دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا ئەخلاقنى قانداق سىناش كېرەك قانداق قىلغاندا مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا ئەخلاق سىنىقىنى پەزىلەتسىزلەر ئۈچۈن قىيىن ئۆتكەلگە ئايلاندۇرۇپ، قوللىنىشچانلىق ۋە ئۈنۈمچانلىققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ 11-ئاينىڭ 26 كۈنى 2012-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى باشلاندى، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار 18 مىڭ مەمۇرلۇق ئىش ئورنى ئۈچۈن رىقابەتلىشىدۇ. بۇ يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا نۇرغۇن يېڭىلىقلار كۆرۈلدى: بەزى ئىش ئورۇنلىرىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا «2+X» ئىمتىھان شەكلى قوللىنىلدى؛ كۆپ قىسىم ئىش ئورۇنلىرىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئاساسىي قاتلامدا ئىككى يىل ئىشلىگەن بولۇش تەلەپ قىلىندى؛ «پەزىلەتلىكلەرنى ئالدىن قوبۇل قىلىش» تەكىتلەندى. بۇ ئالاھىدىلىكلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. لېكىن ئەخلاقنى قانداق سىناش كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مەسىلە. بىر جەھەتتىن، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى «ئەينەك ئۆيدىكى رىقابەت» بولۇپ، ئېنىق، ئاشكارا، ئادىل بولۇش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئۇ ئاممىۋى ئىشەنچلىكى ۋە ھاياتىي كۈچىدۇر. ئەگەر «ئەخلاق سىناش» تا ئىلمىي تەكشۈرگىلى ۋە ئۆلچىگىلى بولمىسا، پىرىنسىپ ئوچۇق بولمىسا، يەڭ سودىسىغا ماكان ھازىرلىنىپ قالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى جايلاردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا سوئالنى ئاشكارىلاپ قويۇش، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش، مۇناسىۋەتكە تايىنىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىنىپ، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكىمۇ خىرىسقا دۇچ كەلدى. مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا ئەخلاق سىنىقىنى پەزىلەتسىزلەر ئۈچۈن قىيىن ئۆتكەلگە ئايلاندۇرۇپ، قوللىنىشچانلىق ۋە ئۈنۈمچانلىققا ئىگە قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بىر يول تېپىش كېرەك.
|