پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىققانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

تىرىك بوۋاقنىڭ ئۆلۈك بوۋاققا ئايلىنىپ قېلىش ۋەقەس

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-05 13:44 مەنبەسى: ئۇيغۇرچە رادىيو ت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
نەنخەي رايونى قىزىل كىرېست دوختۇرخانىسىنىڭ تىرىك بوۋاقنى ئۆلۈك بوۋاق قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغانلىق ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى

سەھىيە مىنىستىرلىقى تىرىك بوۋاقنىڭ ئۆلۈك بوۋاققا ئايلىنىپ

قېلىش ۋەقەسىنى ئۇقتۇردى

جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرى نەنخەي رايونى قىزىل كىرېست دوختۇرخانىسىنىڭ تىرىك بوۋاقنى ئۆلۈك بوۋاق قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغانلىق ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇل باشلىقى ۋە تېببىي ئىشلار بۆلىمىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، تۇغۇت بۆلىمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق تۆت كىشى دوختۇرلۇقتىن توختىتىلدى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق فوشەن شەھەرلىك ئاياللار، بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالىتىلدى، ھازىر ئەھۋالى مۇقىم.

سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋەقە ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نەنخەي قىزىل كىرېست دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ئېغىر داۋالاش سۈپىتى بىخەتەرلىكى ۋەقەسىدىن مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى، داۋالاش بىخەتەرلىكى يادرولۇق تۈزۈمىنىڭ تولۇق ئەمىللەشمىگەنلىكى، ئالاقىدار قانۇن نىزام ۋە تېخنىكىلىق مەشغۇلات قېلىپىنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنمىغانلىقى، تېببىي خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ھەر دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرى بۇ ۋەقەدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، داۋالاش سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

داۋالاشتىكى يوشۇرۇن خەتەرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك داۋالاش سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىمار مەركەز قىلىنغان داۋالاش بىخەتەرلىكى مەدەنىيەت كەيپىياتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

سەھىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى بىمارلارغا بەكرەك كۆيىنىپ، دوختۇر بىلەن بىمار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دوختۇر بىلەن بىمار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە مەزمۇنىنى تاكاممۇللاشتۇرۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ بىمارلار بىلەن ئالاقىلىشىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك، تېببىي خادىملار بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە بىمارنىڭ ئەھۋالى، داۋالاش لايىھەسى، داۋالاش خېيىم خەتىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈشى كېرەك، دوختۇرخانىنىڭ شىكايەتنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىغا ئاساسەن شىكايەتنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، شىكايەتكە مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەخسۇس تارماقلار بىرتۇتاش قوبۇل قىلىدىغان بىمارلارنىڭ شىكايىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئورنى تەسىس قىلىپ، بىمارلارنىڭ شىكايىتىنى قىزغىن قوبۇل قىلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەتنى بىخ ھالىتىدىلا ھەل قىلىپ، ئىناق دوختۇر، بىمار مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ليۇ فامىلىلىك بىر ھامىلىدار ئايال 2011-يىلى 23-ئۆكتەبىر نەنخەي قىزىل كىرېست دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن، 25-ئۆكتەبىر سائەت 5دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، بۇ ئايال بالنىستا توساتتىن يەڭگىيدۇ، ئەمما سېسترا ئۇنىڭغا بوۋاقنىڭ ئۆلۈك تۇغۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە بوۋاقنى ھەمرىيى بىلەن قوشۇپلا بىر تەرەپ قىلىش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىدۇ. 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بۇ تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بوۋاقنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغاندا سېسترا بوۋاقنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بايقاپ، دەرھال قۇتقۇزۇشقا دوختۇر چاقىرىدۇ ھەمدە بوۋاقنى كۆزىتىش بۆلىمىگە ئېلىپ كىرىپ داۋالايدۇ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر دوختۇرخانا دەرھال سەھىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا دوكلات قىلمايدۇ.

بۇ ۋەقە تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يەرلىك سەھىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋەقەنى تەكشۈرۈش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى باشلايدۇ، ھازىر خەلق ياراشتۇرۇش تەشكىلاتى ۋەقەگە ئالاقىدار تۆلەم بېرىش ئىشلىرى ۋە داۋالاش ماجىراسىنى قوبۇل قىلماقتا.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[قانۇن تۇزۇم] تىرىك بوۋاقنىڭ ئۆلۈك بوۋاققا ئايلىنىپ قېلىش ۋەقەس [ 2011-12-05 13:44:21 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش [ 2011-11-29 17:21:15 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ماتىماتىكىلىق فورمۇلا تەھرىرلىگۇچ (数学公式编辑器) V6 [ 2011-11-27 22:17:28 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] 几何画板 V5.0 最强中文版گىئومىتىرىيە دوسكىسى [ 2011-11-27 22:14:17 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتىماتىكا مەشىقچىسى 小学数学练习机 V35.0 [ 2011-11-27 22:09:46 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، [ 2011-11-27 22:05:05 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلىرى قۇياشنىڭ قاياقتىن چىقى [ 2011-11-27 22:02:50 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىمۇ خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلىدۇ [ 2011-11-27 21:56:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] كېيىنكى كۆك تۇرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ تارى [ 2011-11-27 21:52:54 ]
[تارىخى بىلىملەر] 893 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار بىلەن قىلغان جە [ 2011-11-27 21:47:27 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر