باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

مەھمۇد قەشقەرى نامىدىكى ئۇيغۇر

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-16 12:38 مەنبەسى: بەشتاش مۇنبىرى ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەھمۇد قەشقەرى نامىدىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى ( تاھىر تاشبايېف) 20-ئەسىر چۆچەككە يېڭىچە مائارىپنى ئېلىپ كىردى. 1901-يىلى چۆچەكتىكى تۇنج
تەلەي +1
مەھمۇد قەشقەرى نامىدىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى
                             
                                                                ( تاھىر تاشبايېف)



20-ئەسىر چۆچەككە يېڭىچە مائارىپنى ئېلىپ كىردى. 1901-يىلى چۆچەكتىكى تۇنجى مەكتەپ "ئۆمەرىيە مەكتىپى" قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ھەر مىللەت تىلىدىكى يېڭى مەكتەپلەر كەينى-كەينىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى. 30-يىللارغا كەلگەندە شەھەر ،يېزىلاردا بولۇپ 40تىن ئارتۇق مەكتەپ بارلىققا كەلدى.
    مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر خەلقىمۇ باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن تەڭ ئۆزلىرىنىڭ يېڭىچە مائارىپىنى بارلىققا كەلتۈردى. 1932-يىلى چۆچەك ھاكىمى مەنسۇر ھاجى چۆچەك "تۇران"  مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ھېسام باۋىن، ئوقۇتقۇچى ۋە چۆچەك "نەشىر-مائارىپ جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى نىياز ئىسھاقى قاتارلىقلار مۇزاكىرلىشىپ ،چۆچەكتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە بىر قىزلار مەكتىپى ئېچىشقا كېلىشىدۇ. مەكتەپ نامىنى نۇرغۇن غۇلغۇلا  ئارقىلىق ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ نامىدا ئاتاش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، جىن شۇرېننىڭ مائارىپتىكى تېررورلۇق سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەكتەپ نامى قىسقارتىلىپ << مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى>> دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى چۆچەك توما كوچىسىدىكى مەھمۇد ھاجىنىڭ قورۇسىدىن 3  ئېغىزلىق ئۆي ئىجارىگە ئېلىنىپ، 2 سىنىپلىق ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى ئېچىلىدۇ . نىياز ئىسھاقىنىڭ چوڭ قىزى ماھىيە ئىسھاقى تۇنجى بولۇپ مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. مەكتەپ خىراجىتى ئاممىدىن ئىئانە توپلاش ۋە "نەشىر –مائارىپ جەمئىيىتى"نىڭ كىرىمىدىن ئاجرىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىناتتى.
    ئەينى ۋاقىتتا قىزلار مەكتىپىنى ئېچىش مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ،خەلقنىڭ يېڭىچە مائارىپقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن تەڭ باراۋەر تەرەققىي قىلىش ئارزۇسى مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.نەتىجىدە خەلق ئۆز پەرزەنتلىرىنى بەس-بەستە يېڭىچە مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتىدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى كۆپىيىپ ، ئىجارە ئالغان سىنىپلارغا پاتماي قالغاچقا،  1934-يىلى خەلقتىن توپلانغان ئىئانە بىلەن ئايرىم بىر مەكتەپ سېلىنىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا "نەشىر-مائارىپ جەمئىيىتى" تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان "بىزنىڭ تاۋۇش" گېزىتىنىڭ 1934-يىل 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى سانىدا مەكتەپ سېلىشقا ئالاھىدە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن ھاكىم مەنسۇر ھاجى ۋە  ئىگەمبەردى خەلپەت قاتارلىق كىشىلەرگە گېزىت يۈزىدە رەھمەت ئېيتىلغان.مەكتەپ قۇرۇلۇشى شۇ يىلى پۈتۈپ ئوقۇش باشلانغان . بۇ چاغدا مەكتەپ كۆلىمى تېخىمۇ كېڭىيىپ ، ئوقۇغۇچىلار سانى ئاشقانلىقتىن ، ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىققان . شۇڭا "نەشىر-مائارىپ جەمئىيىتى" 1934-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇران مەكتىپىدە يىغىن ئېچىپ ، << مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى>> نىڭ ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، تۇران مەكتىپىدە 2 ئايلىق ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش كۇرسى ئېچىش ، كۇرستا تۇران مەكتىپىنىڭ دەرس پىروگراممىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كۇرسنىڭ دەرس پروگراممىسىغا قوشۇمچە پىسخولوگىيە ، مېتودىكا دەرسىنى قوشۇپ ئۆتۈش قارار قىلىنىدۇ. بۇ دەرسلەرنى ئۆتۈشكە نىياز ئىسھاقى، تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆتۈشكە ھېسام باۋىن، ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆتۈشكە ئىبراھىم بېكبولات، تارىخ ۋە جۇغراپىيە دەرسىنى ئۆتۈشكە خېلىل، دىن دەرسى ۋە قىرائەت ئۈچۈن سالىھ ھەزرەتلەر تەيىنلەنگەندىن سىرت، خەنزۇ تىلى دەرسىگە مۇۋاپىق ئادەم تېپىش قارار قىلىنىدۇ. ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىراجىتىنى ھاكىم مەنسۇر ھاجى ئۆز يېنىدىن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دەرسلىكلەر سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگۈزۈلۈپ، " بىزنىڭ تاۋۇش" نەشرىيات شىركىتىدە كۆپەيتىپ بېسىلغان، بىر قىسىم دەرسلىكلەرنى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى تۈزۈپ باستۇرغان.
1935-،1936-يىللىرى چۆچەك ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى مەكتەپلەرنى نومۇر تەرتىپى بويىچە ئاتاشنى يولغا قويۇپ، << مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى>> نى " چۆچەك ۋىلايەتلىك ئىپتىدائى قىزلار مەكتىپى" دەپ ئاتىغان.
ئوقۇغۇچىلار سانى يىلسېرى كۆپىيىپ، ئەسلىدىكى مەكتەپكە سىغىشماي قالغاچقا، 1945-يىلى 9-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى چۆچەك ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسى بۇ مەكتەپنىڭ ئورنىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىتتىپاق يولى 149-قورۇدىكى چىڭخۇاڭمىياۋ بۇتخانىسىغا يۆتكەشنى قارار قىلغان. مەكتەپ ئورنىنىڭ كۆلىمى 6720 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل ھېسابى بويىچە 1 مىليون 600 مىڭ دوللار بولغان.
ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى 1946-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بويىچە" مەھمۇدىيە" مەكتىپىنىڭ نامىنى << مەھمۇت قەشقەرى نامىدىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى>> دەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپ ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى مەكتەپ بولۇپ قالغان.
1946- يىلى10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى بۇ مەكتەپنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ئۇ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە :" كىشىلىك جەمىيەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ مېھنىتىدىن پەخىرلىكرەك مېھنەت يوقتۇر. چۈنكى ئالىم، مۇتەخەسسىس، يازغۇچى، قوماندان، جەمىيەت ۋە دۆلەت ئەربابلىرى ھەم باشقىلار ئوقۇتقۇچى مېھنىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر....ياش-ئۆسمۈرلەرگە بېرىلىدىغان تەربىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا قارىتىلغان بولۇشى، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز تەلىم-تەربىيىنىڭ سىياسىي يۆنۈلىشىنى چۈشەنگەن بولۇشى لازىم" دېگەن. بۇ سۆز ئوقۇتقۇچىلار ئەمگىكىگە بېرىلگەن يۇقۇرى باھا بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مائارىپ يۆنۈلىشىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەردى. شۇڭا << مەھمۇت قەشقەرى مەكتىپى>> ۋە باشقا مەكتەپلەر بۇ سۆزنى چوڭ پىلاكاتلارغا يېزىپ مەكتەپ زالىنىڭ سەھنىسىگە ئېسىپ قويغان.   
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تېز تەرەققى قىلغان. چۈنكى ئازادلىققا ئېرىشكەن ھەر مىللەت خەلقى نادانلىق سىرتمىقىدىن قۇتۇلۇشقا تەقەززا بولۇپ، ئىختىيارى ھالدا ئاكتىپلىق بىلەن مائارىپ ئۈچۈن ئىئانە توپلىغان. ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆشرە-زاكات كىرىمىنىڭ بىر قىسمى مالىيە ئارقىلىق مائارىپقا ئاجرىتىپ بېرىلگەندىن سىرت، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مالىيە كىرىمىنىڭ %23.5ى مائارىپقا ئاجرىتىپ تۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئەينى يىللاردا ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ قارمىقىدا ئاتا-ئانىلار كومىتېتى قۇرۇلغان، بۇ كومىتېت مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى چۆچەك ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ تەستىقى بىلەن 1945-يىلى 12-ئايدا شەھەر ۋە يېزا مەكتەپلىرى قارمىقىدا قۇرۇلغان ئاتا-ئانىلار كومىتېتى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىزمەت قوللانمىسى تۈزۈپ ئېلان قىلدى.
<< مەھمۇت قەشقەرى مەكتىپى>> 30-يىللاردىكى ئىپتىدائى مەكتەپتىن تەرەققى قىلىپ 40-يىللارغا كەلگەندە مۇنتىزىملاشقان ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچى سانى 200 دىن ئاشقان. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى مۇنتىزىم مەكتەپلەر قاتارىدا بولۇپ، پروگراممىلار پىلان بويىچە ئورۇندىلىپ تۇرغان. ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ جەمىيەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن. 1946-يىلى 8-ئايدا چۆچەكتە ئېچىلغان ئوقۇتقۇچىلار يىغىنىدا 1945-1946-ئوقۇش يىلىدىكى خىزمەتلىرىنى باھالاشتا << مەھمۇت قەشقەرى مەكتىپى >> 2-دەرىجىدە باھالانغان.
1948-يىلى 8-ئايدا 3-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى ناھىيىلىك مائارىپ بۆلۈملىرى بىلەن چۆچەك شەھەر ئىچى مەكتەپلىرى قاتناشقان كۆرگەزمە چۆچەكتە ئېچىلغان. كۆرگەزمىگە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئىشلىگەن دىئاگرامما، خەرىتە، رەسىم، كارىكاتۇرا ۋە تام گېزىتلىرى قويۇلغاندىن سىرت، سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئەخمەت ئەپەندى، خەلق قەھرىمانلىرى ۋە بۈيۈك پەن ئالىملىرىنىڭ ئالاھىدە ئۇستىلىق بىلەن سىزىلغان رەسىملىرىمۇ قويۇلغان بولۇپ، كۆرگۈچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى باھالاشتا <<  مەھمۇت قەشقەرى نامىدىكى قىزلار مەكتىپى>>مۇ باشقا مەكتەپلەر قاتارىدا ئەلا باھالانغان. ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتا مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ناجىيە خانبابايىۋا ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ تەقدىرنامىسى بىلەن، ساپۇرا مەخمۇدىۋا ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەقدىرنامىسى بىلەن مۇكاپاتلانغان. 1946-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەپلەر ئارا سەنئەت كۆرىكىدە << مەھمۇت قەشقەرى مەكتىپى>> نىڭ ئوقۇغۇچىسى مەريەم بىرىنچى بولدى، ساپۇرا مەخمۇدىۋا مۇنەۋۋەر ئارتىستكا بولدى. 1948-يىلى يازدا ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ، << مەھمۇت قەشقەرى مەكتىپى >> ئەينى ۋاقىتتا چۆچەكتە تۇرۇشلۇق ئاتاقلىق كومپوزىتور ئابدۇرېھىم ئەخمەدىگە مۇزىكا ئىشلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئايرۇپىلان شەكلىدە تىزىپ، مەلۇم ھەرىكەت كۆرسىتىپ مەيدانغا كىرگەندە پۈتكۈل مەيدان ئەھلى ھاڭ-تاڭ قالغان. مۇشۇ قېتىملىق مۇسابىقىدا << مەھمۇت قەشقەرى مەكتىپى >> بىرىنچى بولغان. 1949-يىلى مەكتەپلەرنى باھالاشتا << مەھمۇت قەشقەرى مەكتىپى>> بىرىنچى بولۇپ باھالىنىپ، مۇدىر مەريەم تۇردىبايىۋاغا "ساداقەت " مېدالى بېرىلگەن.
1947-يىلى چۆچەك ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى چۆچەك شەھىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئېچىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن << مەھمۇت قەشقەرى مەكتىپى>> دە 22 كىشىلىك ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش كۇرسى ئاچقان. 1947-1948-ئوقۇش يىلىدا بۇ مەكتەپتە ئۈچ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ( ئۇيغۇر ئوغۇللار 6-سىنىپى، قازاق ئوغۇللار 6-سىنىپى، ئۇيغۇر،قازاق، باشقا مىللەت قىزلىرى ئارىلاش ئوقۇيدىغان قىزلار 6-سىنىپى) ئېچىلغان. بۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن 1948-1949-ئوقۇش يىلىدا باشقا مەكتەپتە ئېچىلغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، << چۆچەك گىمنازىيىسى>> ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. دېمەك، ئۇ بىر ئىپتىدائى قىزلار مەكتىپىدىن تەرەققى قىلىپ ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان مەكتەپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن.
مەزكۇر مەكتەپ ئەينى يىللاردا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ياخشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقۇرى سەۋىيەلىك باشقا زىيالىلارنى مەكتەپكە دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلغان . شۇ يىللاردا چۆچەك ۋە پۈتۈن شىنجاڭدا داڭلىق زىيالىلاردىن سەيپىدىن ئەزىزى، نىياز ئىسھاقى، ھېسام باۋىن، خەمىت ۋەكىلى، مىر تۆمۈر جامالى قاتارلىقلار دائىم << مەھمۇت قەشقەرى مەكتىپى>> گە كېلىپ مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى ئۆتۈپ تۇرغان.
بۇ مەكتەپكە مۇدىر بولغانلار: ماھىيە ئىسھاقى(1932-1943)، مۇھەببەت نەزەرىۋا(1943-1944)، مۇقەددەس غۇلامقارى(1944-1945)، مەرزىيە ئەخمەتىۋا(1946-1947)، مەريەم تۇردىبايىۋا(1947-1952)، ساپۇرا مەخمۇدىۋا(1952-يىل 5-ئايدىن 9-ئايغىچە) .
<< مەھمۇت قەشقەرى مەكتىپى >>نىڭ  چۆچەكنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى خەلق ناھايىتى يۇقۇرى باھالايدۇ، شۇڭلاشقىمۇ 1950-يىلى غەربى شىمالدىكى بەش ئۆلكە بويىچە شىئەن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-قېتىملىق ياشلار يىغىنىغا تارباغاتاي ۋىلايىتىدىن بارغان بەش ۋەكىلنىڭ ئىككىسى مۇشۇ مەكتەپتىن  سايلانغان . يەنە شۇ يىلى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى پەرىدە شەرىپىۋا چېخسلوۋاكىيىنىڭ پايتەختى پراگادا ئېچىلماقچى بولغان دۇنيا ياشلار فېستىۋالىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشىدۇ.
1952-يىلى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى چۆچەكتىكى مەكتەپلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، ھەرقايسى مىللەت مەكتەپلىرىدىكى ئوغۇللار سىنىپلىرىنى يىغىپ، ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە يېڭىدىن مەكتەپ بىناسى سالىدۇ. ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى قىزلار تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنى قۇرۇپ چىقىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، رەت نومۇرى بويىچە ئاتاشنى يولغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر مائارىپى ئۈچۈن 20 يىل تۆھپە قوشقان << مەھمۇت قەشقەرى نامىدىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى >> ئۆزىنىڭ تارىخى بۇرچىنى تاماملايدۇ.
  مەنبە:" شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى" 2000-يىل 1-سان
 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر