5- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاياللار-بالىلار خىزمەت يىغىنى چاقىرىلدى
ج ك پ مەكىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 5-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاياللا-بالىلار خىزمەت يىغىنغا قاتناشتى. سۈرەتتە، ۋېن جياباۋ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. «خەلق گېزىتى»نىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاياللا-بالىلار خىزمەت يىغىنى 27-چېسلا بېيجىڭدا ئۋچىلدى. ج ك پ مەكىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، 2011 ـــ 2020-يىلىغىچە ئاياللار-بالىلار تەرەققىياتىدىكى ئىككى پىروگراممىنى ئومۇميۈزلۈك ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاياللار-بالىلار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنە بىر پەللە كۆتۈرۈش كېرەك. ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەر-ئايال باراۋەر بولۇش دۆلەت سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى جىنس كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا تولۇق، باراۋەر قاتنىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىش لازىم. ئايال ئىختىساسلارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئانا-بالىلار چوڭ-چوڭ ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت تۈرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاياللار مائارىپى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاياللارنىڭ ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بالىلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالىلارنى ساغلام، خۇشال-خۇرام يېتىلدۈرۈش كېرەك. تۇغۇلۇشتا مەيىپ تۇغۇلۇشقا ئارىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، تېببىي ئىلىمدە زۆرۈر بولمىغان بوۋاقلارنىڭ جىنس پەرقىنى ئايرىش ۋە ھامىلىدارلىقنى سۈنئىي توختىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ. نامرات رايونلاردىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىش ۋە ساغلاملىقىغا ئارىلىشىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، بالىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىش ئەھۋالىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش لازىم. ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى تەربىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يەسلىگە كىرىش قىيىن، يەسلى پۇلى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىش كېرەك. ساپا مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئائىلە باشلىقى ۋە ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ ئەركىن ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ماكان يارىتىپ بېرىشى، بالىلار ئەركىن سۆزلەپ، ئەركىن ئويلاپ، ئەركىن يۈرگەندە تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ-يېتىلىدۇ، ئىنسانلار جەمئىيىتى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ مەدەنىي كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ. يېتىم بالىلار، كېسەل-مېيىپ بالىلار، سەرگەردان بالىلارغا ئوخشاش ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئامما توپىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز لازىم.
|