مىللى ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇشلىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەتقىقاتىغا ئائىت مۇھىم مەسىلىلەر نەبىجان تۇرسۇن( تارىخ پەنلىرى دوكتورى) ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي تارىخىي مۇرەككەپ جەريانلار بىلەن تولدى. بۇ دەۋردە پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە 30- ۋە 40-يىللاردا كەڭ كۆلەمدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلىرى پارتلاپ، يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھاكىمىيەتلىرىنى بەرپا قىلدى. بۇ ھەرىكەتلەردە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ 30-يىللاردىكى ئىنقىلابلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسا، 40-يىللارغا كەلگەندە قايتىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاپ ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي-سىياسى، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئوزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن شىمالدىكى ئۇچ ۋىلايەتنىڭ تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئوز ئالدىغا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ۋە ئاخىرىدا ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە گومىنداڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە كاپالەتكە ئىگە قىلدى. 1. مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەسىلىسى 20-ئەسىرنىڭ 20-40-يىللىرىدا سوۋېت رۇسىيىسى ۋە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاسىيا، ئافرىقا ھەم باشقا جايلاردىكى مۇستەملىكە ئاستىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" دەپ باھالاش پرىنسىپى بويىچە 30-40- يىللاردا تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت كاتېگورىيىسىدە كىرگۈزگەن. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تەبىرىگە تايانغاندا ، "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" مۇستەملىكە ، يېرىم مۇستەملىكە ئاستىدىكى بارلىق خەلقلەر ۋە بارلىق ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە ، جاھانگىرلىككە ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغان ھەرىكەتدۇر. بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەت 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئەۋجى ئالغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە دۇنيا، ئۇلۇغ بېرىتانىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، چار رۇسىيە ۋە ياپونىيە، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى، مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى قاتارلىق جاھانگىر دەۋرىگە كىرگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆتۈۋېلىنغان ئىدى. رۇسىيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تېخىمۇ ئەۋجى ئالدى. دۇنيادا جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ يېڭى دولقۇنى شەكىللىنىپ، ھەر قايسى مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىش مەسىلىسى خەلقئارالىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ جەھەتتە سوۋېت رۇسىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدىكى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ئىدىيىسىنى ھەممە يەرگە يېيىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر دولقۇنى كۆتىرىلىپ، يەنە كۆپلىگەن مىللەتلەر ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى بەرپا قىلدى. دېمەك، سوۋېت رۇسىيىسى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 30-40-يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق قوزغىلاڭلىرىنى " مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىچىلىككە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى "دەپ ئاتىشى تەسادىپىي ھادىسە ئەمەس ئىدى. تارىختىكى سۇن جوڭشەننىڭ مانجۇلارنىڭ مەنچىڭ سۇلاسىغا قارشى مىللىي ئىنقىلابى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى سەككىز يىللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق شەرقىي ياۋروپا خەلقىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ھەمدە كورىيە خەلقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى كۈرەشلىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇستەقىللىق ئىنقىلابلارنىڭ ھەممىسى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت كاتىگورىيىسىگە مەنسۇپتۇر. 1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، ئەنە شۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت پرىنسىپ بويىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيورىسىنىڭ سېكرىتارى باۋمان سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ " مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت خاراكتېرى"غا ئىگە ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ ھەرىكەتكە ياردەم بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.(1) بۇ مەزگىلدە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ دوكلاتىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرى " ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" دەپ ئاتالغان بولۇپ، سوۋېت رۇسىيىسى كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، قىزىل ئارمىيە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتى ھەم تاشقى ئىشلار كومىسسارىياتى قاتارلىق ھەر قايسى ئورگانلار شىنجاڭدا يۈز بەرگەن قوراللىق قوزغىلاڭلار ۋە ئۇنىڭ يۈزلىنىشى شۇنىڭدەك تاشقى ۋە ئىچكى تەسىرلەر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىش نەتىجىسىدە، سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىشىدە ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى پەيدا بولغان. ئۇنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش. بۇ ئىدىيە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىيونال تەرىپىدىن باشتىن –ئاخىرى تەكىتلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئابدۇللا روزىباقىيېۋ ،ئىسماھىل تاھىروف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف قاتارلىق يەتتە سۇ ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئۇچىنچى ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوۋېت رۇسىيىسىدىن ئۈمىت كۈتكەن ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى قوزغاش پىكرىنى تەشەببۇس قىلىپلا قالماستىن بەلكى تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىگەن ئىدى. ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەسىلىسى ئاتاقلىق سوۋېت ئۇيغۇر كوممۇنىست دۆلەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيەۋنىڭ نۇتۇقلىرىدا ۋە ماقالىلىرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.(2) ئابدۇللا روزىباقىيەۋ 1922-1930-يىللىرى ئارىسىدا لەنىن ۋە ستالىن نامىغا ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەسىلىسى ھەققىدە دوكلاتلار ھەم خەتلەر يازغان. ئۇنىڭ "غەربىي جۇڭگودا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى توغرىسىدا ۋە بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ۋەزىپىلەر ھەققىدە" ناملىق دوكلات تېزىسى ساقلىنىپ قالغان.(3) ئىككىنچى خىلدىكى پىكىر ئەقىمى، ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىماستىن بەلكى خەنزۇ مىلىتارستلىرىغا ياردەم بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، شىنجاڭنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇنى سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى بازىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. بىرىنچى خىلدىكى پىكىردىكىلەر ۋە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئىككىنچى خىلدىكى پىكىر ئېقىمى ستالىن قاتارلىقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ھەمدە شۇ بويىچە شېڭشىسەي يۆلەپ تۇرغۇزۇلۇپ، سابىت داموللام باشچىلىقىدا تەسىس قىلىنغان "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" ۋە ما جوڭيىڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان كۈچلىرى يوق قىلىندى ھەمدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە تونۇلغان خوجا نىياز ھاجىم سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ياراشتۇرۇشى، كۆرسەتمىسى ۋەدىلىرى بويىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ شېڭ شىسەينى قوللاشنى قارار قىلىشى ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكىلەر ۋە ياكى دۇنيا ئىنقىلابى ئېقىمىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىغان (4) بولۇپ، بۇ چاغدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ موسكۋانىڭ بۇ قارارىغا قارشى تۇرۇپ ئەۋەتكەن دوكلاتىدىمۇ ئوخشاشلا "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت "ئىبارىسى تەكرارلىنىپ، " گەرچە، مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى قاتارىدا فېئوداللار بار بولسىمۇ، بۇ "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرىنى ئوزگەرتىۋېتەلمەيدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. (5) كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قارىشىلىقىغا قارىماي، شېڭشىسەينى قوللىغان ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسىمۇ بۇ چاغدا ئوخشاشلا" ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت " ئاتالغۇسىنى قوللىنىۋەرگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنى "مۇستەملىكە ئاستىدا ئېزىلگەن مىللەتلەر" كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، تارىخىي شاھىدلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، سوۋېت دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي خادىملىرى خوجا نىياز ھاجىمغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن گېنېرال ماھمۇت مۇھىتى ۋە باشقىلارغا ئۆزلىرىنىڭ "ئەزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى" ۋە "سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ نىجات يۇلتۇزى" ئىكەنلىكىنى ئىزچىل بىلدۈرگەن ئىدى. شۇڭا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە زىيالىيلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن " تايانچى كۈچ" دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد باغلىغان . لېكىن، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋە 1937-1939-يىللىرىدىكى شېڭ شىسەينىڭ قىرغىنچىلىقى، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت " ۋە "ئېزىلگەن مىللەت" ئاتالغۇلىرىنى ئويۇنچۇق قىلغانلىقىدەك ئەسلى ماھىيىتى ئاشكارىلاندى. ئەمما، شېڭ شىسەينىڭ يۈز ئۆرىشىدىن غەزەپكە كەلگەن ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى " مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت " نەزەرىيىسىنى يەنە بىر قېتىم قوللاندى. 1943-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدا ئىنقىلاب قوزغاش ھەققىدە قارار ئالغاندىن كېيىنكى ھۆججەتلەردە(6) ۋە تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىمۇ قوزغىماقچى بولغان بۇ ھەرىكەتلەر "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى "دەپ ئاتالدى. مەسىلەن، 1943-يىلىدىن ئېتىبارەن چىقىرىلىپ، مەخسۇس شىنجاڭغا كىرگۈزۈلگەن "شەرق ھەقىقىتى"، "قازاق ئېلى" جۇرناللىرىدىكى ماقالىلاردىمۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىبارىسى ئىشلىتىلگەن ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونسۇلخانە خادىملىرىنىڭ ئىنقىلابنى نەدە قوزغاش ھەققىدە موسكۋاغا يوللىغان دوكلاتلىرىدىمۇ "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" ئىبارىسى قوللىنىلغان ئىدى. (7) موسكۋا ئەنە شۇ پرىنسىپقا ئاساسەن غۇلجا قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىپ، 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەمدە 1945-يىلى 5-يانۋاردا توققۇز ماددىلىق خىتابنامىنىڭ ھەمدە مەزكۇر خىتاپنامىنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا ئوچۇق قىلىپ، " مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش" (8) شۇئارىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا يول قويدى. "مىللىي مۇستەقىللىق" ئىبارىسى ، ئەلىخان تورە باشلىق "ئازادلىق تەشكىلاتى"نىڭ پائالىيەتلىرىدىن تارتىپ، تاكى جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىش ھەمدە بىتىم تۈزۈلگىچە بولغان ئارىلىقتا مىللىي مۇستەقىللىق شۇئارى كەڭ تەشۋىق قىلىندى. سوۋەت تارىخشۇناسلىرىدىن ئالىمجان ھاكىمبايەۋ ۋە مىڭۇلوۋ قاتارلىقلار ۋاقىتلىق ھوكۇمەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ مەزكۇر توققۇز ماددىلىق خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە دولەت تۇزۇلمىسى ھەمدە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ،ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرى ھەققىدە خەلى ئەتراپلىق توختالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ دەسلىۋىدىلا مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق شوئارلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى يوشۇرمىغان(9). ئىنقىلاب شاھىدى سەيدۇللا سەيفۇللايېۋمۇ بۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بايانىغا تايانغاندا، بايانىغا تايانغاندا، "1944-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، غۇلجا شەھىرى ئازاد بولغاندىن كېيىن ، ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە مۇستەقىللىق شۇئارى ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىندى. بۇ ئەھۋال بىر يىل داۋام قىلىپ، تىنچلىق بېتىمنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى"(10). بىراق، موسكۋا دائىرىلىرى 1946-يىلى 6-ئايدا 11 ماددىلىق تىنچلىق بېتىمنىڭ ئىمزالىنىپ، "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" ھۆكۈمىتىنىڭ نامدا ئەمەلدىن قېلىپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتنىشىشى قاتارلىق سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ، ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى ئاشكارا يوسۇندا "مۇستەقىللىق" ئىبارىسىنى ئىشلەتمەسلىككە كۆندۈرگەن شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىشى ۋە ئۇنى ھەربىي-سىياسىي ھەم باشقا جەھەتلەردىن قوللىشىنىڭ مەقسىتىنىڭ "مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەمەسلىك" ئىكەنلىكىنى ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا بىلدۈرگەن ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ئەربابلىرى جۇڭگو تەرەپكە قايتا-قايتا شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ، ھەتتا بۇ نۇقتىنى "سوۋېت- جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى"نىڭ قوشۇمچە ماددىلىرىغا كىرگۈزۇپ، ۋەدە بەرگەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" شۇئارىدىن يەنىلا ۋاز كېچىلمىدى. ھەتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى تەۋەسىدىكى مەتبۇئاتلاردا "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت " ئىدىيىسى ۋە شۇئارىنىڭ داۋاملىق تەرغىپ قىلىنىشىغا، ھەتتا ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ سۆز- نۇتۇقلىرى ۋە ماقالىلىرىدا مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ كەڭ ئورۇن ئېلىشىغا چەك قويمىدى. مەسىلەن، 1946-1949-يىللىرى ئارىسىدا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوپ ئۆزلىرى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختالغىنىدا، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى بۇ ئىنقىلابلارنىڭ پۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۇنىڭ مىللىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى "ۋە ياكى " مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى" ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكىتلىگەن ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئۆزىنىڭ "مىللىي مەسىلىدىكى بەزى خاتالىقلىرىمىز" ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى: " مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مۇستەبىت تۈزۈمنى يوقىتىش، مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلقچىللىق سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت" ، " ھەقىقىي خەلقچىللەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىسى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا سادىر بولغان مىللىي مەسىلىدىكى خاتالىقلارنى تېزدىن تۈزىتىپ، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مىللەت ئايرىماي، گومىنداڭ، گومىنداڭ، جاھانگىرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بولمىغان، مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىكى، باراۋەرلىكىنى ئاساس قىلغان،ئەمەلىيەتتىكى يېڭى خەلقچىللىق ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت" .(11) بىراق، سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلۇپ، مۇناسىۋەت تازا ئۆتكۈرلەشكەندىن ، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا سوۋېت تارىخچىلىقىدىن بەزى پەرقلىق تەرەپلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بىر قىسىم جۇڭگو تارىخشۇناسلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئېلىپ بارغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مىللىي ئازادلىق ۋە دېموكراتىك سىياسەت ھەم مىللىي باراۋەرلىكنىلا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرسىمۇ، ئۇنى نوقۇل ھالدا "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ "مۇستەملىكىچىلىككە قارشى، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ھەرىكىتى بولماستىن بەلكى، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، ئەزگۈچى سىنىپلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى، دېموكراتىك ھوقۇق ۋە مىللىي باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پرىنسىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بۇ مەسىلىدە پروفېسسور لى شېڭنىڭ قارىشى ۋەكىل خاراكتېرلىقتۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىنقىلاب "شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئېكىسلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا قارشى ئىچكى كۈرىشى"، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خاتا ھالدا بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. ئۇنىڭ چۈشىنىشى بويىچە ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ 30-40-يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلىرىنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتاش خاتا بولۇپ، بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب مەزكۇر ئىنقىلابلارنىڭ ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىدۇر. ئەلۋەتتە، ئاپتورنىڭ يەكۈنى ھازىرقى زامان سىياسىي ئىدىيىسىدىن چىقىش قىلىنغان بولۇپ، بۇ تارىخىي رېئاللىق ۋە ئەمەلىيەت بىلەن زىتلىشىپ قالىدۇ. چۇنكى، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا يۈزىدە ئەۋجى ئالغان خەلقئارا خاراكتېردىكى ھەرىكەت بولۇپ، ئازاد بولغان ئۇچ ۋىلايەتتىكى خەلق ھەمدە ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئوز ئىنقىلابىنى ئۈزۈل-كېسىل ئازادلىقنى ۋە دېموكراتىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان " مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى"، "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" دەپ چۈشىنىپ، ئۇنى دۇنيا يۈزىدە داۋاملاشقان مۇستەملىكىچىلىك ۋە جاھانگىرلىكنىڭ زۇلۇمىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ۋە دېموكراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ بىر قىسىمى دەپ ھېسابلىغان ئەھۋال ئاستىدا(16)، مەزكۇر رىيال پاكىتنى ئىنكار قىلىش تارىخچىلىق ئىلمىغا ئۇيغۇن ئەمەس. دېمەك، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو تارىخشۇناسلىرىنى خاپا قىلغان نۇقتا، سوۋېت تارىخشۇناسلىرىنىڭ " ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىدىن "دىن ئىبارەت "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ باشتىن ئاخىرى، بولۇپمۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلغاندىن كېيىنمۇ مەزكۇر "مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت" نىڭ "خەنزۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، مىللىي زۇلۇمى ۋە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى" ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت نۇقتىئىنەزەردىن ۋاز كەچمىگەنلىكىدۇر شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ ئاتالغۇلارنى كۆپلەپ ئىشلىتىشىدۇر. جۇڭگو سىياسىي كۆز قارىشى بويىچە ئالغاندا، "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جۇڭگونىڭ تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلابىي ھەرىكەت بولۇپ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى، بۇ مۇستەملىكە زېمىن ئەمەس، تارىختىكى خەنزۇ مىلىتارىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىق ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دۇنيانىڭ باشقا مۇستەملىكىلىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرگە ئوخشاش باھا بېرىشكە بولمايدىكەن. ئەمما، بىر نۇقتا ئېنىقكى، سوۋەت تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 30-40-يىللاردىكى ئىنقىلابلىرىنىڭ ھەممىسى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا پەقەت ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىلا "مىللىي ئازادلىق ۋە دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى" دەپ باھالىنىپ، ئالدىنقىسى "دېھقانلار ئىنقىلابى، ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت" دەگەن باھالىنىپ، كېيىنكىسىدىن پەرقلەندۈرۈلگەن. چۇنكى، ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تاكى 1949-يىلى، 10-ئايغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، ئاۋسترالىيىلىك خەنزۇ تارىخشۇناسى دەيۋىد ۋاڭنىڭ يەكۈنى بويىچە ئالغاندا ئۇچ ۋىلايەت نامدا جۇڭگوغا تەۋە دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل سالاھىيىتى بار، ئۆزىنىڭ ئايرىم ھۆكۈمىتى، ئايرىم بايرىقى، ھەربىي قوشۇنى ھەم ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا ئىگە "دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت ئىدى" (19). بۇ ھۆكۈمەتنىڭ 17-ئۆكتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن يەشىل بايرىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئېسىشى، ئۇنىڭ ئوز ۋەزىپىسىگە خاتىمە بەرگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەريانلاردا سوۋەت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، موسكۋا ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا قانداق مۇھىم رول ئوينىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەربىي-مەمۇرىي ۋە باشقا بارلىق تەرەپلەردىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، يېڭى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋە جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبى قىسىمى بولۇپ، شىنجاڭدا ماناس دەرياسىنى چېگرا قىلغان ئىككى ھاكىمىيەتنىڭ بەش يىل تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشىدىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلارمۇ ئىچكى جەھەتتە بەلگىلىك رول ئوينىغان بولۇپ، سەيپىدىن ئەزىزى باشلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قاتناشتى شۇنىڭدەك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇستەقىل "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرغانلىقى ھەتتا توققۇز ماددىلىق خىتابنامە ئېلان قىلغانلىقىغا قارىماي، ئۇنى يەنىلا جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىمى دەپ ئىجابىي باھا بېرىلىش ھەمدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت دەپ قاراش ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى ئىدى. شۇڭا، سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقى دەۋرىدە لى شېڭدەك بىرەر ئالىم چىقىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قېلىشىغا زور ھەسسە قوشقان ستالىنغا ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى سوۋېت ئەربابلىرىغا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلارغا "مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى" دەپ باھا بېرىشنى ئۆزگەرتىش تەلىپىنى دادىللىق بىلەن ئېيتالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈش مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئۇقۇمى ھەققىدە جۇڭگو ئالىملىرى ئارىسىدا تېخى بىردەك قېلىپلاشقان يەكۈن چىقمىغاندەك قىلىدۇ. ئىزاھاتلار؛ 1 . بارمىن .ئا.ب 1918-1941-يىلىدىكى سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ. بارنائۇل، 1999-يىلى. بارمىن بۇ ئۇچۇرنى رۇسىيە ھازىرقى زامان تارىخى ماتېرىياللىرىنى ساقلاش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزى،62-فوند.2- مۇندەرىجە،2209-جىلىت،9-10-پارچە. (رۇسچە) 2. ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ، "ئىستىبدات خىتايدا ئازادلىق ھەرىكىتى-ئۇيغۇرىستان"، يوقسۇل مەپكۇرىسىنى قايمۇقتۇرۇشقا قارشى" ۋە باشقا ماقالىلىرىغا قاراڭ.-خەلق ئۈچۈن كويىدۇ يۈرەك. جازۇشى نەشىرىياتى، 1997-يىلى، ئالمۇتا،111-129-بەتلەر. 3. ئابدۇمېجىت روزىباقىيېۋ، "تەڭرىقۇت قۇتلۇق"- پەرۋاز جۇرنىلى، 1994-يىلى،16-بەت. ئالمۇتا 4 . شۈي شيەنتيەن . جۇڭگو -سوۋېت مۇناسىۋەت تارىخى-1945-1949-يىللىرى. سىچۈئەن خەلق نەشىرىياتى . 2003-يىلى، 217-بەت( خەنزۇچە)( 5). رۇسىيە تارىخچىسى ئا.ب. بارمىننىڭ رۇسىيە ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق خۇلاسە چىقىرىشىچە، 1921-يىلىدىن ئېتىبارەن كوممۇنىستىك ئىتېرناتسىيونال ۋە رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيۇروسىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنقىلاب قوزغاپ، بۇ رايوندا مۇستەقىل سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، 1921-يىلى، 6-ئايدا، رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى،تۈركىستان بيۇروسى( كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيورىسى)نىڭ ئەزاسى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال شەرق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رۇگزۇكتاك قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ تەشەببۇس موسكۋادا لېنىن، تاشقى ئىشلار كومىسسارى چىچېرن قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىپ، رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان. بارمىن 1918-1941-يىللىرىدىكى سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ ، بارنائۇل ،1998-يىلى(رۇسچە) 6. بارمىن، ئا. ب. 1941-1949-يىللىرىدىكى سوۋەت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ ، 1999-يىلى، بارنائۇل. 70-83-بەتلەر. ۋادىم .گ.ئوبۇخوۋ. سخۋاتكا شەسى ئىمپېرىيە ، بىتۋا زا سىنزيانا،( ئالتە ئىمپەرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۇچۇن كۇرەش). موسكۋا. ۋەچە نەشىرىياتى، 2007-يىلى، 273-331-بەتلەرگە قاراڭ.(رۇسچە) 7. بارمىن، ئا.ب. 1941-1949-يىلىدىكى سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ، 1999-يىلى، بارنائۇل، 70 -90-بەتلەر. 8. شىنجاڭ ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تارىخى، شىنجاڭ ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى، 1995-يىلى، ئۇرۇمچى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 67-68-بەتلەر. 9. ئالىمجان ھاكىمبايېۋ. 1931-1949-يىلىدىكى شىنجاڭدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى. 2 قىسىم، 2-قىسىم. س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى مەخسۇس توپلىمى، 1974-يىلى،18-19-بەتلەر، ۋە شىنجاڭدىكى ئاھالىلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى، س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى مەخسۇس توپلىمى، 1971-يىلى، 127-بەتلەر.( رۇسچە) 10. سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ، شانلىق سەھىپە، -شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى،41-سان، 27-28-بەتلەر. 11. ئەخمەتجان قاسىمى، مىللىي مەسىلىدىكى بەزى خاتالىقلىرىمىز.(1949-يىلى، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىنغان). بۇ ماقالە شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتى ۋە ماقالىلىرىدىن تاللانما" ناملىق كىتابتا قايتا ئېلان قىلىنغان. ئەمما ئەسلى نۇسخىسى قولۇمدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنى ئەسلىگە سېلىشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى. شۇ كىتاب، 105-بەت. 1997-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى. 12. سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ ، شانلىق سەھىپە، شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى، 1999-يىلى، 41-سان،44-بەت ۋە ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى، 231-بەت.1995.شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. ئۈرۈمچى 13. 1949-يىلى، 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى دېڭلىچۈن بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، "شەرقىي تۈركىستان"نىڭ يېشىل بايرىقىنى ئاسماي، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن ئاق رەڭلىك ئىسلام بايرىقىنى ئەسىش، دىنى بايراقنى پەقەت دىنىي تەشكىلاتلار ئېسىش تەكلىپىنى بەرگەن ھەمدە 17-ئۆكتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىلى ۋالى مەھكىمىسى بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېشىل ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى ئېسىشنى توختىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشتىن ئىبارەت 125-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغان. دېمەك، ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مەزكۇر بايراق پەقەت13 كۈن بەش يىل ئېسىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ ھەقتە "شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى"گە قاراڭ. شۇ كىتاب،443- ۋە 447-بەتلەر. 14. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى باشتا "ئازاد شەرقىي تۈركىستان" دەپ ئاتالغان بولسا، مەزكۇر گېزىت 1946-يىلى 7-ئايدىن كېيىن " ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان" دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ياشلار تەشكىلاتىمۇ شۇ نامنى تاكى 1948-يىلى، 8-ئايدا "شىنجاڭدا تىنچلىقنى ۋە دېموكراتىيىنى قوغداش ئىتتىپاقى " قۇرۇلغانئ غا قەدەر ئىشلەتكەن. "ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان گېزىتى" دە مۇنداق ئاتالغۇلار ماقالە-مۇلاھىزىلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپ ئىشلىتىلگەن. 15. بۇ ھەقتە تۇرسۇن رەھىموفنىڭ " شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلقلىرىنىڭ ئازادلىق كۈرىشىدىكى ئورنى" . - جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىي مەسىلىلىرى ھەققىدىكى 2-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى. موسكۋا، 1977-يىلى، 68-70-بەتلەر.(رۇسچە) 16. بۇ مەزمۇنلار ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئەسەرلىرىدە خېلى كەڭ ئورۇن ئالغان. 17. لى شېڭ باش تۈزگۈچى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى- ئۇيغۇرچە 358-بەت.2006.ئۈرۈمچى. 18. شۈېي شيەنتيەن . شۇ كتاب ،2003. 198-199-بەتلەر 19. ,David D. Wang. Clouds Over Tianshan, Essays on Social Disturbance in Xinjiang in the 1940s. NIAS.1999, Singapore،113-بەت.
|