ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيتى
يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-22 13:37 مەنبەسى: ئاپتورى: ئىخلاس كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇيغۇرلارنىڭنان ﻫەققىدىكى چۈشەنچىسى باشقا ﻫارقانداق شەيئىي، ﻫادىسە ﻫەققىدىكى چۈشەنچىسىگەقار
ئۇيغۇرلارنىڭ نانمەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭنان ﻫەققىدىكى چۈشەنچىسى باشقا ﻫارقانداق شەيئىي، ﻫادىسە ﻫەققىدىكى چۈشەنچىسىگەقارىغاندا ئىنتايىن چوڭقۇر ﻫەم مۇكەممەل. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋېتى، ئۆرپ- ئادىتى، مەدەنىيەتسىستېمىسى، ئىدىيىۋى ئېتىقادى، قىسقىسى پۈتكۈل مەۋجۇتلۇق شەكلى نان بىلەنچەمبەرچەس باغلانغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدائۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ۋاستىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇناسىپ يېمەك- ئېچمەك، كىيىم- كېچەك، تۇرالغۇ جاي، ﻫۈنەر- سەنئەت، تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىۋى ئېتىقادى نان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇيغۇرلار ئادەتتىكى نورمال كۈندىلىك تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىمئىشلىرىدىمۇ، مېﻬماندارچىلىقتىمۇ، سەپەر، يول يۈرۈشلەردىمۇ ناندىن ئايرىلالمايدۇ. نان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق گەۋدىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
نان تونۇردا بىۋاستە ئوتقا قاقلاپ پىشۇرىلىدىغان ئالاﻫىدە مەﻫسۇلات بولۇپ، ئۇئەجداتلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن دېﻬقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغائوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكى ۋە دېﻬقانچىلىق مەﻫسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە پىششىقلاپ ئىشلەشتېخنىكىسى ئىگىللىگەنلىكىنىڭ مەﻫسۇلى.
نان تونۇر مەدەنىيىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تونۇر ئۇيغۇرلار توپلىشىپئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارقالغان. قۇمۇل، تۇرپان، چەرچەن، نىيا، سامپۇل قەدىمكى قەبرىستانلىقلىرىدىن بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگەتەۋە نان پارچىلىرى تېپىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يەنە نىيا قەدىمكى خارابىسىقاتارلىق جايلاردىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۈپ نانپارچىلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنىڭ ناﻫايىتى ئۇزۇنتارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دېمەك ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلماماتېرياللارغا ئاساسلانغاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى نان مەدەنىيىتىنىڭ، نان تىجارىتىنىڭﻫازىرقى تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا مىللىتىمىزنىڭ ناﻫايىتى بۇرۇنلا نانئىستىمال قىلغانلىقى، نان مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
بىزگە مەلۇم، ئىنسانلار ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىللەردە گۆشنى ئاساسلىقيېمەكلىك قىلغان. ﻫەتتا ئىنسانلار ئوتنى كەشپ قىلىشتىن بۇرۇن گۆشنى خام ئىستېمالقىلغان. ئەمما گۆشنى ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش، يىغىپ ئىستېمال قىلىشقا مۈمكىنبولمىغاچقا تۇرمۇشى بەكمۇ جاپادا ئۆتكەن. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدائىنسانلار ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن ئاستا- ئاستا دېﻬقانچىلىق تۇرمۇشىغا قەدەم قويغاندىنكېيىن، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بۇ ئاساسلىق مەسىلىنى دېﻬقانچىلىقئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئالاﻫىدىلىكى ئارقىلىق ﻫەل قىلغان. يەنى دېﻬقانچىلىقئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلەپچىقارغان دېﻬقانچىلىق دانلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك يېمەكلىك ناننى ئىجاد قىلغان. ئۇيغۇرلار ناننى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن ئۇنى چارۋىچىلىق مەﻫسۇلاتى بولغان گۆش، سۈت، ماي قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىستىمال قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى زور ماددىيكاپالەتكە ئىگە قىلغان.
ناۋايلىق بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىگەئايلاندى. ﻫازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە نۇرغۇن كاتتا نان سودىگەرلىرى بارلىققا كەلدى. ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق "دەرمان" نان سودىگىرى ئابلاجان ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. "دەرمان" نانلىرى ﻫازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىدىن ﻫالقىپ شەرقىي جەنۇبىيئاسىيا بازارلىرىغا كېڭەيدى. ﻫازىر نان خاس ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەكلىكى بولۇپلاقالماستىن، باشقا مىللەت، باشقا دۆلەت كىشىلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغانيېمەكلىكىگە ئايلاندى. ﻫازىر ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ بىر قىسمى تونۇردا ئەنئەنىۋى ﻫۈنەر- سەنئەت تۈرى بويىچە قاقلاپ پىشۇرۇلۇشتىن باشقا، نۇرغۇن نان تۈرلىرى زامانىۋى نانپىشۇرۇش ئۈسكىنىلىرىدە پىشۇرىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ناننىڭ ئالاﻫىدىلىكى شۇكى، ئۇنىئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان ئورۇندا يىيىشكەقولايلىق.
ئۇيغۇرلار ناننى تولىمۇ ئەتىۋارلايدۇ. ئۇنى بۇزۇپ- چېچىشنى، ئىسراپ قىلىشنى جىنايەتﻫېساپلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، مەدەنىيەت شەكلى نان بىلەنمۇناسىۋەتلىك. ﻫەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قەسەم شەكلى نان بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ. يەنە نانبىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۆرۈپ- ئادەتلەر بار. بۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناننىئۇلۇغلايدىغان ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ئىپادىلەيدۇ. نان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ بىخەتەر كەسپ بولۇپ قالدى. چۈنكى ﻫەممە ئادەم ﻫەركۈنى ئۈچ ۋاق تاماق يېمىسە بولمايدۇ. نان تىجارىتىدە بۈگۈن ئېشىپ قالغان ناننىئەتە يەنە سېتىشقا بولىدۇ، ئىسراپچىلىق كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.
دېمەك، ئۇيغۇرلار يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئىگىللىگەندىنتارتىپ ﻫازىرقى دەۋرگىچە نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇشسۈپىتى بىلەن بىللە نان مەدەنىيىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، يېڭىلىنىپ، نەزەرىيەجەﻫەتتىن مۇكەممەللىشىپ كەلدى. ئەسلىدە ئائىلە يېمەكلىكى قىلىنىشتىن كەسىپلىشىپبازارغا يۈزلەندى. ئۆز ئورۇنلىرىدىكى ئاددى تىجارەت شەكلىدىن خەلقئارالىقتىجارەتكە كېڭەيدى. ناننىڭ ئىجاد بولغان دەۋرى ناﻫايىتى ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن يىللار، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شاللىنىپ، تاشلىنىپ قالماي بەلكى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپئۇنى ئىستېمال قىلىدىغان ئوبيىكتىلار باشقا مىللەتلەرگىچە كېڭەيدى، تىجارەت شەكلىمىللەت، دۆلەت ﻫالقىدى. بۇنى ﻫەرگىز كىچىك ئىش دېيىشكە بولمايدۇ.
ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرىدىن ئېلىندى. تەھىرلىگۇچى:admin
|
------分隔线----------------------------