باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

لازىملىق كومپيوتېر بىلملىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-22 13:45 مەنبەسى: ئاپتورى: ئىخلاس كۆرۈلۈشى: قېتىم
Ctrl+Alt+Home نى بىرلىكتە باسساق ، كومپيوتېر تېزدىن قايتا قوزغۇلىدۇ ، Ctrl+Alt+End نى بىللە باسساق كومپيوتېر تېز سۈرئەتتە ئۆچۈدۇ.

 

لازىملىق كومپيوتېر بىلملىرى

 

Ctrl+Alt+Home.1 نى بىرلىكتە باسساق ، كومپيوتېر تېزدىن قايتا قوزغۇلىدۇ ، Ctrl+Alt+End نى بىللە باسساق كومپيوتېر تېز سۈرئەتتە ئۆچۈدۇ.
2.
Word ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا كۆپلىگەن ھۆججەتلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئېچىپ بىر بىرىگە ماتېريال كۆچۈرۈش ياكى تەھرىرلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارىمىز ، ئەگەر بۇ Wordھۆججەتلىرىنى ساقلاش ۋە چىكىنىشتە ،ھەممە ھۆججەتلەرنى بىر-بىرلەپ ساقلاش ۋە چىكىنىشكە خىلى كۆپنى ئىسراپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ . ئەگەر Shift كونۇپكىسىدىن پايدىلانساق كۆپلىگەن ھۆججەتلەردىكى ئوخشاش مەشغۇلاتنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ :
Shift نى بىسىپ تۇرۇپ «ھۆججەت » (文件) تىزىملىك ستونىنى ئاچساق ، ئۇ يەردە ئەسلىدە بار بولغان « ساقلاش » (保存) بۇيرۇقى __ « ھەممىنى ساقلاش » (全部保存) بۇيرۇقىغا ئۆزگىرىدۇ ؛ ئەسلىدىكى « تاقاش » (关闭) بۇيرۇقى __ « ھەممىنى تاقاش » (全部关闭) بۇيرۇقىغا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ . Shift كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ ھۆججەت ستونى ئىچىدىكى« ھەممىنى تاقاش » بۇيرۇقىنى باسساق ، ھازىر ئوچۇق تۇرغان بارلىق ھۆججەتنى تاقاپ Word دىن چىكىنىپ چقىپ كىتىدۇ .
3. كونترول يۈزى (
控制面板) گە تېز چىقىش ئۇسۇلى : بۇيرۇق يۈرگۈزۈش ئۇرنىغا (开始/运行) Control نى كىرگۈزۈپ مۇقىملىۋەتسەك كونترول يۈزىگە بىۋاستە چىقالايمىز . « باشلاش » تىزىملىگىنى بىسىپ قاتلاممۇ قاتلام ئىزلەپ يۈرۈش ھاجەتسىز .
4. بۇيرۇق يۈرگۈزۈش ئۇرنىغا (
开始/运行) DVDplay نى كىرگۈزگەندە كومپيۇتېردا DVD قويۇش پروگرامما ھۆججىتى بولمىسىمۇWindows XP نىڭ ئۆزى بىر قويۇش پروگرامما ھۆججىتىنى ھەقسىز تەمىنلەپ بىرىپ ، 3- بىر تەرەپتىن قويۇش يۇمتالىنى سىتىۋىلىش خىراجىتىنى تىجەپ بىرىدۇ .
5. بۇيرۇق يۈرگۈزۈش ئۇرنىغا (
开始/运行) Osk بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ مۇقىملىۋەتسەك ئىكراندا بىر يۇمشاق كومپيۇتېر كونۇپكا تاختىسى كۆرۈنىدۇ.
6. بۇيرۇق يۈرگۈزۈش ئۇرنىغا (
开始/运行) calc بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ مۇقىملىۋەتسەك ھېسابلىغۇچ ئىكران يۈزىگە چىقىدۇ .
7. كومپوتېرىڭىزغا سەپلەنگەن قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دىتاللارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلگۈڭىز بارمۇ ؟ ئۇنداقتا « باشلاش » (
开始) ئىچىگە كىرىپ «ياردەم ۋە قوللاش»(帮助和支持)نى ئېچىڭ ، ئاندىن چىققان كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى « قورالدىن پايدىلىنىپ كومپيوتېر ئۇچۇرۇنى كۆرۈش ۋە ئانالىز قىلىش »(使用工具查看您的计算机信息并分析问题) دىگەن تۈرنى تاللاپ ، ئاندىن چىققان كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى «كومپيوتېر ئۇچۇرىنى كۆرۈش»(我的计算机信息) دىگەن دىگەن تۈرنى تاللىسىڭىز بولدى . بۇ ئارقىلىق كومپيوتېرڭىزدىكى بارلىق قاتتىق دىتال ۋە يۇمشاق دىتاللارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلەلەيسىز . ( ئادەتتە يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ كومپيوتېرنىڭ سەپلىمىلىرىنى يۇقۇرى قىلىپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ . يۇقۇرىقى ئۇسۇلدا كۆرۈنگىنى ھەقىقى ئەھۋالى ،ئۇنىڭدىن باشقا biosقىسمىغا كىرىپمۇ كۆرگىلى بولىدۇ) .
8. كومپيوتېر ئالدىدىن ئازراق ۋاقىت ئايرىلىدىغان بولۇپ قىلىپ ئەمما كومپيوتېرنى ئۆچۈرگىڭىز يوق ھەم باشقىلارنىڭمۇ كومپيوتېرىڭىزغا چىقىلىشىنى خالىمىسىڭىز ،
Windows بەلگىسى بىلەن بىللە L نى باسسىڭىز كومپيوتېرىڭىز تېز ھالەتتە قۇلۇپلاقلىق ھالەتكە ئۆتىدۇ ، مەخپى نومۇرنى بىلمىگەن ھىچكىم ئاچالمايدۇ .
9. ئېچىلغان كۆزنەكنى مائۇس يوق ھالەتتە كىچىكلىتىپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويماقچى بولسىڭىز
Windows بەلگىسى بىلەن بىللە M نى باسسىڭىز تۆۋەنگە چۈشىدۇ. Windows بەلگىسى بىلەن بىللە Shift نى ئاندىن M نى باسسىڭىز باسسىڭىز كۆزنەك يەنە ئېچىلىدۇ .
10. بىرەر ھۆججەتنى
Shift نى بىسىپ تۇرۇپ يۇيۇۋەتسىڭىز ، ئەخلەت ساندۇققا چۈشمەي تۇرۇپلا بىۋاستە يۇيۇلۇپ كىتىدۇ .
11. تور بەتنى ساقلاشتىن بۇرۇن
ESC كونۇپكىسىنى بېسىۋېتىپ ياكى توردىن ئاجرىغان ھالەتتە ساقلىسىڭىز تېز سۈرئەتتە ساقلىيالايسىز .
12. مۇزىكا ئاڭلىغۇڭىز بار، لىكىن كومپيوتېرىڭىزدا ھىچقانداق قۇيۇش يۇمتالى بولمىغان شارائىتتا ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ سىمىنى ئوپتىك دېسكا قويغۇچنىڭ ئاڭلاش
耳机تۆشۈگىگە كىرگۈزۈپ ، ئوپتىك دېسكا قويغۇچنىڭ playكونۇپكىسىنى بىسىپ قويسىڭىزلا كۇپايە ، بۇنداق ناخشا ئاڭلىسىڭىز سىستېما بوشلۇغىنى ئىگەللىمەيدۇ ، ئەگەر كومپيوتېرىڭىز بۇزۇلۇپ قىلىپ ھىچقانداق نەرسە چىقىرالمىسىڭىزمۇ ئوپتىك دېسكا قويغۇچنى توك مەنبەگە چىتىپ يۇقارقىدەك ئۇسۇلدا ئاڭلاۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ .

تەھىرلىگۇچى:admin

ئىخلاسنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئوماق قوزام] روس مودىل بالىلار، بەك ئوماق [ 2011-11-22 13:53:26 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] Autorun.inf نى ئۆچۈرۈش [ 2011-11-22 13:49:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇر خانلىرى ۋە خانلىقلىرى [ 2011-11-22 13:48:21 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئېلى دېھقانلار ئىنقىلابى ھەققىدە [ 2011-11-22 13:47:22 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيوتىر تېزلىتشتكى يېڭى تېخنكا [ 2011-11-22 13:46:19 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] لازىملىق كومپيوتېر بىلملىرى [ 2011-11-22 13:45:17 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] Windows XP نى كەڭ دائىرىدە تېزلىتىش [ 2011-11-22 13:44:09 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك كومپيۇتېر بىلىملىرى [ 2011-11-22 13:42:39 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيتى [ 2011-11-22 13:37:34 ]
[تارىخى بىلىملەر] مىللى ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇشلىرى [ 2011-11-22 13:32:07 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئىخلاس تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-11-02 20:11 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-12-02 13:12
تەۋسىيەلەر