ئۇيغۇرلاردا تۈگمەنچىلىك
![]() تۈگمەننىڭ شىنجاڭدا ئىشلىتىش تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن . بۇ ھەقتە قىسمەن ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلما ئۇچۇرلاردىن باشقا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم تارىخچىلار يېزىپ قالدۇرغان بىر قىسىم تارىخىي ئۇچۇرلار ساقلىنىپ قالغان . ھازىرچە بىزگە مەلۇم بولغان تۈگمەنگە دائىر ئارخېئولوگىيىلىك ئۇچۇرلار مىلادىيە 4 – ئەسىرلەردە قۇم ئاستىدا قالغان كېرىيە دەرياسى بوغۇزىدىكى مارجانلىق خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان ئاقۇچ قورام تاشلارنى يونۇپ – چۇقۇش ئارقىلىق تۆت دانە تۈگمەن تېشىدۇر . بۇ ئارخېئولوگىيىلىك ئۇچۇردىن باشقا خەنزۇچە يازما خاتىرىلەردىن سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندى 10 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ( 981 – 984 ) دا ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان ساياھەت خاتىرىسىدە « جىنلىڭ تاغلىرىدىن ئېقىپ چىققان دەريا سۈيى پايتەختنىڭ ئەتراپىنى تولۇق ئايلىنىپ ئاقاتتى ، بۇ بىلەن تېرىلغۇ ئېتىزلىرى ۋە مېۋە باغلىرى سۇغىرىلاتتى ، شۇنداقلا تۈگمەنلىرى ماڭدۇرىلاتتى » دېگەن ئىنتايىن قىسقا ئۇچۇرنى يېزىپ قالدۇرغان . تۈگمەن ئادەتتە ياغاچ تاقاق ،كويلا ، ياغاچ نور ( قوچ ، قوغاچ ) ، غۇلۋا ، ئاقتا ( لەيلەڭگۈ ) ، چاقپەلەك ، تاش ( ئاستىنتاش ، ئۈستۈنتاش ) ،ئۇنلۇق( ئورىلىق ، خامپا ) ، سۈگەن ، چېقىلدۇرغۇچ ، تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئاساسىي بۆلەكلەردىن تۈزۈلىدۇ . تۈگمەن قۇرماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن مۇۋاپىق يەرنى تاللاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ . بولمىسا « قاملاشمىغان يەرگە تۈگمەن قۇرسا ، كۈتمىگەندە يار كېتەر » دېگەندەك ئىش يۈز بېرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن سۇنىڭ ئورنى تۈگمەننىڭ ئورنىدىن يۇقىرى بولۇش ئەڭ ئەقەللىي شەرتلەرنىڭ بىرى . كىشىلەر ئادەتتە يوغان ياغاچتىن نور چېپىپ ، كويلا بېشىنى پۇختا قىلىپ نورنى بېكىتىدۇ . ئاندىن كېيىن غۇلۋانى تاختاي بىلەن قىلىدۇ . تۈگمەننىڭ ئاستىن تېشىنى غۇلۋىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، چاقنى غۇلۋىغا ئەكىرىپ ، ئاختىنىڭ بېشىغا ، ئەركەك تۇرۇمنىڭ بېشىغا چاقپەلەكنى سالىدۇ . ئاندىن شۈمەكنى ئاستىن تاشنىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە چىقىرىدۇ . ئاندىن شۈمەكنىڭ ئۈستىگە پاقىنى قويۇپ ، ئۈستىن تاشنى ياپىدۇ . چاقنىڭ بوي تۆمۈرىگە پەركارنى سېلىپ ، بىر ئادەم غۇلۋانىڭ ئىچىگە كىرىپ چاقنى چۆرگىلىتىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنلۇق ، يان تاختا قاتارلىقلارنى بېكىتىدۇ . ئاندىن ئۈستى تاشنى ئوقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، بىر ئادەم غۇلۋاغا كىرىپ ، تۈگمەننى بىر قانچە قېتىم چۆرگىلىتىپ سىناپ باقىدۇ . چاتاق بولمىسا ، سۈگەن ، چاناق ، چېقىلدۇرغۇچ قاتارلىقلارنى بېكىتىدۇ . شۇنداق قىلىپ تۈگمەننىڭ بارلىق تەييارلىقلىرى پۈتكەن بولىدۇ . تۈگمەن پۈتكەندىن كېيىن ، تۈگمەن ئىگىسى خەيرلىك كۈندىن بىرنى تاللاپ بىرەر قوينى ئۆلتۈرۈپ قان قىلىپ ، مەسجىد جامائىتىنى چاقىرىپ نەزىر بېرىپ ، يېڭى تۈگمەننىڭ ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىشىنى ۋە بەرىكەتلىك بولۇشىنى تىلەپ كۆپچىلىكنىڭ دۇئاسىنى ئالغاندىن كېيىن ، سۈگەنگە ئۈگۈتنى قويۇپ ، سۇنى قويۇپ بېرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇن تارتىلىشقا باشلايدۇ . شىنجاڭدا تاكى يېقىنقى يىللارغىچە ھەممىلا يېزا ، كەنتلەردە دېگىدەك تۈگمەن بار ئىدى . ئېلىكتېرلەشكەندىن كېيىن ئاستا – ئاستا توختاپ قالدى . بىراق چۆرگىلەۋاتقان تۈگمەنلەرنى ھازىرمۇ ئاندا – ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ . سىز يېڭىسار ناھىيىسىدىن چىقىپ 315 – نومۇرلۇق تاش يولنى بويلاپ يەكەنگە قاراپ ماڭسىڭىز ، قارىباش سۇ ئامبىرىغا كەلگەندە يونىڭ سول تەرىپىدىكى جىلغىغا قاتار جايلاشقان تۈگمەنلەرنى كۆرىسىز . تۈگمەن ئالدىدا توختاپ تۇرغان لىق تاغار بېسىلغان ھارۋىلار ، تۈگمەنگە كىرىپ –چىقىۋاتقان ئادەملەر بۇ تۈگمەنلەرنىڭ ھېلىمۇ ئىشلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . بىز 2006 – يىلى نوزۇز پەسلىدە بۇ يەردىن توختاپ ئۆتكەنىدۇق ، ئۇ چاغدا تۈگمەنلەردە ئادەم يوق ئىكەن . 2007 – يىلى10 – ئاينىڭ باشلىرى يەنە كەلسەك ئىش تازا قايناۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەپتۇ . تۈگمەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىراش بولۇپ ئادەملەر كۆپ ئىكەن . دېھقانلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇلار ئېسىنى تاپقىدەك بولغىنىدىن بويان بۇ تۈگمەنلەر بار ئىكەن . ماڭشىن يېزا تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر ئاساسەن مۇشۇ تۈگمەننىڭ ئۇنىنى يەيدىكەن . بۇ تۈگمەنلەردە تارتىلغان ئۇن مەيلى بۇغداي ئۇنى ياكى قوناق ئۇنى بولسۇن ناھايىتى مىزىلىك بولۇپ ، ئادەمنىڭ ئىچىنى قاتۇرمايدۇ ، ئاسان بۇزۇلمايدىكەن . ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدىكەن .
|