باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

چاق ۋە يىپ ئېگىرىش

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-08 14:54 مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
80 سانتىمېتىرلىق تاختاينىڭ بىر بېشىغا 50 سانتىمېتىرلىق ئىككى ياغاچ 10 سانتىمېتىر ئارىلىق قويۇلۇپ ئورنىتىلىدۇ، يەنە بىر بېشىغا 20 سانتى

چاق ۋە يىپ ئېگىرىش

 

بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار

 

   ئۇيغۇر ئاياللىرى ئائىلە ئىشىدىن بوشىغاندا، چاقتا پاختىدىن يىپ ئېگىرىپ، ئائىلىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئاياللار خاس يىپ ئېگىرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بەزى يۇرت   مەھەللىلەردە چاقتا يىپ ئېگىرىش كەسىپلەشكەن بولۇپ، كەسىپكارلار توپلىشىپ يىپ ئېگىرىدۇ. توپلىشىپ يىپ ئېگىرىش تولىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، ئونلىغان ھەتتا يۈزلىگەن چاقتىن چىققان ئاۋاز بىلەن ئاياللارنىڭ جۆر بولۇپ ئېيتقان  مۇڭلۇق ناخشىلىرى كىشىنى ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلىدۇ. ھەرقانداق بازاردا خاس يىپ بازىرى بولۇپ، ئۇلار ئېگىرگەن يىپلىرىنى ئاشۇ بازاردا ساتىدۇ ۋە پاختا سېتىۋالىدۇ.

   چاق _ چاق ياسىغۇچىلار تەرىپىدىن ياغاچتىن ياسىلىدۇ. 80 سانتىمېتىرلىق تاختاينىڭ بىر بېشىغا 50 سانتىمېتىرلىق ئىككى ياغاچ 10 سانتىمېتىر ئارىلىق قويۇلۇپ ئورنىتىلىدۇ، يەنە بىر بېشىغا 20 سانتىمېتىرلىق ئىككى ياغاچ  ئارىلىقتا يىپ تۇرغۇدەك قىلىپ تۇرغۇزۇلىدۇ. سەككىزدىن ئون ئالتە چىشلىق قىلىپ ياسالغان يۇمۇلاق ئىككى چاق پۇزا شەكىللىك ئوقنىڭ ئىككى تەرىپىگە بېكىتىلىپ، چاقنىڭ قارىمۇ قارشى چىشلىرى يىپ بىلەن ئۇدۇل چېتىلىدۇ ۋە چاق بىلەن يىك ئارىلىقىغا ئۆلچەم بويىچە تاناپ بېكىتىلىدۇ. بۇ تاناپ چاق بىلەن يىكنى ئايلاندۇرىدىغان تاسمىلىق رولىنى ئوينايدۇ.

   يىپ ئېگىرىش: ئۇچ قىلىنغان پاختىنىڭ بىر ئۇچىدىن بىر غېرىچ يىپ ئېشىلىپ، يىك ئۇچىغا ئىلىنىپ، ئوڭ قول بىلەن چاق ئايلاندۇرۇلىدۇ، سول قولدا پىلتە پاختا سوزۇلىدۇ. يىپ ئېشىلىپ بىر غۇلاچ بولغاندا، چاق ئوقى ئارقىغا ياندۇرۇلۇپ، ئېشىلگەن يىپ يىككە يۆگىلىدۇ. يىپ ئېگىرگۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، يىك بىردەمدىلا توشىدۇ. ئاندىن يىكتىكى يىپ قومۇشقا چاق بىلەن ئورىلىپ كاللەكلىنىدۇ، قومۇشقا توشقان بەلگىلىك مىقداردىكى يىپ بازارغا تەييار بولغان بولىدۇ.

   يېزىلاردا چاقتا يىپ ئېگىرىش قوشۇمچە ھۈنەر   كەسىپ بولغاچقا، خەلقىمىزدە مەخسۇس « يىپ ئېگىرىش ناخشىسى» بار بولۇپ، ئۇنىڭدا چاقچىلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە بۇ ئەمگەكنىڭ جەريانلىرى ئوبرازلىق ئەكس ئېتىدۇ. 

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر