان . مۇشۇنداق ئويلىنىش نەتىجىسىدە ، ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەل ئىچى مۇزىكىلىرىنىڭ «ئەل ئىچى ناخشا مۇزىكىلىرى» ، «ئەل ئىچى ناخشائۇسسۇل مۇزىكىلىرى» ، «ئەل ئىچى چالغۇ مۇزىكىلىرى »، «داستان مۇزىكىلىرى» ، «ئەلنەغمە مۇزىكىلىرى»دەپ ئاتالغان ئۇزاق بىر مەزگىلنى نەزەرگە ئېلىپ ، «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ لىرىك ناخشىلىرى ، ئېپىك ناخشىلىرى ، چالغۇ مۇزىكىلىرى ، ناخشائوسسۇل مۇزىكىلىرى قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە بويىچە يۇقىرىدىكى «بەش تۈر»نىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر تۈرگە كىرگۈزۈشكە مۇمكىن بولمىدى . مۇشۇلارغا ئاساسەن بەزى ئالىملار 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا مۇقامنى پەۋقۇلئاددە «مۇزىكا تۈرى»دەپ قاراش لازىم دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى .

 (8)ئەركىن ئۇدار چۈشەنچىسى : ئۇيغۇر ئەلنەغمىچىلىرى مۇشۇنداق دېيىشكە ئادەتلەنگەن . ئۇلار ئۆز ئادىتى بويىچە «مۇقام»نى «ئەركىن ئۇدارلىق مۇزىكىلىق كۈي»دەيدۇ . ئەگەر ئۇلارنى مۇقامدىن ئارىيە ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلساق ، ئۇلار ئالدى بىلەن «ئەركىن ئۇدار»لىق كۈينى ئېيتىپ بېرىدۇ . «جۇڭگو مۇزىكا لۇغىتى»دىمۇ مۇقام «چوڭقۇر ھېسسىياتلىق ، ئەركىن ئۇدارلىق مۇقەددىمە ، ئەركىن رىتىملىق ئۇزۇن – قىسقا جۈملىلەر » دىن قۇراشتۇرۇلغان ، دەپ يېزىلغان

 (9)ئىختىيارىي (دەماللىق)ئورۇنلاش چۈشەنچىسى : ئىدىلسون مۇقامنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بۇ نۇقتىئىنەزەرنى ھەممىدىن بالدۇر تىلغا ئالدى . ۋېنگرىيىلىك مۇزىكا ئالىمى ساپوچ . بىنسەي «مېلودىيە تارىخى»ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن «ئەل ئىچى مۇزىكىلىرى ۋە بەدىئىي مۇزىكىدىكى مۇقامپرىنسىپلىرى :تۈر ۋە ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى»دېگەن ماقالىدە :«مۇقام دېگىنىمىز ئورۇنلىغۇچى ئۈچۈن سەنئەتلىك لايىھىلەپ بېرىلگەن ئۆلچەملىك ئەنئەنە ، قانۇنىيەت ۋە ئۇسلۇبنىڭ يىغىندىسى . ئورۇنلىغۇچىنىڭ ئىختىيارىي (دەماللىق ) ئورۇنلىشى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مېلودىيىلىك فورماتسىيە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۇسلۇب ئۆلچەملىرى ئاساسىدىكى خاسلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» . «بۇ خىل بەدىئىيلىكنىڭ جەۋھىرى شۇ يەردىكى ، ئۇ چەكلەش ۋە ئەركىن بولۇش ، مۇقىم ئۈلگە ۋە ئىختىيارىي ئورۇنلاش ، كوللېكتىپ ۋە شەخس ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئەنئەنە ۋە كۆز ئالدىمىزدىكى ئىجادىيەت ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ » .«ئومۇمەن ئەل ئىچىدىكى مېلودىيىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىجاد قىلىنىشنىڭ ھەممىسىدە ماقام قوللىنىلىدۇ ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ » . «ئۆز پېتى تۇرۇۋېرىدىغىنى پەقەت ئادەتتىكى كۆرۈنۈش بىلەن ئاساسىي قىياپەت بولىدۇ . قالغانلىرى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئەركىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . ئورۇنلاشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭدىكى مەنە بىلەن ھاياتىي كۈچنى مېلودىيىنىڭ ئىچىگە سىڭدۈرىدۇ»دەپ يازىدۇ .

«مۇقام»دېگەن بۇ سۆزنى ھەرخىل چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇنداق ئىككى خىل سەۋەبى بار : بىرى ، ھەرمىللەت ، ھەرقايسى رايونلاردىكى «مۇقام مۇزىكا ھادىسىسى »ئوخشاش ئەمەس . يەنە بىرى ، «مۇقام »دېگەن بۇ سۆز تارىخىي مۇساپە ۋە پايانسىز كەڭ زېمىندا ئۆز مەنىسىنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ تۇرغان . شۇڭا ، ھەرقايسى دۆلەت ، ھەرقايسى رايون ۋە ھەرقايسى مىللەتتىكى مۇزىكا ئالىملىرى شۇ جايدىكى «مۇقام مۇزىكا ھادىسىسى»نىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بويىچە «مۇقام»دېگەن بۇ سۆزگە ھەرخىل تەدىبر بەرگەن . «ئون ئىككى مۇقام »ۋەكىللىكىدىكى ئۇيغۇر مۇقامىغا قارىتا ، بىز ئۇنى «ناخشا – ئۇسسۇل ، مۇزىكىنى بىر گەۋدىگە مۇجەسسەم قىلغان چوڭ ھەجىملىك ئۇنىۋېرسال سەنئەت شەكلى»دەپ چۈشەندۈرىمىز .

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئېلكىتابلار] بالدۇر ئويغانغان ئادەم [ 2011-12-01 15:52:03 ]
[ئېلكىتابلار] خوتەندىكى قەدىمكى ئىزلار [ 2011-12-01 15:46:43 ]
[ئېلكىتابلار] بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت (18-ئەسىر) ئەسلى نۇسخا [ 2011-12-01 15:41:55 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] مەن ياقتۇرغان ئېسل تور كۆرگۇ GreenBrowser [ 2011-12-01 15:09:54 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.0 رەسمىي نەشىرى [ 2011-12-01 14:51:34 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا پىنيىن تاپقۇ [ 2011-12-01 14:46:36 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] سۆز قوراشتۇرۇش ئويۇنى [ 2011-12-01 14:41:02 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 10-ئايلىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان نەتىجىسى [ 2011-11-23 17:04:36 ]
[تارىخى بىلىملەر] يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بەربات بولۇش تارىخى [ 2011-11-20 17:59:12 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى [ 2011-11-20 17:57:30 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر