باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ۋاستىسى خۇرجۇن

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-07 15:38 مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گې ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
خەلقىمىزدە « ئۇيغۇرلار بار يەردە خۇرجۇن بار، خۇرجۇن بار يەردە ئۇيغۇرلار بار » دەيدىغان گەپ بار.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ۋاستىسى خۇرجۇن

 

ئۇيغۇر،خۇرجۇن،uyghur,horjun

 

خۇرجۇن  ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىشلىتىش تارىخى ئۇزۇن بولغان ، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىگىلا خاس بولغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاستىسىدىن بىرىدۇر . بىز ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشتىكى مىللىي خاسلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ھەرقانداق ئەدەبىيات سەنئەت ئەسەرلىرىدە خۇرجۇننىڭ مەلۇم ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز . چۈنكى، خەلقىمىزدە « ئۇيغۇرلار بار يەردە خۇرجۇن بار، خۇرجۇن بار يەردە ئۇيغۇرلار بار » دەيدىغان گەپ بار.

     مەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيىسىدە كېتىۋاتقىنىمدا ، بىر بوۋاينىڭ ئىچىگە لىق يېمەكلىك قاچىلانغان خۇرجۇننى ئېشەكنىڭ دۈمبىسىگە مىڭ تەسلىكتە ئارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ، دە ، بوۋاي بىلەن خۇرجۇن توغرىسىدا پاراڭلىشىش ئىستىگىدە بولدۇم . بوۋاينىڭ ئىسمى مەتقۇربان بارات بولۇپ ، نىيە ناھىيىسىنىڭ ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ئىكەن. بوۋاي، دېھقانچىلىقنىڭ سەل بوش ۋاقىتلىرىدا، ناھىيە بازار ئىچىدە ئۆزى ياسىغان ھەرخىل ياغاچ بۇيۇملىرىنى ئەكىرىپ سودا قىلىدىكەن. بۈگۈنمۇ بوۋاي ئۆيىدىكى تېخى سېتىپ بولالمىغان ياغاچ بۇيۇملىرىنى يىغىشتۇرۇپ ، قەدىنىسى بىلەن خوشلۇشۇپ خۇرجۇنىنى ئېلىپ بازارغا ماڭغان ئىكەن . مەن بوۋاينى سودىدىن قويماسلىق ئۈچۈن ، ئۇنىڭ بىلەن خۇرجۇن توغرىسىدا قىسقىلا پاراڭلىشىپ ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.

    بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە ، خۇرجۇن ئۇيغۇر خالۋاپچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ ، ئۇنى مەخسۇس تەربىيىلەنگەن خالۋاپچى ئۇستىلارلا تۇقۇيالايدىكەن. خۇرجۇن ، قىزىل ، كۆك ، يېشىل ، سېرىق ، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلىك يىپلارنى گىرەلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرخىل گۈل نۇسخىلىرى چىقىرىلىپ توقۇلىدىكەن. خۇرجۇن تۈز توقۇلۇپ ، ئىككى تەرىپى كەينىگە ياندۇرۇلۇپ ، يان تەرىپى تىكىلىپ ئاندىن شەكىلگە كەلتۈرۈلىدىكەن . ئاندىن خۇرجۇننىڭ ئېغىزىغا چىرايلىق گىرۋەك چىقىرىلىپ ئىزما بېكىتىلىدىكەن . ئىزما خۇرجۇندىكى نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش رولىغا ئىگە ئىكەن. خۇرجۇن ئىككى پاي بولۇپ ، نەرسە كېرەك يۆتكەشتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان بولغاچقا ، ئۇنىڭدىن قاچىلانغان نەرسىلەرنى مەيلى ئادەم دولىسىغا ئارتىپ ماڭسۇن ياكى ئېشەككە ئارتىپ ماڭسۇن ، ئوخشاشلا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ . ئۇ نەرسە كېرەك قاچىلاپ يۆتكەشتە ، بولۇپمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئەپلىك . ئۇنىڭدىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا ، ئىچىگە سېلىنىدىغان نەرسە كېرەكلەر ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ ھەم ئۇنىڭدا نەرسە كېرەكلەرنى پاكىز ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگەشىپ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋاستىسى ئورنىدىن ھالقىپ، سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا ساقلانماقتا.

     خۇرجۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيە ئۆرپ ئادەت ، جۇغراپىيلىك شارائىت قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم تەتقىقات تېمىسى بۇلالايدۇ.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر