بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رول بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رولىخەلقىمىزدە قەدىمدىن پەرزەنتلەرنىڭ ئەتراپلىق، ساغلام يېتىلىشىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلۈنگەن. بالىلار تىلى چىقىپ ئېسىنى بىلگۈدەك بولغاندىن باشلاپلا ئۇلارغا ناخشا – قوشاق ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، ساز چېلىشنى، خەت يېزىشنى ئۆگىتىش، تېپىشماق تاپقۇزۇش، رەسىم سىزغۇزۇش قاتارلىق تەربىيىلەر بىلەن بىللە، ھەرخىل بالىلار ئويۇنلىرى ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە سىڭدۈرۈلەتتى. بىزدىكى بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئەقلىي بىلىملەرگە باي بولۇپ، بالىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن يېتىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. بۇلاردىن دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن، ھەر قايسى يۇرتلاردىكى تەبىئىي مەھەللە – رايونلاردىكى بالىلار ئارىسىدا ھېلىھەم داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئويۇنلار خېلى كۆپ. ‹‹لىڭگىرتاقتاق››ئويۇنى، ‹‹سار ئالدى›› ئويۇنى، ‹‹ئاق تاش، كۆك تاش›› ئويۇنى، ‹‹تاققا – تۇققا›› ئويۇنى، ‹‹دۈم – دۈم – دۈم، لەببەي – لەببەي››(مۆكۈشمەك) ئويۇنى، ‹‹يامغۇر ياغىلاق›› ئويۇنى، ‹‹ئاپتاپ چىق›› ئويۇنى، ‹‹چۆچۈرەڭ قاينايدۇ›› ئويۇنى، ‹‹مېھماندارچىلىق››(ئاغىچا – ئايلام) ئويۇنى، ‹‹لەگلەك ئۇچۇرۇش›› ئويۇنى قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى. بۇلارنى ئىنچىكە كۆزەتسەك، ئۇلارنىڭ بالىلارنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشىدە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ‹‹ لىڭگىر تاقتاق ›› ئويۇنى لىڭگىر – لىڭگىرتاقتاق، بۇ ئويۇننىڭ ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپ، ئادەتتە، ئىككى بالا بولسىلا كۇپايە. ئۇلار بىر تال كىچىكرەك لىم ياكى چوڭراق ياغاچنى مەلۇم بەلدەمگە قويۇپ، ئىككى ئۇچىغا بىر – بىرسىگە قارىشىپ مىنىپ، بىرسى كۆتۈرۈلسە، بىرسى تۆۋەنگە چۈشۈپ يۇقىرىقى قوشاقنى ئۈنلۈك توۋلايدۇ. بۇ ئويۇننى بالىلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن كۆپ ئوينايدۇ. بۇ ئويۇننىڭ بالىلارغا بولغان تەربىيىسى شۇكى، ئادەم جىددىي مەسىلىلەرگە يۇلۇققاندا كەسكىن بولۇشنى، سۆرەلمىلىك قىلىپ ئىشنى ئاقسىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىللە، ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇققاندا چوقۇم مەلۇم بىر مەيداندا تۇرۇشنى، ئۇ ياققىمۇ تەۋە ئەمەس، بۇياققىمۇ تەۋە ئەمەس بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ‹‹ سار ئالدى ›› ئويۇنى بۇ بالىلار توپلىشىپ ئوينايدىغان ئويۇن بولۇپ، ئادەتتە، ئون ياكى 15تەك بالىغا بەستلىك، ھەرىكىتى چاققانراق بىرسى سەپ باشلىقى بولۇپ ‹‹سار››نىڭ بالىلارنى تۇتۇۋېلىشىنى توسىيدۇ. قالغان بالىلار بىر – بىرىنىڭ بېلىنى ياكى چاپىنىنى تۇتۇپ، سەپ باشلىقىنىڭ بېلىنى چىڭ تۇتۇپ قاتار تىزىلىپ تۇرىدۇ. ‹‹سار›› بولغۇچى گاھ ئوڭدىن، گاھ سولدىن ھۇجۇم قىلىدۇ. سەپ باشلىقى ئۇنى قەتئىي توسۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر بالىلاردىن بىرەرسى سەپ باشلىقى ياكى سەپ تەرتىپىگە ماسلىشالمىسا سار ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ. تۇتۇلۇپ قالغۇچى ‹‹سار›› بولىدۇ. ‹‹سار›› بولغۇچى ھەر قېتىم ھۇجۇم قىلغاندا: ئاللا – ئاللا، چۈجىلەر، دەپ توۋلايدۇ. ئويۇن مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا داۋاملىشىدۇ. بالىلار ئويۇن بىلەن بولۇپ ھارغىنىنى بىلمەي، چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلىدۇ. بۇ ئويۇن ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىر – بىرىگە مېھرى سىڭىدۇ. دوستلۇقى كۈچىيىپ، كوللېكتىۋىزملىق روھنى شەكىللەندۈرىدۇ. بەدەن، پۇت – قوللارنىڭ ئەۋرىشىمچانلىقى ۋە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ، بالىلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، ئىناقلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقى كۈچىيىدۇ. ‹‹تاققا – تۇققا›› ئويۇنى بۇ ئويۇننى، ئادەتتە، يەسلى يېشىدىكى بالىلار ئوينايدۇ. ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن بىرقانچە بالا ئاياغ كىيىملىرىنى سېلىپ پۇتىنى ئۇدۇل قىلىپ ئولتۇرىدۇ. چوڭلاردىن بىرسى ياكى بالىلاردىن بىرەرسى بالىلارنىڭ پۇتىنى رەت تەرتىپى بويىچە تۇتۇپ: ‹‹ئاق تاش، كۆك تاش›› ئويۇنى بۇنىڭدا بىر ياكى بىرقانچە بالا بالىلارنى ئويۇنغا مۇنداق قوشاق ئېيتىپ چىللايدۇ: ‹‹دۈم – دۈم›› ئويۇنى بۇ ئويۇننى، ئادەتتە، بالىلار توپلىشىپ ئوينايدۇ. ئۇ كۆپىنچە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئوينىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئۇيۇشتۇرغۇچى بالىلاردىن بىرسىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى تىزىغا قويۇپ، چاپان ياكى كۆڭلەكنىڭ ئېتىكى بىلەن پۈركەپ تۇرۇپ باشقىلارنى مۆكتۈرىدۇ. ‹‹دۈم – دۈم›› بولغۇچىنىڭ دۈمبىسىگە يېنىك دۇمبالاپ: ‹‹يامغۇر – ياغىلاق›› ئويۇنى بۇنىڭدا بالىلارنىڭ تەبىئەتكە بولغان ئىلتىجاسى ئىپادىلىنىدۇ. بالىلار ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت تەبىئەتنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىرىپ دەل – دەرەخ، زىرائەتلەر سارغايغاندا، پىژغىرىم ئىسسىق زېمىننى كۆيدۈرگەندە يامغۇر تىلەپ: ‹‹ئاپتاپ چىق›› ئويۇنى بالىلاردا دەسلەپكى مۇزىكا سىزىمىنى يېتىلدۈرۈشتىمۇ قىىسمەن رول ئوينايدۇ.
مېھماندارچىلىق ئويۇنى (ئاغچە – ئايلام) بۇ ئويۇننى، ئادەتتە، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مەكتەپ يېشىغا توشمىغانلار ئوينايدۇ. ئۇلار چوڭلارغا تەقلىد قىلىپ ئۆي ياسايدۇ. ئۆي جابدۇقلىرى كۆپىنچە لايدىن، تاش – كېسەك، ئوتۇن – ياغاچلاردىن بولىدۇ. توپا بىلەن قىر چىقىرىپ ياكى سىزىق سىزىپ ھويلا – ئارام ‹‹ھازىرلىنىدۇ››. ئاندىن ئۆزئارا مېھماندارچىلىق قىلىشىدۇ. مېھمانغا چاقىرغۇچى كەلگەن مېھمانلارنى ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!›› دەپ ئالدىغا چىقىپ خۇش تەبەسسۇم بىلەن ‹‹ئۆيى››گە باشلاپ، ئۆزئارا تەقلىدىي مېھماندارچىلىق قىلىشىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلار چوڭلارنىڭ ئۆي تۇتۇشتىكى ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۆگىنىدۇ. لەگلەك ئۇچۇرۇش ئويۇنى لەگلەك ئۇچۇرۇش ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قەدىمىي ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر بالىلىرى لەگلەكنى، ئادەتتە، قەغەز، چىغ، ئۆرۈك يېلىمى ياكى بۇغداي ئۇنىدىن ياسالغان يېلىم ۋە يىپ قاتارلىقلار بىلەن ياسايدۇ. لەگلەكنىڭ شەكلى ھەرخىل بولىدۇ. ئۇلار، ئادەتتە، لەگلەكنى باھار پەسلىدە ئۇچۇرىدۇ. خىلمۇ خىل لەگلەكنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلىشىمۇ يېزا – قىشلاقلارغا باھار كەلگەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. بالىلار بۇ ئويۇننى ئوينىغاندا كىمنىڭ لەگلىكى ئەڭ ئېگىز ئۇچسا، شۇ بۇ ئۇيۇندا ئەڭ ياخشى ماھارەت كۆرسەتكەن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ، جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشتا چوڭ رول ئوينايدۇ. http://munbar.hantangri.net/read.php?tid=2598 تەھىرلىگۇچى:قۇياش ئوغلى
|