يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىمىزدە تارقىتىلغان ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى
ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى : سانائەت ، يېزا ئىگىلىگىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تاۋار ئوبروتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاممىغا قولايلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق جۇڭگو خەلق بانكىسى 1962–يىل 20–ئاپرىلدىن باشلاپ ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنى تارقاتقان بولۇپ ، ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى بىلەن ئىككىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىىڭ سېلىشتۇرما باھاسى 1:1بولىدۇ ، يەنى ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى بىلەن ئىككىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ سوممىسى تەڭ ، بازاردا ئارلاشما ئوبروت قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن . ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ سوممىسى بىر مولۇق ، ئىككى مولۇق ، بەش مولۇق ، بىر يۈەنلىك ، ئىككى يۈەنلىك ، بەش يۈەنلىك ،10يۈەنلىكتىن ئىبارەت يەتتە خىل پۇل تۈرىدە ئىككىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى قوللىنىلغان . 1980–يىل15–فېۋرال گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن جۇڭگو خەلق بانكىسى بىر مولۇق ، ئىككى مولۇق ، بەش مولۇق ، بىر يۈەنلىكتىن ئىبارەت تۆت خىل مېتال پۇل تارقىتىلغان بولۇپ ، بۇ تۆت خىل مېتال پۇل ئەينى ۋاقىتتا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە سېتىپ بېرىلىپ ، تاشقى پىرىۋوت كىرىمى كۆپەيتىلگەن .دۆلەت ئىچىدە بولسا سىمۋول خاراكتېرلىك تارقىتىلغان . شۇنىڭ بىلەن 18 يىللىق تەڭشەش ۋە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىدا جەمئىي يەتتە خىل سوممىدا ، 13خىل نەشر ئايرىمىسىدا بىر مولۇقتىن تۆت خىل ، ئىككى مولۇقتىن ئىككى خىل ، بەش مولۇقتىن ئىككى خىل ، بىر يۈەنلىكتىن ئىككى خىل ، ئىككى يۈەنلىكتىن بىر خىل ، بەش يۈەنلىكتىن بىر خىل ۋە 10يۈەنلىكتىن بىر خىل تارقىتىلغان . 1960–يىل 20–ئاپرېل تارقىتىلغان خەلق پۇلى تۆت خىل سوممىدا بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 1956–يىللىق نەشردىكى قوڭۇر رەڭلىك بەش يۈەن ئىككىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەت پۇل تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بىراق 1960–يىللىق نەشردىكى چىلان رەڭلىك بىر مو ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ تارقىتىلىشقا باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ . 1964–يىلى15–ئاپرېل قېنىق يېشىل رەڭلىك ئىككى يۈەن ۋە قارامتۇل يېشىل رەڭلىل ئىككى مولۇق پۇل بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلغان . 1962–يىللىق نەشىردىكى بىر مولۇق پۇلنىڭ تەتۈر يۈزىدىكى رەڭ بىلەن 1962–يىللىق نەشردىكى ئىككى مولۇق پۇلنىڭ تەتۈر يۈزىدىكى رەڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا پەرقلەندۈرمەك تەس بولغان .شۇڭا 1967–يىل 15–دېكاربىر 1962–يىللىق نەشىردىكى بىر مولۇق پۇلنىڭ تەتۈر يۈزىدىكى رەڭ تەڭشىلىپ ، 1962–يىللىق نەشىردىكى بىر مولۇق پۇل يېڭىۋاشتىن تارقىتىلىپ ، ئۇنىڭ رەڭگى قېنىق قوڭۇر رەڭ ۋە سۇس يېشىل رەڭدىن جىگەر رەڭ ۋە قوڭۇر سېرىق رەڭگە ئۆزگەرتىلگەن .1974–يىل1–يانۋار تارقىتىلغان 1972–يىللىق نەشردىكى مەش مولۇق پۇل ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر نەشرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ لاھىيەسىدە ئېلىمىز خەلق ئىگىلىگىنىڭ يېزا ئىگىلىگىنى ئاساس ، سانائەتنى يېتەكچى قىلىدىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ ، ئىككىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ تېخنىكىلىق ئەنئەنىسى ۋە ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىنغان ھەم جارى قىلدۇرۇلغان بولۇپ ، ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇپ ، سومما قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق ، قەغەز ۋە تەڭگە پۇل تۈرىنىڭ مول بولۇشى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن . دېمەك ، ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ئېلىمىز ئۆزى لاھىيەلىگەن ۋە تەتقىق قىلىپ پۇل بېسىش ئۈسكۈنىسىدە بېسىپ چىقارغان پۇل بولۇپ ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ پۇل تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئېلىمىزنىڭ پەن تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە دۆلەت ئەھۋالىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن ، بۇ ئېلىمىزنىڭ بېسىش سانائىتىدە ئۈزىگە ئۈزى خوجا بولۇپ ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتىكى يېڭى دەۋىرنىڭ مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ . بۇ خەلق پۇلى 60–يىللاردا تارقىتىلغاندىن بۇيان ، 80–يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ئوبروت قىلىنغان ، 90–يىللارنىڭ باشلىرىدىمۇ بازاردا بىر قىسمى ئوبروت قىلىنغان ، شۇڭا بۇ پۇل ئوبروت بۇلۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر يۈرۈش خەلق پۇلى بولۇپ ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان .
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|