باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

Windows XP نى كەڭ دائىرىدە تېزلىتىش

يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-22 13:44 مەنبەسى: ئاپتورى: ئىخلاس كۆرۈلۈشى: قېتىم
Windows XP نى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنىڭ مەسلەن توردىكى قوشنام ، سېستىما تاقاش ... قاتارلىق تەرەپلەردە Windows 9x دەك تىز ئەمەسلى

 

Windows XP نى كەڭ دائىرىدە تېزلىتىش

 

Windows XP نى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنىڭ مەسلەن توردىكى قوشنام ، سېستىما تاقاش ... قاتارلىق تەرەپلەردە Windows 9x دەك تىز ئەمەسلىكىنى بايقايمىز ، تۆۋەندە بىر قانچە تەرەپلەر بويىچە سېستىمىنى تىزلىتىش جەريانىنى تۇنۇشتۇرىمەن .

1 . توردىكى قوشنام (网上邻居) نى تېزلىتىش
Windows XP دا توردىكى قوشنامنى زىيارەت قىلىش بەكلا ئاستا ، سېستىما ئۆزىنىڭ ھەمبەھىر (共享) مۇندەرىجىلىرىنى ، توردا ھەمبەھىرلەنگىلى بولىدىغان پىرىنتىرلارنى ۋە تورغا مۇناسىۋەتلىك پىلان ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئىزدەپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن كۆرسىتىدۇ . ئېنىقكى بۇنداق بولغاندا سۈرەت Windows 9x قا قارىغاندا كۆپ ئاستا بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە بىز بۇ ئىقتىدارنى ئادەتتە ئىشلىتىپ كەتمەيمىز ، شۇڭا بۇلارنى ئۆچۈرۋەتسەكمۇ بولىدۇ ، بۇنداقتا سۈرەت كۆرۈنەرلىك تىزلىشىدۇ .
ئۇسۇلى : ئىجرا قىلىشقا
regedit نى يېزىپ ئىجرا قىلىپ تىزىملاش بۇيرۇقىنى ئاچىمىز ، HKEY_LOCAL_MACHINE/sofeware/Microsoft/Windows/ Current Version/Explore/RemoteComputer/NameSpace بويىچە يايغاندىن كىيىن شۇنىڭ ئاستىدىكى {2227A280-3AEA-1069-A2DE08002B30309D} (پىرىنتىر) ، {D6277990-4C6A-11CF8D87- 00AA0060F5BF} (پىلان ۋەزىپىسى) قاتارلىقلارنى ئۆچۈرۋېتىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن توردىكى قوشنامنى قايتا زىيارەت قىلىپ بېقىڭ .

2 . سېستىما قوزغالغاندىكى سىيرىلما كونۇپكىنىڭ ۋاقتىنى قىسقارتىش
كومپيۇتېر ھەر قېتىم قوزغالغاندا بىر كۆك رەڭلىك سىيرىلما كونۇپكا بىر قانچە قېتىم ئوڭ - سولغا سىيرىلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ۋاقتىنى قىسقارتىشقا بولىدۇ ، بۇنىڭ ئۇسۇلى ئىجرا قىلىشقا
regedit نى يېزىپ تىزىملاش جەدۋىلىنى ئاچقاندىن كىيىن HKEY_LOCAL_MACHINESYSTEMCurrentControlSetControlSession ManagerMemory ManagementPrefetchParameters دېگەن تۈرلەر بويىچە يايىمىز ، ئوڭ تەرەپتىن EnablePrefetcher دېگەن كونۇپكىنى تېپىپ ، ئۇنىڭ قىممىتىنى 3 دىن 1 گە ئۆزگەرتىۋېتىمىز ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەركەتلىنىش ۋاقتى قىسقىرايدۇ .

3 . سېستىما تاقىلىش تېزلىكىنى ئاشۇرۇش
XP نى تاقىغاندا سېستىما ئىجرائى پروگرامما ۋە يىراق مۇساپىلىك مۇلازىمىتىرلارغا سېستىما تاقاش ئۇچۇرى يوللايدۇ ۋە ئىنكاس تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن ئاندىن سېستىمىنى تاقاشقا باشلايدۇ ، ئەگەر بۇ ۋەزىپىنى ئاپتۇماتىك ئاخىرلىشىدىغان قىلىپ قويساق ، سېستىمىنىڭ تاقىلىش ۋاقتىنى قىسقارتالايمىز .
ئۇسۇلى : تىزىملىك جەدىۋېلىنى
HKEY_CURRENT_USERControl PanelDesktop بويىچە يېيىپ AutoEndTasks نىڭ قىممىتىنى 1 قىلىپ بەلگىلەيمىز ، ئاندىن يەنە مۇشۇ تۈر ئاستىدىكى ، HungAppTimeout نىڭ قىممىتىنى 4000 ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك قىلىمىز ، كۆڭۈلدىكى قىممىتى 50000 ئاخىرىدا HKEY_LOCAL_MACHINE SystemCurrentControlSetControl بۇيىچە ئېچىپ WaitToKillServiceTimeout نىڭ قىممىتىنى 4000 قىلىپ بەلگىلىسەك سېستىمىنىڭ تاقىلىش سۈرىتىنىڭ كۆرنەرلىك تىزلەشكەنلىكىنى بىلەلەيمىز .

4 . كەڭ بەلباغ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش
كەسپى نۇسخىدىكى
Windows XP دا كەڭ بەلباغنىڭ %20 قىسمى ساقلانغان ھالەتتە يەنى ئشىلىتىشنى چەكلىگەن ھالەتتە بولىدۇ ، ئەگەر بىز بۇ %20 قىسىمنىمۇ تولۇق ئېچىۋەتسەك بۇنىڭ تورغا چىققۇچىلار ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بولىدۇ .
ئۇسۇل : باشلاش تىزىملىكىدىن ئىجرا قىلىشقا
gpedit.msc نى يېزىپ سىتىراتىگىيە تەھرىرلەش رايۇنىنى ئاچىمىز ، ئاندىن ‹‹ كومپيتۇتېر تەڭشىكى (计算机配置) -- قىلىپ باشقۇرۇش(管理模板) -- تور -- QoS ئۇچۇر خالتىسى تەڭشەش پروگراممىسى (QoS数据包调度程序) ›› بويىچە قوزغىتىپ ئوڭ تەرەپتىكى ‹‹ ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغان كەڭ بەلباغنى چەكلەش ›› (限制可保留带宽) نى تاللاپ ئۇنىڭ خاراكتىرىنى ئېچىپ ‹‹چەكلەش›› (禁用) نى تاللاپ قويساق بولىدۇ . بۇنداق بولغاندا تورغا چىققۇچىلارغا خېلى كۆپ پايدىسى بولىدۇ

تەھىرلىگۇچى:admin

ئىخلاسنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئوماق قوزام] روس مودىل بالىلار، بەك ئوماق [ 2011-11-22 13:53:26 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] Autorun.inf نى ئۆچۈرۈش [ 2011-11-22 13:49:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇر خانلىرى ۋە خانلىقلىرى [ 2011-11-22 13:48:21 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئېلى دېھقانلار ئىنقىلابى ھەققىدە [ 2011-11-22 13:47:22 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيوتىر تېزلىتشتكى يېڭى تېخنكا [ 2011-11-22 13:46:19 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] لازىملىق كومپيوتېر بىلملىرى [ 2011-11-22 13:45:17 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] Windows XP نى كەڭ دائىرىدە تېزلىتىش [ 2011-11-22 13:44:09 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك كومپيۇتېر بىلىملىرى [ 2011-11-22 13:42:39 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيتى [ 2011-11-22 13:37:34 ]
[تارىخى بىلىملەر] مىللى ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇشلىرى [ 2011-11-22 13:32:07 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئىخلاس تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-11-02 20:11 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-12-02 13:12
تەۋسىيەلەر