باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئائىلىۋى تۈگمەن — يارغۇنچاق

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-07 15:23 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
يارغۇنچاقنىڭ قۇرۇلمىسى سۈپەتلىك تاراشلانغان، دىئامېتىرى 60 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر جۈپ تۈز يۈزلۈك تاش ئاستى – ئۈستى ھالەتتە مۇئەي

ئائىلىۋى تۈگمەن — يارغۇنچاق

 

قۇربانجان ئابلىكىم ئىمىن

 

    ئەجدادلىرىمىز قەدىمدە زىرائەت دانلىرى(بۇغداي، قوناق، تېرىق، ئارپا، پۇرچاق ماش قاتارلىق)نى ئۆز پېتى ۋە ھەر خىل ئۇسۇلدا ئېزىپ ئىستېمال قىلىش جەريانىدا قۇلايلىق ھەم دانلارنى ئۇن قىلغىلى بولىدىغان يارغۇنچاقنى ئىجاد قىلغان. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ قىممەتلىك مىراسى رايونىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا ھېلىھەم ئىشلىتىلمەكتە.

    يارغۇنچاقنىڭ قۇرۇلمىسى سۈپەتلىك تاراشلانغان، دىئامېتىرى 60 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر جۈپ تۈز يۈزلۈك تاش ئاستى ئۈستى ھالەتتە مۇئەييەن ئارىلىق قويۇلۇپ، تاشنىڭ ئوتتۇرىسىغا قوزۇق قېقىلىدۇ (بۇ قوزۇق ئاستى تەرەپكە مەھكەم ئورنىتىلىدۇ) ۋە ئۈستۈنكى تاشنىڭ قىرغىقىنىڭ بىر تەرىپىگە(تۆپە تاشنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن) ئون سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە تۇتقۇچ ئورنىتىلىپ، بۇغداي، قوناق، ئارپا قاتارلىقلارنىڭ دانلىرى ئۈستۈنكى تاشنىڭ ئوتتۇرىسىغا قېقىلغان قوزۇقنىڭ يېنىدىكى بوشلۇققا سېلىنىدۇ. ئۇن تارتقۇچى يارغۇنچاقنى بىرخىل يۆنىلىش بويىچە تۇتقۇچنى تۇتۇپ چۆرۈيدۇ. مۇشۇنداق چۆرۈشتە ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدىكى دان بېسىم ۋە سۈركۈلۈشتە ئېزىلىپ ئۇن ھالىتىگە كېلىدۇ. كېيىن بۇ ئۇن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، يىرىكلىرى يەنە يارغۇنچاققا سېلىنىپ يەنە شۇ ئۇسۇلدا يانچىلىدۇ. ئاخىرىدا تاسقىلىىپ قالغان كېپەك چارۋا ماللارغا يەم قىلىنىدۇ. تاش يارغۇنچاق ئاددىي بولۇپ، ئىشلىتىشكە قولايلىق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شۇ ئۇسۇلدا بادام، ئۆرۈك مېغىزلىرىدىن تالقان تەييارلاشقىمۇ بولىدۇ.

    يارغۇنچاقتا تارتىلغان ئۇننىڭ سۇ تەركىبى ئاز ياكى يوق دېيەرلىك، سۈپەتلىك، يۇمشاق، تەبىئىي بولىدۇ. بۇنداق ئۇندىن تەييارلانغان ياسالمىلار ئاسان قېتىپ قالمايدۇ.

    يارغۇنچاقنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ۋە بۈگۈنكى تەرەققىياتى ھەققىدە دىيارىمىزدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرساق، يېڭى تاش قوراللار ۋە بىرونزا قوراللار دەۋرىگە تەئەللۇق ھەر خىل تاش يارغۇنچاق ۋە ئۇنىڭ پارچىلىرى دىيارىمىزنىڭ جەنۇب شىمالىدىن كۆپ تېپىلغان. ئىسراپىل يۈسۈپ، ئەنۋەر قاسىم ئاپتورلىقىدىكى ‹‹غەربى يۇرت يېمەك ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى›› دېگەن كىتابتا ئەڭ دەسلەپ كەشىپ قىلىنغان يارغۇنچاق تاش توقماقچە بىلەن دان ئېزىدىغان يارغۇنچاق بولۇپ، ئۇ يېڭى تاش قورال دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. بۇنداق يارغۇنچاق ئاساسىدا بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000 4000 يىللار ئىلگىرى ئىلغارراق يارغۇنچاق (يىرىكرەك ئۇن چىقىرىدىغان) بارلىققا كەلگەن›› دەپ يېزىلغان. بىز بۇلاردىن تاش يارغۇنچاقنى ئىشلىتىش تارىخىنىڭ ناھايىتى ئۇزاقلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىراق، بۇنداق يارغۇنچاقنىڭ ئىش سۈرئىتى ئاستا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشتەك يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش مەقسىتىدە ئىجادكار ئەجدادلىرىمىز دىيارىمىزنىڭ ئەۋزەل سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئەمگەك سەرپىياتى ئازراق، ئۇن چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى سۇ تۈگمىنىنى كەشىپ قىلغان. ھازىر كىشىلىرىمىز زامانىۋى توك تۈگمەنلىرىدىن پايدىلانماقتا.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر