باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئەنئەنىۋى ئويۇن — خوراز سوقۇشتۇرۇش

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-07 15:24 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
خوراز سوقۇشتۇرۇش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئۆزگىچ

ئەنئەنىۋى ئويۇن — خوراز سوقۇشتۇرۇش

 

ئۆمەرجان سىدىق

horaz,sokux,uyghur,خوراز،سوقۇش،ئەنئەنە،ئۇيغۇر

 

    خوراز سوقۇشتۇرۇش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىمۇ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان مۇھىم بايلىقتۇر. بۇ ئويۇن ئادەتتىكى كۈنلەردە ئوينىلىشتىن تاشقىرى مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملاردىمۇ ئوينىلىدۇ. 

 

    خوراز سوقۇشتۇرغۇچىلار ئاۋۋال سوقۇشقاق توخۇنىڭ نەسلىدىن چۈجە خوراز تاللايدۇ ۋە ئۇنى تۈجۈپىلەپ بېقىپ، ئاستا ئاستا سوقۇشۇشنى ئۆگىتىدۇ. خەلق ئارىسىدا ‹‹كەپتەر بېسىپ چىقارغان چۈجە سوقۇشقاق بولىدۇ›› دەيدىغان قاراش بولغاچقا، بىر قىسىم توخۇۋازلار تۇخۇمنى كەپتەرگە بېسىپ چىقارتىپ، ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. تۇرپان، پىچاننىڭ ‹‹لوڭ توخۇ›› دەپ ئاتىلىدىغان توخۇسىنىڭ خورىزى ناھايىتى داڭلىق، بۇنداق خورازلار تۇغما ئۇرۇشقاق كېلىدۇ. بۇ خورازلارنىڭ تاجىسى كىچىك، تۇمشۇقى بۈركۈتنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشاش ئىلمەك بولىدۇ. پۇتى توم، دۇكۈرۈكى چوڭ، كۆكرىكى كەڭ بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 60 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تۆت بەش كىلوگرام كېلىدۇ. شۇڭا شىنجاڭنىڭ جاي جايلىرىدىكى توخۇۋازلار تۇرپان، پىچانغا كېلىپ، بۇنداق توخۇلارنىڭ چۈجىلىرىنى سېتىۋېلىپ، يۇرتلىرىغا ئاپىرىپ بېقىپ سوقۇشتۇرۇشقا سالىدۇ.

ئادەتتە، خوراز سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن يۇمىلاق، ئالاھىدە سورۇن تۈزۈلىدۇ. ئادەملەر سورۇننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تاماشا كۆرىدۇ. خورازلار مەيدانغا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن سوقۇشتۇرۇش باشلىنىدۇ. ئادەتتە، ئىككى خورازنىڭ سوقۇشىشى قىسقا بولغاندا بىر نەچچە مىنۇتقىچە، ئۇزاق بولغاندا ئۈچ تۆت سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ. ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمىگەن خوراز يا قاچىدۇ ياكى يېتىۋالىدۇ. بۇ يېڭىلگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى خورازلار يىقىلىپ ئۆلگەنگە قەدەر توختىماي سوقۇشىدۇ.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر