دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قىلىش ئومۇمىي پەن يېزىق ئىمتىھانى 27-نويابىر ئېلىنىدۇ 21-نويابىردىن باشلاپ 2012-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى بېرىش كىنىشكىسىنى بېسىش باشلىنىپ، 26-نويابىر سائەت 12 دە ئاخىرلىشىدۇ. مۇخبىرنىڭ دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئوقۇشىچە، دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قىلىش ئومۇمىي پەن يېزىق ئىمتىھانى 27-نويابىر مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايون مەركەزلىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە بىر قىسىم چوڭراق شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، 2012-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە توردا مۇئەييەنلەشتۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تەخمىنەن بىر مىليون 300 مىڭ ئادەم سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولۇپ، يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدىكەن. مەنبە: خەلق تورى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|