Autorun.inf نى ئۆچۈرۈش Autorun.inf ۋېرۇسى ھازىر كۆپلىگەن كومپيۇتېرلاردا ئوموملىشىپ كەتتى. ئاساسلىقى بارماق دېسكىدا تارقىلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ۋېرۇس بولمىسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن ۋېرۇسلارنىڭ تارقىلىش ۋە كۆپيىشتىكى ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بارماق دېسكىنى قالايمىقان ئىشلەتسىڭىز، يەنى ئىشەنچىلىك بولمىغان كومپيۇتېرلار ياكى ۋېرۇس تازلىغۇچ قاچىلانمىغان، قاچىلىغان بولسىمۇ ۋېرۇس ئامبىرى يېڭىلانمىغان كومپيۇتېرلارغا بارماق دسكىنى سالسىڭىز، ياكى بولمىسا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىلىك بولمىغان بارماق دېسكىنى كومپيۇتېرڭىزغا چاتسىڭىز بۇ خىل ھۆججەت كومپيۇتېرىڭىزغا كۆچۈرۈپ قالىدۇ. بۇ خىل Autorun.inf ھۆججىتى كومپيۇتېرنىڭ ھەرقايسى قاتتىق دېسكا رايۇنى ئاساسىي مۇندەرىجىگە ۋە بىر قىسىم مۇھىم بولغان مۇندەرىجىلەر ئىچىگە ئورۇنلىشىۋالىدۇ، سىز شۇ مۇندەرىجىنى ئاچقان ۋاقتىڭىزدا ئەڭ ئالدى بىلەن Autorun.inf نىڭ بۇيرۇق توپلىمىدا كۆرسىتىلگەن بۇيرۇقلارنى ئىجىرا قىلىدۇ، ئىجىرا قىلغاندىكى نەتىجە ھەرگىزمۇ سىز كۈتكەن نەتىجە ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئالدىن بەلگىلەپ قويغان نەتىجە بولىدۇ، مانا بۇ خىل پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ مەقسىدىگە يىتىۋالىدۇ. بۇ بىر قىلتاق. سىز تۇيمايلا قالىسىز. ئەڭ چاتاق يىرى ئادەمنى بەكلا بىزار قىلىۋىتىدۇ. ئۆچۈرۋىتەي دېسىڭىزمۇ، ئۆچۈرگىلى قويمايدۇ. ھەر قېتىم قاتتىق دېسكا رايۇنىنى قوش چىكىپ ئاچقان ۋاقتىڭىزدا ئېچىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن Autorun.inf نى بىر قېتىم ئىجىرا قىلىپ، بەزى ۋېرۇسلارنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا قولاي شارائىت تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نورمال مەشغۇلاتىڭىز قالايمىقانلىشىدۇ. ئەگەر كومپىيۇتېرىڭىزدا مانا مۇشۇنداق بىنورمال ھادىسلەر كۆرۈلگەندا ، ھەرقايسى قاتتىق دېسكا رايۇنى ئاساسىي مۇندەرىجە ئىچىگە قاراپ بىقىڭ، ئەگەر Autorun.inf نى بايقىسىڭىز بۇنى يوقاتساقلا بارلىق مەشغۇلاتىڭىز نورماللىشىدۇ. تۆۋەندە Autorun.inf نى ئۈزۈل - كېسىل يوق قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك: 1. ئالدى بىلەن "开始" نىڭ ئىچىدىكى" 运行" نى ئىجىرا قىلىڭ. چىققان كۆزنەكنىڭ بۇيرۇق يېزىش ئورنىغا CMD دەپ كىرگۈزۈپ، ئىنتېر كونۇپكىسىنى بېسىڭ. بۇنىڭدا DOS مەشغۇلات بۇيرۇق كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ Autorun.inf نىڭ ئالدىنى مەشغۇلاتىمىز تاماملىنىدۇ. ھەم ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. ئەمدى سىز Autorun.inf ھۆججەتلىرىنى ئىزدەپ ئۆچۈرسىڭىز ئۆچۈرلىدۇ. تەھىرلىگۇچى:admin
|