بەشتاش تورىنىڭ ماتىرياللىرىنى كۆچۇرۇپ يوللاشقا ئۆزىڭىزنى قىلىۋىلىشقا نىمە ھەققىڭىز بار؟
نۆۋەتتە ئۇيغۇر توردۇنياسىدا نىمە كۆپ تور بەت كۆپ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىچىدە مائارىپ تور بىتى قانچىلىك؟ مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك ئادەم قانچىلىك؟ تورغا چىقىدىغان ئوقۇتقۇچى زادى قانچىلىك؟ مائارىپ تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچى قانچىلىك؟
نۆۋەتتە ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى ئىچىدە مائارىپ تور بەتلىرىدىن ئەلكامال،تىركەش،ئەلقۇش،بەشتاش،تەۋپىق،ئۆچمەس، روھلان ،ئەلچۇن قاتارلىق ساناقلىق تور بەت بار. لىكىن بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئادەمگە ئەسقاتمايدىغان تور بەت دىگەن قاراشتا بولىۋاتقانلىقىنى مەن ياخشى بىلىمەن. ئۇنداقتا بۇ قاراش قانداق شەكىللەندى؟
بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مائارىپ توربەتلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ مىللى تىل يىزىقتىكى دەرس تەييارلىقلىرىنى تارقاتتى، مىنىڭچە بۇنىڭغا كۆز يۇمىدىغان كىشى يوققۇ دەپ قارايمەن. تور تىزگىنلىنىپ ئەسلىگە كىلىشكە باشلىغان چاغدا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىمۇ ئەسلىگە كەلدى ۋە تورداشلارغا نۇرغۇن يىڭىلىق ماتىرياللارنى ھەقسىز تارقاتتى. بۇرۇن بەشتاش بالىلار مائارىپ مۇنبىرىدە ئوڭايلا ئىرىشكىلى بولىدىغان دەرس تەييارلىقلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئالدىراپ چۇشۇرەلمەيدىغان ھالەتكە تەڭشەپ قويدۇ،بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەتمۇ ھەرگىز تورداشلارغا مالاللىق ياكى ئاۋارىچىلىق يەتكۇزۇش ئەمەس،بەلكى تەگى مەنىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا يەنىلا تورداشلارغا تىغىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش خالاس. يەنى تور بىتىمىزدىكى دەرس تەييارلىقلىرىنى ۋە مائارىپقا دائىر ماتىرياللارنى كۆپەيتىش. لىكىن بۇ دەرس تەييارلىقلىرىغا ئىرىشىش ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس. يەنى بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا كۇندە بىر قىتىم كىرىپ قويسىڭىز 10 نومۇر، بىر تىمىغا ئىنكاس يازسىڭىز 10 نومۇر ، تىما يوللىسىڭىز 20 نومۇر،تىمىڭىز نادىرلانسا 30 نومۇر قوشۇلۇپ ماڭىدۇ. ئۇنداقتا سىز ھىچ ئىش قىلماي بەشتاش تورىغا 10 كۇن كىرىپلا قويسىڭىز 100 نومۇرغا يەنى 2 تەڭگىگە ئىرىشتىڭىز دىگەن گەپ. مانا مۇشۇ سەۋەپ تۇپەيلىدىن بەزى تورداشلار بىزدىن ئاغرىندى،ھەتتا تىللىدى. لىكىن شۇ دەرس تەييارلىقىنى تۇزگەن كىشىنىڭ ئەمگىكى ھۆرمەتكە ئىلىنمدى.
ئەمدى ئەسلى مۇددىئاغا كەلسەك يىقىندىن بىرى بىر قىسىم تور بەتلەردىكى بەزى تىمىلارنى كۆرۇپ نىمە دىيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم، بەزىلىرىگە ئەسكەرتىشمۇ بەردىم. لىكىن بۇ ئىش توختاپ قالمىدى. مىنىڭ مەخسىتىم ئۇنى بۇ يەرگە يوللىما دىمەكچى ئەمەس. يوللاڭ لىكىن مەنبەنى ئەسكەرتىپ يوللاڭ. ئەگەر ھەقىقى ئەركەك بولسىڭىز، باشقىلارغا بەكلا شۇنداق ياردەم قىلغۇڭىز بولسا بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىنى سىتىۋىلپ،ئىچىدىكى ھەممە نەرسىنى ھەممە ئادەمگە قوش قوللاپ تۇتۇڭ. ئۇ چاغدا مىنىڭمۇ شۇ دەرس تەييارلىقىنى تۇزگەن كىشىنىڭمۇ ھىچقانداق پىكىرى يوق.
لىكىن بىر توربەتنى ئىچىش ھەرگىزمۇ يەنە بىر توربەتكە خىزمەت قىلىشتىن دىرەك بەرمەيدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن تورداشلارنىڭ بىر تور بەتنىڭ ئەمگىكىنى يەنە بىرتوربەتكە ھىچقانداق ئاساسسىز كۆچۇرۇپ يوللاش ھوقۇقى يوق. لىكىن مەلۇم برى توربەتتە بۇ ئىشلا بەكلا ئاۋۇپ كەتتى، ھەتتا شۇ توربەتتىكى غوللۇق بەزى باشقۇرغۇچىلارنىڭ كاللىسىدىن بۇ ئىش ئۆتمىدى، ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىڭ دىگەن گەپ ئىغىر كەلدى.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ھەرقانداق بىر توربەتنى ھەقىقى گۇللەنسۇن روناق تاپسۇن دىسىڭىز باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالار باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە باشقا تور بەتنىڭ مەنپەتىگە ھۆرمەت قىلىڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلىشنى بىلمىسىڭىز ئۇمۇ مەيلىڭىز. لىكىن ئىسىڭىزدە بولسۇن ئۆلگەن ئۆلۇكنىمۇ تىللاۋەرسىڭىز ھامان بىر كۇنى بىر ئامال بىلەن سىزدىن ئۆچ ئالىدۇ. ئەگەر سىزمۇ مۇشۇنداق كۆچۇرمىكەسلىك يولى بىلەن شۇ توربەتنىڭ نومۇرىغا ئىرىشكۇڭىز ۋە ياكى ئاۋات قىلماقچى بولسىڭىز، ئاخىرقى ھىسابتا شۇ تور بەتنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۇزۇش بىلەن بىرگە ، قانۇندىن ئىبارەت تارازىنىڭ ئالدىدا قىلغان قىلمىشىڭىزغا مۇناسىپ جاۋاپ بىرىشكە مەجبۇر بولىسز.
ئۇيغۇر توربەتلىرى ئۆز خاسلىقى ۋە ئۆز ئەمگىكى بىلەن گۇللەنسۇن ۋە روناق تاپسۇن .ھەرگىزمۇ كۆچۇرمىكەش،باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىدىغان،كۆچۇرمىكەشلىك،يالغانلىق پاتقىقىغا چۆكۇپ كىتىۋاتقان ھەمدە چۆكۇپ كەتكەنلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن.
ئەگەر بۇنداق دىيىشىمگە ئىسپات سورايدىغانلار ئىسپات سوراڭ. قانۇن ئالدىدا سورسىڭىزمۇ بولىدۇ.
. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|