باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

تۇرمۇش ئەنئەنىمىزدىكى ئالاھىدە بۇيۇم — بۆشۈك

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-07 16:01 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئادەتتە، بۆشۈكنىڭ ئېگىزلىكى 60 نەچچە سانتىمېتر، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر، كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بۆشۈك

تۇرمۇش ئەنئەنىمىزدىكى ئالاھىدە بۇيۇم — بۆشۈك

 

ئۆركەش جاپپار

boxuk,uyghur,بۆشۇك،ئۇيغۇر

     بۆشۈك خەلقىمىز ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇمى.

    ئادەتتە، بۆشۈكنىڭ ئېگىزلىكى 60 نەچچە سانتىمېتر، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر، كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بۆشۈك قۇرۇلمىسىغا بىر تالمۇ تۆمۈر مىق ئىشلىتىلمەيدۇ. بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلىنىپ ياسىلىدىغان بۇ ئالاھىدە «كارىۋات»نىڭ كۆركەم، نەپىسلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئۇنى بىر خىل گۈزەل سەنئەت بۇيۇمى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

    بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەش خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلەرنىڭ بىرى. بۆشۈككە بۆلەش ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، كېسەل بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىش، نېرۋا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرىكەت سىستېمىسىدا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان تۈرلۈك غەيرىي ئەھۋاللارنى تۈزىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا خەلقىمىز بۆشۈككە بىر خىل مۇقەددەس ئېرىملىق بۇيۇم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. بوۋاقنى تۇنجى بۆشۈككە سېلىشتا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن پېشقەدەم «بۆشۈكئانىسى» تەكلىپ قىلىنىپ، «بۆشۈكئانىسى»نىڭ ئۇدۇمى ئېلىنىپ، «بۆشۈك تويى» ئۆتكۈزۈلۈپ، بالىنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلىدۇ. بۆشۈكنىڭ ياسىلىش شەكلى ۋە ئۇنىڭغا بالىنى بۆلەش مۇئەييەن ئىلمىي قائىدىگە ئاساسلانغاچقا، بۆشۈك مۇنداق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە:

     بىرىنچىدىن، بۆشۈكتە ياتقان بالىنىڭ ئورنى پاكىز بولىدۇ. چۈنكى، بالىنى ھەر قېتىم بۆشۈككە بۆلەشتىن بۇرۇن، بۆشۈك كۆرپىلىرى، جاك، شۈمەكلەر يۇيۇلۇپ ئاپتاپقا سېلىنىدۇ ياكى ھاۋالاندۇرۇلىدۇ. بالىنىڭ ئاستى ھۆل بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال سادىر بولمايدۇ. بالىنىڭ تەرىتى ئۇدۇللۇق جاكقا چۈشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ چات ئارىلىقلىرى ھۆللىنىش سەۋەبىدىن ئېچىشىدىغان، قىزىرىدىغان،  شەلۋەرەيدىغان، پىچىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ.

    ئىككىنچىدىن، بالا ئېچىلىپ قېلىپ، سوغۇق تېگىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلىگەندە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئارتۇق ھۆللۈك ئازىيىپ، قان  ئاينىلىش راۋانلىشىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاشىدۇ.

     ئۈچىنچىدىن، كېچىلىرى ئانىنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىغا ۋە دەم ئېلىشىغا پايدىلىق پۇرسەت يارىتىلىدۇ.        

     تۆتىنچىدىن، بۆشۈككە بۆلەشتە بالىلارنىڭ باش، قول، پۇت ۋە بەدىنى رۇسلاپ قائىدىلىك تېڭىلغاچقا، بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك ئۆسىدۇ. بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك غەيرىي كېسەللەرنىڭ، يەنى  يوغان باش بولۇپ قېلىش، باش مايماق بولۇپ قېلىش، دوك، تاشمايماق، ئىچمايماق بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

     ئۇنىڭدىن باشقا، بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەش بوۋاقنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش؛ تېرە رەڭ پىگمېنتلىرىنىڭ نورمال ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.  

     ئومۇمەن، بۆشۈك خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەنئەنىۋى بۇيۇم بولۇپ، مەيلى يېزا ياكى شەھەرلەردە بولسۇن، بۆشۈك تەۋرەتمىگەن ئانىلارنى تېپىش تەس.«ئەللەي ناخشىسى»(بۆشۈك ناخشىسى)، ئەمەلىيەتتە، خەلقىمىزنىڭ بۆشۈككە بولغان قەسىدىسىدۇر.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر