باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى ۋە ئۇنىڭد

يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-23 15:43 مەنبەسى: ئاپتورى: مۇبارەك كۆرۈلۈشى: قېتىم
يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى بىر خىل مۇرەككەپ پىسخىكىلىق كېسەل ئىكەن. ھازىر بەزى كىشىلەردە يان تېلېفون بولمىسا ئىچى پۇشىدىغان

يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش 

 
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى بىر خىل مۇرەككەپ پىسخىكىلىق كېسەل ئىكەن. ھازىر بەزى كىشىلەردە يان تېلېفون بولمىسا ئىچى پۇشىدىغان، سىقىلىدىغان روھىي ھالەت شەكىللەنمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىقى، خىزمەت ئېھتىياجى ياكى تۇرمۇش ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، يان تېلېفون ئىقتىدارىنىڭ كۆپ خىللىشىشىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. يان تېلېفون ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ يان تېلېفوندا پاراڭلىشىش، ئالاقە قىلىش، تورغا چىقىش، ئويۇن ئويناش ۋاقتى كۆپەيگەچكە، ئىختىيارسىز بۇنداق پىسخىكىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدىكەن.
ئالاھىدە ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، سۈرەتكە تارتىش، سىن ئېلىش، مىكرو بىلوگلارغا يازما يوللاش، دوست ئىزدەش، توردىن مال سېتىۋېلىش... قاتارلىق مەشغۇلاتلار يان تېلېفوندىلا بېجىرىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭغا يەنە كىتاب ئوقۇش، مۇزىكا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق ئىقتىدارلار سەپلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان مۇھىم قورالغا ئايلىنىپ قالدى. خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەر شارىدىكى يان تېلېفون ئابۇنتلىرى 5 مىليارد 280 مىليونغا يېتىپ، يەرشارى ئاھالىسىنىڭ %70نى ئىگىلىگەن. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «2011- يىلى 8-ئايلىق ئالاقە كەسپى ئومۇمىي ئەھۋالى» دا، ئېلىمىزنىڭ كۆچمە تېلېفون ئابۇنتى 940 مىليونغا يېتىپ، يان تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %68.8كە يەتكەن. بىر قېتىملىق بازار تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 34 ياشتىن 52 ياشقىچە بولغانلارنىڭ يان تېلېفونغا بېقىنىۋېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ئۇنىڭدىن قالسا 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە 50 ياشتىن ئاشقان ئابۇنتلارنىڭ يان تېلېفونغا بېقىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بولغاندا يان تېلېفون نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىگىلەپ، خىزمەت، ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. يان تېلېفونغا بېقىنىش گەرچە ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئەكس تەسىر ئىلىپ كېلىدىكەن. تەن سالامەتلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، يان تېلېفون رادىياتسىيەسى، ئۇزاق ۋاقىت يان تېلېفون ئېكرانىغا تىكىلىپ قاراش كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، يان تېلېفونغا زىيادە بىقىنىۋېلىش كىشىلەرنىڭ نورمال دەم ئېلىش، چېنىقىش ۋاقتىنى ئىگىلەپ كېتىدىكەن. پىسخىك ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، يان تېلېفونغا بېقىنىش كېسىلى كىشىلەردە تەشۋىشلىنىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر ئارىسىدىكى يۈزتۇرا كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئازايتىپ، قېرىنداشلىق، دوستلۇق ۋە ئىنسانىي مېھىر - مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يان تېلېفونغا بېقىنىۋېلىش كېسىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىكەن: خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك يان تېلېفوننى كۆپ ئىشلىتىپ بۇ كېسەلگە «گىرىپتار» بولغان بولسىڭىز، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە يان تېلېفون ئىشلىتىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىڭ. باشقىلار بىلەن كۆپرەك يۈزتۇرا ئالاقىلىشىش، كۆپرەك دىققەتنى يان تېلېفوندىن باشقا ياققا بۇراش ئارقىلىق يان تېلېفوننىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنىنى ئازايتىڭ. ئويۇن ئويناش، تورغا چىقىش ۋە كۆڭۈل ئىچىش ۋەجىدىن يان تېلېفونغا بېقىنىپ قالغان بولسىڭىز يان تېلېفونىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئاددىيلاشتۇرۇڭ. تۇرمۇشىڭىزنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىققا پايدىلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىڭ، ساياھەت قىلىش، سىرتلاردا سەيلە قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن يان تېلېفون ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش قېتىم سانىنى تەدرىجىي ئازايتىڭ. ئۇچۇرغا ئېرىشىشتە يان تېلېفونغىلا تايىنىۋالماي، گېزىت كۆرۈش، كىتاب ئوقۇش، تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

مۇبارەكنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] يەر شارىنىڭ تېخى ئېچىلمىغان سىرلىرى [ 2011-11-23 16:08:07 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قىلىش ئومۇمىي پەن يېزىق ئى [ 2011-11-23 16:06:36 ]
[قانۇن تۇزۇم] تۇغۇت دەم ئېلىشىنىڭ ئۇزارتىلىشى بىلەن ئايال ئىشچى [ 2011-11-23 16:05:41 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە ئەمگەك قوغداش نىزام [ 2011-11-23 16:04:50 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئېلىمىز تۇغۇت دەم ئېلىشىنى 14 ھەپتىگە ئۇزارتماقچى [ 2011-11-23 16:03:48 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلار غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتۇۋالسا قانداق قىلىش [ 2011-11-23 16:02:47 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] بۇ رەسىمنى ئەستايىدىل كۆزىتىڭ [ 2011-11-23 16:01:20 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى ۋە ئۇنىڭد [ 2011-11-23 15:43:51 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
مۇبارەك تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-09-14 11:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-11-30 14:11
تەۋسىيەلەر