باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-07 16:05 مەنبەسى: شىنجاڭ ياشلىرى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
خوتەن قەغىزى بۆز يىپتىن توقۇلغان خام ( ماتا ) غا ئوخشاش ئاق ، ئەۋرىشىم ، چىداملىق بولغاچقا ، خوتەن ئاھالىسى « خام قەغەز » دەپ ئاتىغان .

خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى

 

مۇھەممەتئىمىن سابىر

 

خوتەن،قەغەز،Hotan,kahaz

 

   قەغەزچىلىك قۇمۇش ، ياغاچ ، ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقى ، كېۋەز غولىنىڭ پوستى ، سامان ، شال پالىڭى قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تالالىرىنى مەلۇم ۋاستە ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق پىششقلاپ ئىشلەپ ، تىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلەپ ، ساقلاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان تەكشى بەتلىك نېپىز ۋاراقچىلەرگە ئايلاندۇرۇش كەسپىنى كۆرسىتىدۇ . ماشىنلاشقان ھازىرقى زامان قەغەزچىلىك كەسپى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ، خوتەن قەغەزچىلىكى خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، ئۆز جايىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغاندىن سىرت ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ قەغەزگە بولغان مەلۇم ئېھتىياجىنى قامدايتتى .

 

   خوتەن قەغىزى بۆز يىپتىن توقۇلغان خام ( ماتا ) غا ئوخشاش ئاق ، ئەۋرىشىم ، چىداملىق بولغاچقا ، خوتەن ئاھالىسى « خام قەغەز » دەپ ئاتىغان . ئۈجمە دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىن سويۇۋېلىنغان قوۋزاقنى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن « ئۈجمە قەغىزى » دەپمۇ ئاتىغان . قەغەز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللىنىدىغان كاسىپلار « قەغەزچى » ، كەسىپ نامى «قەغەزچىلىك »دەپ ئاتالغان . ئەينى زاماندا ، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ئىشلىتىلدىغان قەغەزنىڭ خېلى كۆپ قىسمى خوتەندىن كەلتۈرۈلگەچكە ، بۇ خىل قەغەز باشقا رايونلاردا «خوتەن قەغىزى » دەپ ئاتىلىپ ، خوتەن قاشتېشى ، خوتەن يىپىكى ، خوتەن گىلىمى ، خوتەن ئىپارىغا ئوخشاشلا شۆھرەت قازانغان .

   خوتەن قەغەزچىلىكىنىڭ بارلىققا كېلىشى

   خوتەندە قەغەزچىلىكنىڭ بارلىققا كەلگەن ياكى ئۆزلەشتۈرۈلگەن ۋاقتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار بايقالمىغان بولسىمۇ ، ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە بايقالغان قەدىمكى قەغەز ئەۋرىشكىلىرى ۋە قەغەزچىلىك سايمانلىرى ھەمدە بۇلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار خوتەن قەغەزچىلىكىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ .

   1901 يىلى ئاۋرېل ستەيىن لوپنور ئەتراپىدىن بىر نەچچە قەغەز پارچىسىنى تېپىۋالغان . بۇلار مىلادىيە 220 ~ 420 يىللار ئارىلىقىدىكى دەۋرگە تەۋە بولۇپ ، 1910 يىلى بوتانىكا ئالىمى ۋېنسېرنىڭ ئانالىز قىلىشى ئارقىلىق بۇ قەغەزلەرنىڭ ئۈجمە قوۋزىقىغا لاتا پۇرۇچ قېتىلىپ ئىشلەنگەنلىكى مەلۇم بولغان .

   ئارخېئولوگ خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى 1933 يىلى تارىم ۋادىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپ ، باشقىچە يارىكارلىقلار بىلەن بىر نەچچە پارچە قەغەز ئەۋرىشكىسىنى تېپىۋالغان . 1959 يىلى 10 ئايدا شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى نىيە خارابىسىدىن نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىۋالغان . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇزۇنلۇقى 43 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 2 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر پارچە قەغەزمۇ بار .

   1999 يىلى 10 ئايدا لوپ ناھىيەسى تەۋەسىدىن تۆت پارچە ۋەقىسە تېپىلغان بولۇپ ، ھەممىسى ئۈجمە قوۋزىقىدىن ئىشلەنگەن قەغەزگە يېزىلغان ئىكەن . بۇ ۋەقىسلەرنىڭ ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ . بۇ قەغەز پۈتۈكلەر ھازىر خوتەن مۇزېيىدا ساقلانماقتا .

   خوتەننىڭ شىمالىغا جايلاشقان مازار تاغ قەدىمكى قەلئە خارابىسىدىن ستەيىن تاپقان 119 پارچە تىيەنچە ۋەسىقىنىڭ 28 پارچىسى خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان ئىكەن . مازار تاغ قەلئە خارابىسىدىن يەنە بىر دانە بۇتخانا ھېسابات دەپتىرى تېپىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا كەييۈەننىڭ 9 يىلى ئۇدۇننىڭ مەلۇم بىر جايىدىكى 30 خىلدىن ئارتۇق تاۋار مالنىڭ باھاسى خاتىرىلەنگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا ھەر خىل قەغەزلەرنىڭ باھاسىمۇ كۆرسىتىلگەن . « قەغەزنىڭ باھاسى ئۇنىڭ سۈپىتى ۋە ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان . خەت يېزىشقا ئىشلىتىدىغان قەغەزنىڭ ھەر تاختىسى 45 يارماق ياكى 60 يارماق بولغان . پانۇس ياساشقا ئىشلىتىدىغان قەغەزنىڭ ھەر تاختىسى 50 يارماق بولغان» .

   خوتەن قەغەزچىلىكىنىڭ بارلىققا كەلگەن يىل دەۋرى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت . جاڭ ۋېنلىڭنىڭ « ئېلىمىز قەغەز پۈتۈكچىلىكىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى » ناملىق ماقالىسىدە خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى تارىم ۋادىسىدىن تاپقان قەغەزلەرنىڭ يىل دەۋرى ئاز دېگەندىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 46 يىلىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە تەئەللۇق ، دەپ كۆرسىتىلگەن . تارىخشۇناس ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى : « شەرقىي خەن دەۋرىگىچە تارىم ئويمانلىقىدىكى ئادەملەر قەغەزچىلىك تېخنىكىسىنى ئىگىلەشكە باشلىغان » دەپ قارايدۇ . لى يىنپىڭ ئەپەندى بولسا : « خوتەندە قەغەزچىلىك مىلادىيە 3 ئەسىردىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن » دەپ ھېسابلايدۇ .

   گەرچە ، بۇقاراشلار تامامەن بىرلىككە كەلمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن مىلادىيىنىڭ دەسلەپكى ئەسىرلىرىدىلا خوتەندە ئۈجمە قەغەزچىلىكى بارلىققا كەلگەن ، دېگەن نۇقتىغا يېقىنلىشىدۇ . تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، تارىم ۋادىسى ، جۈملىدىن خوتەن بوستانلىقىدا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئەڭ دەسلەپتە ياغاچ ، تېرە ، رەخت قاتارلىقلارنى خەت ھۈججەتلەرنى پۈتۈشتە ئىشلەتكەن . ياغاچىتىن پۈتۈلگەن تارىشا پۈتۈك ، جۈپتەك پۈتۈك ، غىلاپ پۈتۈك قاتارلىقلار كۆپ ئىشلىتىلگەن .

   مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1 ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇددا دىنى خوتەنگە تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن ، بۇددا نوم سۇترالىرىنى كۆچۈرۈپ كۆپەيتىش ، تەپسىرلەش ، ئۇدۇن ساك تىلى ، توخرى تىلى ۋە خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش جىددىي زۆرۈرىيەتكە ئايلانغان . بۇنداق ئەھۋالدا دۆۋە دۆۋە نوم سۇترا ، شەرھىي كالاملارنى تارىشا پۈتۈك قاتارلىقلارغا يېزىپ ، كىتاب ھالىتىگە ئەكېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بۇ خىل ئەھۋال قەغەزنىڭ بارلىققا كېلىشىنى جىددىي تەقەززا قىلغان . يەنە بىر جەھەتتىن ، مىلادىيەدىن ئىلگىرى دەۋرلەردىن تارتىپ ، خوتەندە ئۈجمە ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ ، مىلادىيەنىڭ ئالدى كەينىدە پىلە يىپەكچىلىكنىڭ بارلىققا كېلىشى نەتىجىسىدە ، ئۈجمىزارلىقلارنىڭ كۆلىمى تېز كۆپىيىپ ، قەغەز ياساشقا زۆرۈر ۋە ئەڭ مۇۋاپىق بولغان خام ئەشيا مەنبەسى ھازىرلانغان . خوتەن قەغەزچىلىكى مانا شۇ ئاساستا بارلىققا كەلگەن ۋە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن .

   خوتەن قەغەزىنىڭ ئۆلچىمى ۋە تۈرلىرى

   خوتەن قەغىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ، كەڭلىكى ۋە قېلىنلىقى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم شەكىللەنمىگەن . ھەر قايسى جايلاردىكى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقان قەغەز قېلىپلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى ھەر خىل بولۇپ ، ھازىرغىچە بايقالغانلىرى 35 - 37 سانتىمېتىر ، 40 - 36 سانمتىمېتىر ، 37 - 44 سانتىمېتىر ، 48 - 66 سانتىمېتىر ، 64 - 42 سانتىمېتىر قاتارلىق بىر قانچە خىل ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، يەنە باشقا ئۆلچەمدىكى قېلىپلارمۇ ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ، كەڭلىكى 60 سانتىمېتىردىن ئاشىدىغان قەغەزلەرمۇ ئىشلەپچىقىرىلغان ئىكەن .

   قەغەز ئىشلەپچىقىرىش ۋە قەغەز تىجارىتىدە ، ئومۇمەن خېرىدارلار ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ سېتىۋېلىش ياكى ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھاۋالە قىلىپ ئىشلەپچىقارغۇزۇش ئۇسۇلى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھاۋالە قىلىپ ئىشلەپچىقارغۇزۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان . قەغەز تۈرلىرى ئىچىدە نېپىز قەغەز ، خەت قەغىزى ، پىلتا قەغىزى ، قاتۇرما قەغىزى ، جىيەك قەغىزى قاتارلىقلار ھەر خىل ئۆلچەمدە ئىشلەپ چىقىرىلىپ ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلغان . بۇ خىل قەغەزلەر ئومۇملاشتۇرۇپ « بازارلىق قەغەز » دەپ ئاتالغان . لېپاپ قەغىزى ، ئىش قەغىزى ، جى قەغىزى قاتارلىق قەغەز تۈرلىرى ئاساسەن كاسىپخانا ، مەھكىمىلەرنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ، تەلەپ قىلىنغان ئۆلچەمدە ئىشلەپچىقىرىلغان . بۇ خىل قەغەزلەر « بۇيرۇتما قەغەز »ياكى «كاسىنا قەغەز » دەپ ئاتالغان .

   تەكشۈرۈپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا ، خوتەن قەغىزىنىڭ تۈرى 15 خىلغا يېقىن بولۇپ ، ئۇلار ئاساسەن قېلىن نېپىزلىكى ۋە ئىشلىتىش ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى جەھەتتىن پەرقلەنگەن . بۇلاردىن ھازىرغىچە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا مۇمكىن بولغانلىرى تۆۋەندىكىچە :

   1 . سىپتا قەغەز : سۈپەتلىك ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن بىر جام باياب ئارقىلىق بىر تاختا قۇيۇلىدىغان قەغەز تۈرى ، بۇ قەغەز بەك نېپىز بولغاچقا ، خەت يېزىشقا بولمايدۇ . پەقەت تازىلىق ئىشلىرىغا ۋە يىرىك دورىلارنى ئوراشقا ئىشلىتىلگەن . بۇ خىل قەغەز «يۇپقا قەغەز » ،« نېپىز قەغەز » دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

   2 . خەت قەغىزى : سۈپەتلىك ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن بىر يېرىم جاپ نايابقا بىر تاختا قۇيۇلىدىغان قەغەز تۈرى . بۇ خىل قەغەز ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەپتەر تىكىپ ، خەت يېزىشقا ۋە دېرىزە يەملەش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن . بۇ خىل قەغەز« ئارا قەغەز » دەپمۇ ئاتالغان .

   3 . قېلىن قەغەز : سۈپەتلىك ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن ئىككى جام نايابتا بىر تاختا قۇيۇلىدىغان قەغەز تۈرى . بۇ خىل قەغەزمۇ خەت قەغىزىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، قاتلىما بەتلىك دەپتەر تىكىپ ، ھەر خىل ئەسەر ، رىسالىلەرنى پۈتۈش ، كۆچۈرۈش ۋە ئۇزاقراق ساقلىنىدىغان ھۆججەت ماتېرىياللارنى پۈتۈش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلگەن . خەت قەغىزى بىلەن قېلىن قەغەزنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولۇپ ، قەغەز مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە بۇ ئىككى خىل قەغەزنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلىگەن .

   4 . پىلتا قەغىزى : ناچار سۈپەتلىك ئاقلاندىدىن ئىشلەنگەن ئۈچ جام ناياب ئارقىلىق بىر تاختا قۇيۇلىدىغان قەغەز تۈرى . ئۇ ، دوپپىچىلارنىڭ تار ، ئۇزۇن قېيىقچە كېسىپ پىلتا ئېشىپ ، ئەستەر تەگ ئارىسىغا ئۆتكۈزۈپ ، دوپپا قاتۇرۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن .

   5 . لېپاپ قەغىزى : سۈپەتلىك ماتېرىيالدىن تەييارلانغان تۆت جام نايابتا بىر تاختا قۇيۇلىدىغان قەغەز تۈرى . بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى چاپارچىخانا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى پوچتىخانىلار ، شۇنداقلا بەزى مەھكىمىلەر لېپاپ ئۈچۈن ھاۋالە قىلىپ ئىشلەپچىقارغۇزاتتى . 

   6 . ئىش قەغىزى : ناھايىتى سۈپەتلىك ماتېرىيالدىن تەييارلانغان يەتتە جام نايابتا بىر تاختا قۇيۇلىدىغان قەغەز تۈرى . بۇ خىل قەغەز يامۇل ، مەھكىمە قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بۇيرۇتمىسىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ ، ئۇزۇنلۇق ، كەڭلىك ئۆلچىمى بازارلىق قەغەزلەرنىڭ ئۆلچىمىدىن خېلىلا چوڭ ئىدى . قېلىنلىقى قېلىن خەت قەغىزى بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتەتتى . بۇ خىل قەغەز يامۇ مەھكىمىلەرنىڭ ھۆججەت مەھكىمىلەرنىڭ ھۈججەت ئالاقىلىرى ، ئۇزاق ساقلىنىدىغان ماتېرىياللار يېزىشقا ئىشلەنگەن .

   7 . قاتۇرما قەغەز : سۈپەتسىز ، ئەمما پاكىز ماتېرىيالدىن تەييارلانغان سەككىز جام نايابتا بىر تاختا قۇيۇلىدىغان قەغەز تۈرى بولۇپ ، قېلىنلىقى ئىككى مىللىمېتىر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قېلىن ئىدى . ئوڭ تەتۈر يۈزىنى رەخت بىلەن قاپلاپ ، كىتاب ، دەپتەرلەرنى مۇقاۋىلاش ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان .

   8 . جى قەغىزى : « جى » ئىستېمالدىن قالغان كونا ئاتالغۇ بولۇپ ، ھازىرقى تىل ئىستېمالىمىزدىكى« ھۆججەت ، ئارخىپ ، ئىسپات » قاتارلىق سۆزلەرنىڭ مەنىسىگە ئۇدۇل كېلىدۇ . بۇ ، سۈپەتلىك ماتېرىيالدىن تەييارلانغان 10 جام نايابتا بىر تاختا قۇيۇلىدىغان قەغەز تۈرى بولۇپ ، قېلىنلىقى ۋە سۈپىتى قېلىن خەت قەغىزىدىن ياخشى ئىدى . ئېيتىلىشىچە ، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ، كەڭلىكى 60 سانتىمېتىردىن چوڭ بولۇپ ، بۇيرۇتمىسىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىلغان . تىكىپ تۈپلىمەي ، يۆگەپ ساقلىنىدىغان ھۆججەت ، ھۆكۈمنامە ، ئىسپات قاتارلىق ماتېرىياللارنى يېزىشقا ، شۇنىڭدەك ئېلان يېزىشقا ئىشلىتىلگەن . خەلق ئىچىدە چوڭ ھەجىملىك تۇمار پۈتۈش قاتارلىقلاردىمۇ ئىشلىتىلگەن .

   9 . تىيزا قەغىزى : « تىيزا » ئىستېمالدىن قالغان ئاتالغۇ بولۇپ ، « قەغەز پۇل » دېگەن مەنىگە ئىگە . ئېيتىلىشىچە ، بۇ خىل قەغەز ئالاھىدە خىللانغان سۈپەتلىك خام ئەشيادىن تەييارلانغان تۆت جام نايابتا بىر تاختا قۇيۇلىدىغان قەغەز بولۇپ ، ئالدى كەينى پاتلىنىپ سىلىقلارنغاندىن كېيىن ، پۇل بېسىشقا ئىشلىتىلگەن . شۇڭا ، بۇ خىل قەغەز « تىيزا قەغىزى » دەپمۇ ئاتالغان . ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرسىدا شىنجاڭدا ئوبوروت قىلىنغان بەزى پۇللار مۇشۇنداق قەغەزگە بېسىلغان . بۇنداق پۇللارنى كونا پۇل بازارلىرىدا ئاندا ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ .

   10 . جيەك قەغىزى : سۈپەتسىز ماتېرىيالدىن ياكى كونا قەغەزدىن تەييارلانغان 12 ~ 15 نايابتا بىر تاخت قۇيۇلىدىغان قەغەز . بۇ خىل قەغەزنىڭ قېلىنلىقى ئىككى ئۈچ مىللىمېتىرغا يېتىدۇ . ئىلگىرى بۇ خىل قەغەزنىڭ قېلىنلىقى ئىككى ئۈچ مىللىمېتىرغا يېتىدۇ . ئىلگىرى بۇ خىل قەغەزلەر قىيىقچە كېسىپ ، شىلىم بىلەن ئەستەر تەگ ئارىسىغا ئېلىنىپ ، دوپپا ، شەپكە قاتارلىقلارنىڭ جىيىكىنى قاتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن . شۇڭا ، « جىيەك قەغىزى » دەپ ئاتالغان .

   11 . پاتلىق قەغەز : مەخسۇس خىللانغان سۈپەتلىك خام ئەشيادىن ناھايىتى يۇمشاق سوقۇپ ، سۇيۇلدۇرۇپ تەييارلانغان بەش ئالتە جام نايابتا بىر تاختا قۇيۇلىدىغان قەغەز بولۇپ ، قۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قايتا  پاتلىنىدۇ . پاتلىق قەغەز خوتەن قەغىزىنىڭ تۈرلىرى ئىچىدىكى ھەر ئىككى يۈزىگە خەت يېزىشقا يارايدىغان بىردىنبىر قەغەز بولۇپ ، ئالاھىدە چىڭ ، چىداملىق ، سىلىق ، پارقىراق بولىدۇ . تىلىمىزدىكى « پېتى بار » ، « پېتى يوق » ، « پېتىدىن چۈشمەسلىك »، « پېتىنى بۇزماي » ،« پېتىنى يوقاتماي » دېگەندەك تۇراقلىق ئىبارىلەر مۇشۇ مەنبەدىن كېلىپ چىققان .

    12 . ياشارتما قەغەز : يىغىۋېلىنغان كونا قەغەزدىن تەييارلانغان ناياب ئارقىلىق قۇيۇلىدىغان قەغەز تۈرى بولۇپ ، سۈپىتى ناچارراق بولىدۇ . پەقەت پىلتا قەغىزى ، جىيەك قەغىزى ياكى قاتۇرما قەغىزى قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ .

   ئۈجمە قەغىزى يۇقىرىقى جەھەتلەردە ئىشلىتىلگەندىن تاشقىرى ، دېرىزە كۆزنەكلىرىنى يەملەش ، دورا ، بوياق ماتېرىياللىرىنى تۈگۈش ، بەزى تاۋارلارنى ئوراش ، پۇل باغلاش ، كىيىم كېچەك ، ئۆتۈك كەش ، دوپپا تۇماق نۇسخىلىرىدىن ئۆرنەك قالدۇرۇش جەھەتلەردىمۇ ئىشلىتىلگەن .  

   يۇقىرىقىلاردىن باشقا ، تارىخشۇناش ئالىم ئىمىن تۇرسۇننىڭ كۆرسىتىشىچە ، شەرقىي جىن دەۋرىدىكى تاڭ دەۋرىنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ۋاقىتلاردا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئۆسۈملۈك يېلىمى قوشۇلغان ياخشى سۈپەتلىك پەردە گۈللۈك قەغەز ، ئەتىقە قەغەز ، كراخمال ۋە ھايۋان ۋە ھايۋان سۆڭەك يېلىمى قوشۇلغان رەڭلىك رەسىم قەغىزى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقارغان . بۇلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى خىلى ئاقارتىلغان قەغەز بولۇپ ، دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئىشلەنگەن قەغەز ھېسابلىنىدۇ . كېيىنكى بىر خىلى دىنىي ئەقىدە تۈپەيلى ياكى كۈيىدىن ساقلاش ئۈچۈن سېرىق بويالغان . ئەپسۇسكى ، ھازىر يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل قەغەز تۈرىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇرىغا ئىگە ئەمەسمىز .

   ئالىملارنىڭ تەتقىقات ، ئانالىز نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ، شىنجاڭدىن تېپىلغان قەغەزلەرنىڭ بىر قىسمى لاتا پۇرۇچ قېتىلغان ئۈجمە قوۋزىقىدىن ، بىر قىسمى پاختىدىن ، كۆپ قىسمى كەندىر تالاسىدىن ياسالغان . يېقىندا بىر ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە ، توغراق قوۋزىقىنىڭ ئىچ پوستىدىنمۇ قەغەز ئىشلەپچىقىرىلغان . لېكىن ، يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋردىكى خوتەن قەغىزىنىڭ بارلىق تۈرلىرى بىردەك ئۈجمە قوۋزىقىنى خام ئەشيا قىلغان . لاتا پۇرۇچ ، پاختا ، كەندىر تالاسى ، توغراق قوۋزىقى قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ قەغەز ياساش تېخنىكىسى ھازىرغىچە يېتىپ كەلمىگەچكە ، ئۇلارنى خام ئەشيا قىلىپ قەغەز ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېخنىكىلىق مەشغۇلات تەپسىلاتى مەلۇم ئەمەس .

   خوتەن قەغەزچىلىكىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى

   1962 يىلىغا كەلگەندە ، دۆلىتىمىزدە ئۇدا ئۈچ يىل داۋام قىلغان تەبىئىي ئاپەت ئاخىرلاشتى . ئىقتىسادىي خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى سولچىل خاتالىقمۇ تۈزىتىلدى . پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا « تەڭشەش ، مۇستەھكەملەش ، تولۇقلاش ، ئۆستۈرۈش » تىن ئىبارەت يېتەكچى فاڭجېنىنى يولغا قويدى . نەتىجىدە ، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدى . جۈملىدىن سۈپەتلىك ۋە ئەرزان باھالىق سانائەت قەغەزلىرى بىلەن تەمىنلەش تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدى . جۈملىدىن سۈپەتلىك ۋە ئەرزان باھالىق سانائەت قەغەزلىرى بىلەن تەمىنلەش تېز سۈرئەتتە ئاشتى ، خوتەن قەغىزىگە بولغان ئېھتىياج بارا بارا تۆۋەنلىرى . شۇڭا ، 1962 يىلىدىن 1965 يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ، ناھىيەلەر ۋە بىر قىسىم يېزىلاردا قۇرۇلغان كوللېكتىپ ئىگىلىكتىكى قەغەزچىلىك كوپىراتىپلىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى . كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ بىر قىسمى كەسىپ ئۆزگەرتتى . كۆپ قىسىمى دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىشقا ئاتلاندى . پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى قەغەزچى ئۇستىلار دېھقانچىلىقتىن بوشىغان ۋاقىتلىرىدا ، قوشۇمچە ئىگىلىك سۈپىتىدە ئاندا ساندا قەغەز ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى .

   20 ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ، پېشقەدەم قەغەزچى ئۇستىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئالەمدىن ئۆتتى . قىسمەنلىرى ھايات بولسىمۇ ، قەغەزچىلىك بىلەن شوغۇللىنىپ ، ھېچقانچە كىرىم يارىتالمىغاچقا ، بۇ ھۈنەردىن ۋاز كەچتى .

   ھازىر پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە خوتەن شەھىرى ئىلىچى يېزا قەغەزچى ئاھالە كومىتېتى تەۋەسىدىكى مەسۇم ھاپىز ، قاراقاش ناھىيە پۇرچاقچى يېزىسىدىكى توختى باقى ئاخۇن ۋە ئابدۇقادىر ئاخۇن قاتارلىق ئۈچ نەپەر پېشقەدەم قەغەزچى ئۇستا ئانچە مۇنچە خوتەن قەغىزى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ . لېكىن ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە مەھسۇلات تۈرى بارغانسېرى ئازىيىۋاتىدۇ . ئىش قەغىزى ، لېپاپ قەغىزى ، جى قەغىزى ، قاتۇرما قەغەز قاتارلىق تۈرلىرى 60 ~ 50 يىلنىڭ ئالدىدا ئىشلەپچىقىرىلشتىن توختىغان ئىدى . قىسقىسى ، 30 ~ 40 يىل ئىچىدە جىيەك قەغىزى ، پىلتا قەغىزى ، پاتلىق قەغەز ، ياشارتما قەغەز قاتارلىق تۈرلەرنىڭمۇ خېرىدارى بولمىغاچقا ، ئۇلارنىڭمۇ ئىزى ئۆچتى ، ھازىر پەقەت سۈت قەغەز ، خەت قەغىزى ، قېلىن قەغەز قاتارلىق بىر نەچچە خىل قەغەز ئىنتايىن ئاز ساندا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ .

   مەسۇم ھاپىز ئۇستامنىڭ يېقىندا ئېيتىشىچە ، ئۇ خام ئەشيا ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ، ھۆددە يېرىگە 400 تۈپ ئۈجمە كۆچىتى تىكىپ ، پەرۋىش قىلىۋېتىپتۇ . بىر بۆلەك خام ئەشيا ۋە قەغەزچىلىك سايمان ئۈسكۈنىلىرىنى ئاۋايلاپ ساقلاپ ، ھۈنىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەپتۇ . بىراق قەغەزنىڭ بازىرى يىلدىن يىلغا كاساتلىشىپ كەتكەچكە ، بۇ يىل سېتىلغان قەغەز بىر توپقىمۇ يەتمەيدىكەن . يەرلىك خېرىدارلار يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ ، پەقەت سىرتتىن كەلگەن بەزى ساياھەتچىلەرلا ئەۋرىشكە ياكى خاتىرە بۇيۇمى سۈپىتىدە بىر ئىككى تاختىدىن قەغەز سېتىۋېلىپ كېتىدىكەن . شۇنداقتىمۇ ، ئۇ ئاتا بوۋىلىرىدىن قالغان بۇ ئەھمىيەتلىك ھۈنەرنىڭ ئۆز قولىدا ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا چىدىمىغانلىقتىن ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكۈسى كەلمەي زورىغا داۋاملاشتۇرۇپ كەپتۇ .

   يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيا مىقياسىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇش ، قوغداش قىزغىنلىقى قوزغالدى . ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ مۇناسىپ خىزمەتلەر ئىشلىنىپ ، تۇنجى تۈركۈمدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن تۈرلەر ۋە ئۇنى قوغداشقا مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ ئىشىملىكى ئېلان قىلىندى . لېكىن ، ئۈجمە قەغەزچىلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل ئورۇن تېخى بېكىتىلمىگەندەك قىلىدۇ . كونكرېت تەدبىر تۈزۈپ ، مۇئەييەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ، بىر نەچچە ئائىلىدە ئۈجمە قەغىزى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ساقلاپ قېلىش ۋەداۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىشقا ئاشامدۇ يوق ، بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نىمە دېگىلى بولمايدۇ .

   لېكىن ، شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، خوتەن قەغەزچىلىكىنى چىدام ۋە غەيرەت بىلەن ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر قانچە پېشقەدەم ئۇستامنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ، ئۇلارنىڭ قەغەزچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان تەقدىردىمۇ ، ئۇ پەقەت بىر خىل تىرىك ئەۋرىشكە ، ساياھەتچىلىك ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يېگانە يالداما سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالىدۇ . چۈنكى ، خوتەن ئۈجمە قەغىزىنى بىردىنبىر يېزىق يۈكلىمە گەۋدىسى قىلىدىغان ، ئاساسلىق ياكى قوشۇمچە يۈكلىمە گەۋدىسى قىلىدىغان دەۋر ئاخىرلاشتى . ئۇ ئەمدى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر ساھەسى بولۇش ئورنىدىن ، بازار ئېھتىياجىدىن ئايرىلىپ قالدى .

   ئەمما بۇلار خوتەن قەغىزىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە شۆھرىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . ئىككى مىڭ يىللاردىن بېرى ئەجدادلىرىمىز ياراتقان نۇرغۇن تارىخىي ئەسەرلەر ، ئىلمىي ئەسەرلەر ، ئەدەبىي ئەسەرلەر ، دىنىي ئەسەرلەر تەزكىرە رىسالىلەر ، ھۆججەت ۋەقىسلەر دەل ئەنە شۇ « خوتەن قەغىزى » دەپ شۆھرەتلەنگەن ئۈجمە قەغىزىگە پۈتۈلۈپ ، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن . ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىز ، دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن مۇزېيلار ، كۈتۈپخانىلار ، تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا . ئۇلار ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن تارىخىي ئۇچۇرلار ، بىلىم دۇردانىلىرى ، ھۈنەر سەنئەت تېخنىكىلىرى ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنە ، ئۇدۇملىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش بىلەن بىللە ، خوتەن قەغىزىنىڭ تارىختىكى شۆھرەت تۆھپىسىنى ئەۋلاد بوغۇنلىرىمىزغا يەتكۈزىدۇ .

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئېلكىتابلار] بالدۇر ئويغانغان ئادەم [ 2011-12-01 15:52:03 ]
[ئېلكىتابلار] خوتەندىكى قەدىمكى ئىزلار [ 2011-12-01 15:46:43 ]
[ئېلكىتابلار] بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت (18-ئەسىر) ئەسلى نۇسخا [ 2011-12-01 15:41:55 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] مەن ياقتۇرغان ئېسل تور كۆرگۇ GreenBrowser [ 2011-12-01 15:09:54 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.0 رەسمىي نەشىرى [ 2011-12-01 14:51:34 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا پىنيىن تاپقۇ [ 2011-12-01 14:46:36 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] سۆز قوراشتۇرۇش ئويۇنى [ 2011-12-01 14:41:02 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 10-ئايلىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان نەتىجىسى [ 2011-11-23 17:04:36 ]
[تارىخى بىلىملەر] يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بەربات بولۇش تارىخى [ 2011-11-20 17:59:12 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى [ 2011-11-20 17:57:30 ]



ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر