![]() |
ئاداش – ئاداش ئويۇنى « ئاداش – ئاداش ئويۇنى » ھازىرغىچە يېزا – قىشلاقلاردا ئوغۇللار ئويناپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ بىرىدۇر . ئويۇننى باشلاش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ : ئۈچ ئوغۇل بالا قاتار تىزىلىپ بىر – بىرىنىڭ دولىسىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ ، بىر پۇتلاپ تاقلاپ سەكرەپ ، قوشاق ئېيتىش بىلەن تەڭ ئويۇننى باشلايدۇ . ئۇلار شۇ تەرتىپتە تاقلاپ قولىنى مۈرىگە قويۇپ توختىماي سەكرەپ مەھەللىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ ۋە سەكرەش جەريانىدا باشقا ئوغۇللارنىمۇ سەپكە قوشۇلۇشقا چاقىرىدۇ . ئوينايدىغان بالا بارمۇ ؟ مۆرەيدىغان كالا بارمۇ ؟ مەھەللىدە بىز بىلەن ، ئاداش بولار بالا بارمۇ ؟ دېگەن قوشاق بىلەن تەڭ سەپكە قېتىلىدىغان بالىلار پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ، بارلىق ئويۇنغا قاتناشقان بالىلار بىرلىكتە : ئاداش – ئاداش بولايلى ، ئالما قېقى شورايلى . تالىشىپ يېگەچ بىر ناننى ، دەريا بويى بويلايلى . ئاداش – ئاداش بولايلى ، ئالما قېقى شورايلى . ئۇلۇغ ناننىڭ بويىدا ، بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى . چېم چۆچىكىم ، چىم چۆچەك ، ئوتتۇرىسى كۆلمەنچەك ، سۇ قۇيسام تېشىپ كەتتى ، ئۆمىلىپ قېچىپ كەتتى . كېلىڭ دوستلار ئوينايلى ، ئاداش – ئاداش بولايلى . بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى ، ئايرىلماس دوست بولايلى .دېگەندەك قوشاقلارنى ئۈنۈملۈك ، تەرتىپلىك ، رېتىملىق ئېيتىدۇ . بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ ، قىش پەسلىدە ئوينالسا بالىلارنىڭ سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ، قورقماس ، چىدامچان خاراكتېرىنى يىتىلدۈرۈش بىلەن بىللە يەنە كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . بۇ ئويۇننىڭ ئەڭ جەلپكار نۇقتىسى تىل بۆلىكىدە بولۇپ ، بۇ ئويۇندا ئېيتىلغان قوشاقلار بالىلارغا خاس چۈچۈك تىلى ، ئاددىي قاپىيە ، رېتىملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ، بۇ ئويۇندا ھەرىكەت بىلەن سەنئەت تەبىئىي ھالدا بىرلەشتۈرۈلۈپ ، ئويۇننى تەشكىللىك ھالدا ناخشا – قوشاق پائالىيتىگە ئايلاندۇرىدۇ . بۇ قوشاقلار مىللىتىمىزنىڭ ناخشا – قوشاقچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ بالىلار ئويۇنلىرىدىكى جانلىق ئىپادىسى . بۇ ئويۇننىڭ « ئاداش – ئاداش ئويۇنى» دېگەن نامىدىنلا ئويۇننىڭ ھەمدەملىككە ، بىرلىكلىككە سىمۋول قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس . بۇ ھەم بالىلارنىڭ ئۆملۈككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىسە ، ھەم بالىلارنىڭ ئويۇندىن تەڭ ھوزۇرلىنىش ، بەھىرىنىش ھېسسىياتىنى ئىنكاس قىلىدۇ . ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
------分隔线----------------------------
【ئاۋات خەتكۇچلەر】:
|