ئانا مەكتىپىم _ يەكەن پىداگوگىكا مەكتىۋى
يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى 1944-يىلى 8-ئايدا يەكەن ناھىيىسىدە قۇرۇلغان. سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولۇپ، دەسلەپكى مەكتەپ نامى شىنجاڭ ئۆلكىلىك يەكەن تولۇقسىز پېداگوگىكا مەكتىپى ئىدى. 1954-يىلى مەكتەپ نامى شىنجاڭ يەكەن باشلانغۇچ پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيىلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يۈزلەنگەن. پېداگوگىكا ۋە خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ تەسىس قىلىنغان. تولۇقسىز ئوتتۇرىدىن قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل، تولۇق ئوتتۇرىدىن قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئىلىپ باراتتى. 1985- يىلىدىن بۇيان ئوقۇتۇش كەسىپلىرى كۆپەيتۈرۈلۈپ ئومۇمىي پەن سىنىپى، خەنزۇ تىلى سىنىپى، تەنتەربىيە مائارىپى سىنىپى، يەسلى مائارىپى سىنىپى، لابورانتلار سىنىپى، رەسىم مائارىپى سىنىپى ۋە مۇزىكا مائارىپى سىنىپلىرىغا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر يىلى ئىزچىل قوبۇل قىلىپ رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يۇقىرى ساپا بىلەن تەربىيىلەپ، يېتىشتۈرۈپ، 1988-يىلى مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ باھالانغان».
مەكتەپنىڭ 2005- يىلىدىكى شتاتى 160 نەپەرگە، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 140 نەپەرگە(ئالىي دەرىجىلىك لېكتور 13 نەپەر، لېكتور 54 نەپەر، تۆۋەن ئۇنۋانلىقلار 73 نەپەر)، يۇقىرىدىكى كەسىپلەر بويىچە ئوقۇغۇچىلار ئىككى مىڭ نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 64607 كۋادرات مېتىر، 3 قەۋەتلىك ۋە 4 قەۋەتلىك ئىككى ئوقۇتۇش بىناسى، ئىككى قەۋەتلىك كۇتۇپخانا بىناسى، ئىككى قەۋەتلىك تەجرىبىخانا بىناسى، ئىككى قەۋەتلىك، ئۈچ قەۋەتلىك ۋە بەش قەۋەتلىك ئۈچ يۈرۈش ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى قەۋەتلىك داۋالاش پونكىتى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى بولۇپ جەمئىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 17482 كۋادرات مېتىر. يېنىك ئاتلېتىكا، گىمناستىكا، ۋاسكېتبول، ۋالىبول، پۇتبول مەيدانى قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ مەيدانى 10700 كۋادرات مېتىر. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 50مىڭ پارچىدىن ئارتقان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تاكى مەكتەپ نامى ئۆزگەرتىلگەن 2005- يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە يىگىرمە مىڭ نەپەردىن ئارتۇق باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. 2002- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس بويىچە ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان چوڭلار ئالىي مائارىپىنىڭ تەربىيىلەش پونكىتىنى قۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىن چوڭلار ئالىي مائارىپى بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشقانلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ھەر يىلى يازلىق ۋە قىشلىق تەتىلدە ئىككى ئالىي مەكتەپكە ۋاكالىتەن مىڭ نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ، يەكەن ناھىيىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن رايونىمىزنىڭ چوڭلار ئالىي مائارىپى ئۈچۈنمۇ ھازىرغىچە ئۈزۈلدۈرمەي تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ.
2005- يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ شامىلىدا، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك بۇ مەكتەپ يەكەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، خەنزۇ تولۇقسىز 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنى سابىق يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ، «يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى»نىڭ نامى «يەكەن ناھىيىلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ»كە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ مەكتەپ 6 يىلدىن بىرى مىللىي تىل سىستېمىسى بويىچە تولۇق ئوتتۇرا ئۇيغۇر تىلى سىنىپى ۋە قوش تىللىق سىنىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ئۇيغۇر تىلى سىنىپى ۋە قوش تىللىق سىنىپلىرىنى ۋە خەنزۇ تىل سىستېمىسى بويىچە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەشكىللەپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالى يىلدىن-يىلغا ياخشىلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ۋە ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئۆتۈش نىسبىتى يۇقىرىلاۋاتىدۇ.
ھازىر ئىشەنچلىك خەۋەرلەردىن قارىغاندا بۇ مەكتەپ تۈپتىن ئۆزگەرتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ، مەكتەپنىڭ ئورنى مىللىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوشۇپ بېرىلىپ، مەكتەپنىڭ كېيىنكى نامى بولغان «3- ئوتتۇرا» ئەسلىدىكى مەكتەپنىڭ ئورنىغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىرى ھەرقايسى ئېھتىياجلىق مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. مەكتەپنىڭ نامى يوقىلىپ، ئورنى باشقا مەكتەپكە قېتىۋېتىلىپ، 67 يىللىق تارىخقا ئىگە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن تارىخقا ئايلانغىلىۋىتىپتۇ. باشقىلار مىڭ يىللىق ياكى مانچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە مەكتەپلىرىنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىدىكەن. بىزنىڭمۇ قاچان ئاشۇنداق ئۇزاق تارىخقا ئىگە چوڭراق ئوقۇل(مەكتەپ)لىرىمىز بولالاركىن؟
يەكەننىڭ ئىپتىخارى، كەڭ دائىرىدە پۈتكۈل رايونىمىزنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ يالدامىسى، 67 يىللىق تارىخقا ئىگە سابىق يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىگە قارىتا تور دۇنياسىدىن قانداق ماتېرىياللارنى تاپقىلى بولار دېگەن خىيال بىلەن گوگلىدىن ئىزدەپ باققۇم كېلىپ، «يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى»، «莎车师范学校»لارنى كىرگۈزۈپ گوگۇللىسام مەكتەپكە دائىر ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە بىرەر ئۇچۇر ئۇچرىمىدى، شۇڭا، بۇ مەكتەپنى تارىخ بەتلىرىدىنمۇ ئۈن-تۈنسىز، يوقىلىپ كەتمىسۇن، ئىزدىرەكسىز ئۆچۈپ قالمىسۇن، توردا بولسىمۇ بىرەر ئىزى قالسۇن دەپ، بۇ يازمىنى يېزىپ قويدۇم. «سەبىيلەر قەلبىدە مەخمۇت»، «سەئىدىيە باشكەنتىدە خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» ۋە «ساكرائۇل(莎车) ئوقۇللىرىدا نورۇز تەنتەنىسى» قاتارلىق پائالىيەتلەرمۇ بۇ مەكتەپنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىكى قىممەتلىك يالدامىسى بولۇپ قالغۇسى.
100 يىللىق بىرمەكتەپنى بەرپا قىلىشقا 100 يىل يەتمىسە، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بىر ھەپتىمۇ كەتمەيدىكەن.
2005- يىلى ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى ئۆزگەرتكەندە «قەشقەر مائارىپ ئىنستىتۇتى»نى خاراكتېرى تۈپتىن ماس كەلمەيدىغان «قەشقەر يېزائىگىلىك مەكتەپ»كە قوشۇۋەتمەي، خاراكتېرى تولۇق ماس كېلىدىغان «يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى» ۋە «قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپى»نى بىرلەشتۈرۈپ، 3 مەكتەپنى بىرگەۋدىلەشتۈرگەن بولسا، يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى ھېلىمۇ يەكەننىڭ پەخرى بولۇپ ساقلىنىپ قىلىپ، يەكەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ زور تۆھپە قوشۇپلا قالماي، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى دائىملىق تەربىيىسى، قوش تىللىق يەسلى مائارىپى قاتارلىق تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ زور كۈچ بولاتتى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇلغان 3 مەكتەپتىكى تەربىيىلەش پونكىتلىرى(函授站) بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇلۇپ، پۈتكۈل رايونىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقىلى بولار بولغىيمىدى دەپ ئويلاپ قالدىم. ئەمما مېنىڭ بۇنداق ئويلىغىنىم بىلەن سىياسەت تۈزگۈچىلەر بىلەن تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئۇنداق ئويلىمىسا، بۇ ئوي پەقەت شېرىن خىياللا بولۇپ قالىدىكەن . ناۋادا شۇنداق ئويلاپ قالسا ھېلىمۇ ئۈمىد بولارمىكىن؟
مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدىن يۆتكەپ كىلىندى. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|