( « 1-ئىيون » خەلىقئارا بالىلار باير
يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-20 23:56 مەنبەسى: ئاپتورى: تىزناپ كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنقىلابى ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، يىڭى دەۋىرگە لايىقلاشقان، مەدىنيەتلىك ئىز باسارلاردىن بولايلى! ( 1-ئىيون خەلىقئ
ئىنقىلابى ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، يىڭى دەۋىرگە لايىقلاشقان، مەدىنيەتلىك ئىز باسارلاردىن بولايلى!
( « 1-ئىيون » خەلىقئارا بالىلار بايرىمىغا تەبرىك سۆز)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر،قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار،جاپاكەش ئوقۇتقۇچى- ئوستازلار، سۆيۈملۈك كىچىك دوسلار ، مەرىپەت بىغىدىىكى غۇنچىلار ، ياخشىمۇ سىلەر؟ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. بۇگۇن سىلەرنىڭ جۇمىلىدىن پۇتكۇل دۇنيادىكى سىلەردەك سەبىيلەرنىڭ كاتتا بايرىمى .بۈگۈنكى مۇشۇنداق قۇتلۇق بايرام كۈنىدە بىز بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ياخشى پائالىيەت سورۇنىنى ھازىرلاپ بەرگەن دامسى يىزىلىق پارتىكوم،دامسى يىزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى ۋە مەكتەپ مەمۇريىتىگە بارلىق ئوقوغۇچىلار نامىدىن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن.شۇنداقلا مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتىتى ۋە پىئۇنىرلار چوڭ ئەتىرتىگە ۋاكالىتەن بۇگۇنىكى بايرىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن . ھەممىڭلارنىڭ بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
كىچىك دوسلار بۇگۇن بىز تولۇپ تاشقان قىزغىنىلىق بىلەن خەلىقئارا بالىلار بايرىمىنىڭ 62يىللقىنى خاتىرلىمەكتىمىز . بىزنىڭ بۇ قۇتلۇق بايرىمىمىز مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۇرلىرىنىڭ خۇشاللىق بايرىمى بولۇپ ، بۇ بايرام مەمىلىكىتىمىز ۋە خەلىقئارا مىقياسىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىددىيە-ئەخلاق قۇرۇلىشى كۇچەيتىلىۋاتقان ئاپتونۇم رايونىمىزدا 30- قىتىمىلق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى ئىيى پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرلىۋاتقان ئىسلاھات ئىچىۋىتىش خىزمىتىدە خۇشاللنىارلىق مۆجىزىلەر يارىتىلىۋاتقان ،پارتىيە 17-قۇرۇلتاي روھى ئوموميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان،« ئۇچكە ۋەكىلك قىلىش » ئىددىيسى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۇزۇلۇپ سىياسى مەيدان ، ئىددىۋى ئىستىل ، خىزمەت ئىستىىلى ، ئۇگۇنۇش ئىستىلىدا كۆرنەرلىك ياخشىلىنىشلار بولىۋاتقان ، سىياسى ، ئىجتىمائى مۇھىت مۇقىم ، تىنىچ ھەرقايسى كەسىپ ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ خىزمىتىدە زور ئىلىگىرلەش بولىۋاتقان ،بىيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلگەن ،ئىناقلىقنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان، مانا مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان كاتتا بايرام .
ساۋاقداشلار مانا بۇگۇن بالىلار بايرىمىنىڭ 62يىللىق خاتىرە كۇن . بۇ ئوقۇشقا ئاددى بولىسمۇ لكىىن 62يىلىنىڭ ھەربىر تارىخى بەتلىرىنى ۋاراقىلساق نۇرغۇن ئەگىر- توقايلىقلار تارىخى غەلبىلەر كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ .
دۇنىيا پۇرۇلتارىيات ئىنىقلابىنىڭ داھىيسى ئۇلۇغ ئۇستاز ماۋزىدۇڭ بىزگە « ياشلار – ئۆسمۇرلەر سىلەر جۇشقۇن ، كۆتۇرەڭگۇ ، روھلۇق كىلىسىلەر ، سىلەر خۇددى ئەتتىگەن سائەت سەككىز - تۇققۇزلاردا ئەمىدىلا كۆتۇرۇلگەن قۇياشقا ئوخشايسىلەر ، ئىستىقبالىڭلار پارلاق ، دۇنىيا سىلەرنىڭ شۇنداقلا بىزنىڭ . تىگى تەكتىدىن ئىيىتقاندا دۇنىيا سىلەرنىڭ ، ئۇمىد سىلەردە!» دەپ ئىيتقانئىدى . شۇنداق ، ئۇمىد سىلەردە ، سىلەر ۋەتەنىنىڭ ئۇمىدى ، مىللەتنىڭ كەلگۇسى ، ۋەتەننىڭ بەختى تەقىدىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا . شۇڭلاشقا مەن بۇگۇنىكى بۇ پائالىيەت ئارقىلىق سىلەرنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىڭلارنى نامايەن قىلىپ ، ئىنىقلابى ئەجدادلارنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ دەۋىر روھىغا ماسلىشىپ ئۆزۇڭلاردا كوللىكتىپىنى سۆيىدىغان ، تىرىشىپ ئۇگۇنىدىغان ئىجادچانلىق بىلەن يىڭىلىق يارىتالايدىغان ئىقىتىدارنى يىتىلدۇرۇپ ئەخلاق ، پەن مەدىنيەت ساپايىڭلارنى ئۆستۇرۇپ غايىلك ، ئەخلاقلىق ، مەدنىيەتلىك ، ئىنتىزامچان سوستىيالىزىم ئىلىشرىنىڭ ياراملىق قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشىىڭلارنى ئۆسمۇرلۇك ھاياتىڭلارنى قەدىىرلەپ ئۇمىد ۋە خىرىسقا تولغان يىڭى دەۋىردە يۇكسەك ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق بىلەن دەۋىر تەلىپىدىن چىقالايدىغان ، ۋەتەن ئۇچۇن بارلىقىنى بىغىشلاشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدىغان ياراملىق ئىز باسارلاردىن بولىشىڭلارنى چىن قەلبىمىدىن ئۇمىد قىلىمەن . ئاخردا بۇگۇنىكى بايرىمىڭلارنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتىشىگە پائالىيىتىڭلارنىڭ غەلبىلىك ، ئۇگۇنىشىڭلارنىڭ نەتىجىلك بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۇرىمەن .
كوممونىزىم ئىشلىرى ئۇچۇن كۆرەشكە دائىم تەييار تۇرايىلى !
( تەييار ، تەييار ، دائىم تەييار بىز !!!)
سۆزۇم تۇگىدى . كۆپچىلىككە رەھمەت
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------