باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

قانداق يۇمشاق دىتالنى تەرجىمە قىل

يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-09 20:57 مەنبەسى: بەشتاش تورى ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
قانداق يۇمشاق دىتالنى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ؟ قانداق يۇمشاق دىتالنى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ دىگەندە ئالدى بىلەن يەنىلا دەيدىغا

قانداق يۇمشاق دىتالنى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ؟

 

قانداق يۇمشاق دىتالنى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ دىگەندە ئالدى بىلەن يەنىلا دەيدىغان گەپ يۇنىكودنى قوللىمايدىغان

دىتالنى تەرجىمە قىلىش ئىمكانىيتى يوق.ئۇنداقتا يۇنىكودنى قوللىمايدىغان دىتاللارنى  قانداق ئايرىش كىرەك؟ دەل مۇڭلان

ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغاندەك مەلۇم بىر خەت ياكى بۆلەكنى تەرجىمە قىلىپ بىقىش ئارقىلىق يۇنىكودنى قوللايدىغان ياكى

قوللىمايدىغانلىقىغا ھۆكۇم قىلىشقا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا مەن قىززىقىش ئارقىسىدا بىرقانچىلىغان يۇمشاق دىتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك

دىتاللارنى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ ياكى بولمايدىكەن دىگەن تونۇشقا كەلدىم،ئىھتىمال مىنىڭ بىلىمىم چەكلىك بولغاچقا

خاتا سۆزلەپ قويۇشىممۇ مۇكىن شۇڭا دوسلارنىڭ كۆرسەتمە بىرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.

1 - مۇڭلان ئەپەندى ئىيىتقاندەك بىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان دىتالنى ئالدى بىلەن ResHacker

دىتالىدا ئىچىپ كۆرسەك تۆۋەندىكىدەك خاتالىق ئۇچۇرى چىققان دىتاللارنى تەرجىمە قىلىش ئىمكانىيتى

يوقمۇ؟ (1-رەسىم)

1-رەسىم

ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس،بۇنداق دىتاللار مەخسۇس  exe,dll  ھۆججەتلىرىنى قىسىش يەنى تەرجىمە قىلىش،نەشىرىنى

ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارغا قارشى تۇرۇش  دىتاللىرى تەرىپىدىن  قىسىۋىتىلگەن (压缩قىلىۋىتىلگەن) بولۇپ،يۇمشاق دىتال

مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەي ،خاككىرلار يۇمشاق دىتال ۋە باشقا ماتىرياللارغا ۋىرۇش ھۆججەتلىرىنى قاپلىغانغا ئوخشاش قاپ

كەيدۇرۋىتىلگەن بولىدۇ.ئادەتتە بۇنداق دىتاللارنى تەرجىمە قىلىشتا قانداق دىتال تەرپىدىن ،قانداق نەشىردىكى قاپ

كەيدۇرۇلگەنلىكى ئىنىقلانغاندىن كىيىن،شۇنداق قاپنى بىكار قىلالايدىغان دىتالنى ئىشلىتىش ئارقىلىق قاپنى بىكار

قىلىپ تەرجىمە قىلىش ئىمكانىيتىگە يەتكىلى بولىدۇ. يەنى ئۇستىدىكى بىرىنچى رەسىمدىكىسى بولسا  MP3 ھۆججىتىنى

ئاپتوماتىك ئىجرا بولىدىغان EXE ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇش دىتالى بولۇپ،قاپ كەيدۇرۋىتىلگەن بولغاچقا ResHacker دا

مەنبەنى كۆرمەكچى بولغاندا خاتالىق ئۇچۇرى چىقتى.ئەمدى تۆۋەندىكى 2-رەسىم بولسا مەزكۇر دىتالغا كەيدۇرۇلگەن قاپ

بىكار قىلىنغاندىن كىيىن ResHacker دا مەنبەنى كۆرگەندىكى ھالەت.(2 – رەسىم)

 (2 – رەسىم)

مانا يۇقارقى ئىككىسى ئوخشاش بىر دىتالنى ResHacker دىتالىدا قاپ بار ۋە قاپ بىكار قىلىۋىتىلگەن ھالەتتە مەنبەگە

كۆزيۇگۇرتكەن كۆرۇنۇش.نۆۋەتتە كۆپ قوللىنىۋاتقان قاپ توغرىسىدا مەن كىيىن ئايرىم تىما يوللايمەن. خۇلاسە قىلغاندا 

ResHacker دىتالىدا تەرجىمە قىلماقچى بولغان دىتالنى كۆرگەندە 1- رەسىمدىكىدەك خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۇلسە بۇنى

تەرجىمە قىلىشقا بولمايدىكەن دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

2. Microsoft Visual Basic ۋە ++ C دا تۇزۇلگەن دىتاللارنى مىنىڭ قارىشىمدا ھازىرچە

تەرجىمە قىلىش ئىمكانىيتى يوق.چۇنكى بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ Microsoft Visual Basic ۋە ++ C  دا

تۇزۇلگەن دىتاللارنىڭ ئادەتتە مەنبەسىنى كۆرگەندە ھەممىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ،رەسىمنى كۆرگىلى بولسا يىزىق ھۆججىتىنى

كۆرگىلى بولمايدۇ،كۆرگىلى بولغان تەقدىردىمۇ تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن خاتالىق كۆرۇلۇپ،خەت نورمال بولماسلىق،تەرجىمە

قىلغان ۋە قىلىمىغان بارلىق خەتلەر نورمالسىز بولۇش ئەھۋالى كۆرۇلىدۇ. Microsoft Visual Basic ۋە ++ C تىلىدا

تۇزۇلگەن بەزى دىتاللارنى ResHacker دا كۆرگەندە خۇددى 1-رەسىمدىكىدەك خاتالىق چىقىدۇ،ئەمما Passolo قاتارلىق

دىتاللارغا ئەكىرگەندە مەنبە كۆرىنىدۇ،لىكىن تەرجىمە قىلىش ئىلىپ بارغاندا بايا دىگەندىكىدەك تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن

 خاتالىق كۆرۇلۇپ،خەت نورمال بولماسلىق،تەرجىمە قىلغان ۋە قىلىمىغان بارلىق خەتلەر نورمالسىز بولۇش ئەھۋالى كۆرۇلىدۇ.

شۇڭلاشقا مەنچە  بولغاندا Microsoft Visual Basic ۋە ++ C تىلىدا تۇزۇلگەن دىتاللارنى تەرجىمە قىلىمەن دەپ يۇرۇشنىڭ

ھاجىتى يوق. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى يۇمشاق دىتالنى تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم يۇمشاق دىتالنىڭ قايسى تىلدا

تۇزۇلگەنلىكىگە ھۆكۇم قىلىش دىتالىدىن پايدىلىنىپ ،قايسى تىلدا تۇزۇلگەنلىكىنى ئىنىقلاپ، Microsoft Visual Basic

ۋە ++ C تىلىدا تۇزۇلگەن بولسا تەرجىمە قىلىشتىن توختاش ياكى تەرجىمە قىلىشنى باشلىماسلىق لازىم.

3.ئەسلى يۇمشاق دىتال ھۆججىتىگە باشقا تىل ھۆججتى قوشۇۋىتىلگەن يۇمشاق دىتاللارنى تەرجىمە

قىلىش ئىمكانىيتى يوق.چۇنكى بۇنداق دىتاللارنى بىز مەيلى ResHacker دا كۆرمەيلى ياكى Passolo دا كۆرمەيلى

ھامان دىئالوگ رامكىسى رايۇنى،ھەرپ بەلگە رايۇنىدىكى يىزىقلار پۇتۇنلەي ئەسلى يۇمشاق دىتال تىلى ھالىتىدە بولىدۇ،لىكىن

بۇدىتالنى بىز ئىجرا قىلساق بىز كۆرگەن تىل ھالىتىدە ئەمەس بەلكى خەنزۇتىلىدا ياكى باشقا تىلدا كۆرىنىدۇ.چۇنكى بۇنداق

يۇمشاق دىتاللارغا مەلۇم يۇمشاق دىتاللاردىن پايدىلىنىپ يەنە بىر تىل ھۆججىتى بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ كۆرۇنمە تىلىغا ئايلاندۇرۋىتىلگەن.يەنى

مۇنداقچە دىگەندە دىتال ئەسلى مەنبە ھۆججىتى ئەسلى يۇمشاق دىتال تىلىدا ،لىكىن كۆرۇنمە يۇزى بولسا ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى تىلدا.

شۇڭا بىز بۇنداق يۇمشاق دىتاللارنى تەرجىمە قىلغاندا بۇنداق دىتالنىڭ يۇنىكودنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقىنىمۇ سىنىيالمايمىز،

چۇنكى بىز مەنبەنى تەرجىمە قىلساقمۇ لىكىن،كۆرۇنمە يۇزنى تەرجىمە قىلالمىدۇق،شۇڭا كۆرۇنمە

يۇزدە بىز تەرجىمە قىلغان خەت كۆرۇنمەيدۇ.دىمەكچى بۇنداق دىتالالرنى تەرجىمە قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ.نۆۋەتتە بۇنداق

دىتاللار ناھايتى كۆپ،بولۇپمۇ سىغىمى كىچىك قوراللار ۋە يۇمتاللارنىڭ كۆپى مۇشۇ خىلغا تەۋە بولۇپ، بۇ خىلدىكى دىتاللارنىڭ ئالاھىدىلكى

بۇنداق دىتاللارنى ئادەتتە ResHacker دا ئىچىپ كۆرگەندە RC数据 دەيدىغان بىر تۇر بىرگە كۆرۇنىدۇ،شۇڭا بۇنداق

تۇرنى كۆرسىڭىزلا ياخشىسى بۇنداق يۇمشاق دىتالنى تەرجىمە قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ. مەسىلەن 3-رەسىم.

 3-رەسىم

4-بىر قىسىم غەيرى دىتاللارنى تەرجىمە قىلغاننىڭ ئەھمىيتى يوق،يەنى يۇنىكودنى قوللىمامدىكەن دىسە مەلۇم

 جايلار نورمال كۆرۇنىدۇ،قوللامدىكىن دىسە يەنە بىر قىسىم جايلار تەرجىمە قىلىنغان ۋاقىتتا ؟؟؟؟؟؟ ھالەتتە كۆرۇنۇپ نورمال بولمايدۇ.شۇڭلاشقا يۇمشاق دىتالنى بولۇپمۇ چوڭراق يۇمشاق دىتالنى تەرجىمە قىلغاندا بىر باشتىن تولۇق تەرجىمە قىلىمەن دەپ ئولتۇرماي،دىئالوگ رامكىسى،خەت،بەلگە بۆلىكى،ئاساسى يۇز رامكىسى قاتارلىقلاردىن خالىغانچە بىرقانچە سۆزنى تەرجىمە قىلىپ ،

ئىجراقىلىپ بىقىپ،ئاندىن تەرجىمە قىلىش ياكى قىلماسلىقنى تاللاش كېرەك.لىكىن بۇنداق ئەھۋال كۆپ كۆرۇلمەيدۇ.مەن بىر

قانچە يۇمشاق دىتالنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بۇنداق ئەھۋال كۆرۇلدى.مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

 

                  

 5-ئۆزىنى يەنى تىل ھۆججىتىنى قوغداش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۇچلۇك بولغان دىتاللارنى تەرجىمەقىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

يەنى بۇنداق  دىتاللارنى تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن،ئۆزلىكىدىن خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ ئىجرا بولمايدۇ.مىنىڭ قارىشىمچە

بۇنداق دىتاللار ۋە قوراللارنىڭ ئىچكى ھۆججىتىگە تىل ھۆججىتىنى قوغداش بولىكى قوشۇۋىتىلگەنبولىشى مۇمكىن،بۇنداق

بولغاندا بىز تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئەسلىدىكى تىل ھۆججىتىنى يەنى قوغداش بۆلىكى تونۇيدىغان تىل تۇرىنى باشقا تىلغا يۆتكىۋەتكەندىن كىيىن بۇنداق خاتالىق كۆرۇلىشى مۇمكىن.

                                                                           تەرجىىمە قىلىنىۋاتقان ھالەت

                            تەرجىمە قىلىپ سىنىغاندا چىققان خاتالىق ئۇچۇرى 

6-تىزىملىك ۋە باشقا ئورۇنلارغا رەسىم ئىشلىتىلگەن دىتاللارنىڭ يىزىق ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

بەزى يۇمشاق دىتاللارنى ResHacker دا ئىچىپ كۆرگەندە تىل ھۆججىتى كۆرۇنىدۇ،لىكىن تەرجىمە قىلىپ ئىجرا قىلغاندا

بولسا تەرجىمەقىلغان خەت،سۆز قاتارلىقلارنىڭ ھىچقايسىسى كۆرۇنمەيدۇ،ھەتتا كىچىىككىنە ئۆزگىرىشمۇ بولمايدۇ،

ئىھتىمال بۇنداق ۋاقىتتا سىز بۇنداق دىتالنى تەرجىمە قىلىش ئىمكانىيتى يوقكەن دەپلا قول ئۇزىشىڭىز مۇمكىن،ئەمەلىيەتتە

بۇنداق دىتاللارنىڭ تىل ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلغاننىڭ ئەھمىيتى يوق،ئەمەلىيەتتە بۇنداق دىتاللارنىڭ كۆرۇنمە يۇزىدىكى

يەنى بىزگە كۆرۇنىدىغان بارلىق قىسمى رەسىم ھالەتتە بولغان بولىدۇ،بۇنداق دىتاللارنى  تەرجىمە قىلىش ئۇچۇن ئاشۇ رەسىم

ھالەتتىكى ھۆججەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەييارلىغاندىن كىيىن،ئاندىن يەنە ئەسلى رەسىم ھۆججىتى بىلەن بىر-بىرلەپ ئالماشتۇرغاندا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشىدۇ.مەسىلەن :تۆۋەندىكى رەسىملەرگە قاراڭ.بۇ مەلۇم بىر دىتالنىڭ

تىزىملىك قاتارى: 

 

 

مىنىڭ قىززىقىش يۇزىسىدىن بىرقانچە يۇمشاق دىتالنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ دوسلارغا سۇنۇش جەريانىدا يۇمشاق دىتالنى تەرجىمەقىلىش ئەمەلىيتى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىش ئىمكانىيتى يوق ئىكەن دەپ قارىغان يۇمشاق دىتاللار يۇقارقىلاردىن ئىبارەت،ئىھتىمال بەزىلىرىنى نورمال ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولىشىمۇمۇمكىن،ۋە ياكى مىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولماسلىقتىكى سەۋەپلەرنى ھىس قىلىشىم خاتا بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن،چۇنكى ئۆگىنىش جەريانىدا خاتالىقتىن ساقلىنىش تەس،بۇنداق دىيىش ئارقىلىق ئۆزۇمنى ئاقلىماقچى ئەمەسمەن،دەرۋەقە مىنىڭ بۇ ھەقتىكى بولۇپمۇ يۇمشاق دىتال تىلى ھەققىدە قىلچىمۇ ساۋادىم يوق،شۇڭا مەن بۇ تىمىنى پەقەت بىرئاز بولسىمۇ كەڭ دوسلارنىڭ بولۇپمۇ ئەمدىلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش يولىغا قەدەم بىسىۋاتقان دوسلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەم بولسىكەن دىگەن مەخسەتتە تەييارلىدىم،كەڭ دوسلار ۋە بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بار ئۇستازلارنىڭ كەم قالغان جايلارنى ۋە خاتا كەتكەن جايلارنى كۆرسىتىپ بىرىشنى ئۇمۇد قىلىمەن.ئاخىرىدا دىيال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇستىدە ئىزدىنىۋاتقان دوسلار بىلەن يۇمشاق دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دىتاللىرى ۋە ئۇسۇللىرى ئۇستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئورتاق ئالغا بىسىشنى ئۇمۇد قىلىمەن.

 

 

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(1)
100%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر