بالىلارنى ئويۇن ئويناشقا توغرا يېتەكلەش كېرەك
بالىلارنى قانغۇچە ئوينىتىش بەكمۇ مۇھىم، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بالىلىق دەۋرىنىڭ خۇشال – خۇراملىق ئىچىدە ئۆتىشىنى ھەممىمىز ئارزۇ قىلىمىز، ئەلۋەتتە. لېكىن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەدېگەندىلا يېڭىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان ئاتا – ئانا يوق. قايسى بىر ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىگە كۆپرەك نەرسىنى ئۆگىتىشنى خالىمايدۇ؟ بۇنداق نەرسىلەرنى ئۆگىنىش بالىلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئىگىلىۋالسا، ئۇلار ئويۇن ئويناش ۋاقتىدىن مەھرۇم قالامدۇ – قانداق؟ شياۋ يۈنىڭ ئانىسى پەرزەنت تەربىيىسەگە بىپەرۋا پوزىتسىيە تۇتقان. باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھېساب، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەندە، ئۇنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن كارى بولماي، قىزىنى مەيلىگە قويۇپ بەرگەن، تىزىملاتقان كۇرسلىرىمۇ مۇزىكا، ئۇسسۇل كەسىپلىرى بولۇپ، مەدەنىيەت دەرسلىرىگە يېقىنمۇ كەلمىگەن. شۇڭا، باشقا بالىلار مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى چوت سوقۇش، ئىنگلىز تىللىرىدىن گۇۋاھنامە ئېلىپ بولسا، شياۋ يۈ ۋاقتىنى بالىلار ئويۇنلىرىنى ئويناش بىلەن ئۆتكۈزگەن. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، شياۋ يۈنىڭ دەرسلەردىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولمىسىمۇ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان. بەزىلەر شياۋ يۈنىڭ ئانىسىغا: ‹‹شياۋ يۈ ئەقىللىق قىزكەن، ئۇنى بالدۇرراق مەدەنىيەت دەرسلىرى كۇرسلىرىغا بەرگەن بولسىڭىز، نەتىجىسى تېخىمۇ ياخشى بوپ كېتەركەن›› دېگەن. شياۋ يۈنىڭ ئانىسى بۇنىڭدىن ئۆكىنىشى كېرەكمۇ؟ نۇرغۇن ئاتا – ئانا بىلىپ – بىلمەي ئۆگىنىش بىلەن ئويۇننى بىر – بىرىگە قارىمۇ قارشى ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ، بۇنداق تەپەككۇر ئۇسۇلىدا مەسىلە بار، ئەلۋەتتە. كەڭ مەنىدىكى ئۆگىنىش كىتابتىكى مەزمۇنلارنى قارىسىغا يادقا ئېلىش، سۆز – جۈملىلەرنى كۆچۈرۈش ئەمەس، ھېسابلاشقا ماھىر بولۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىشمۇ ئەمەس. ئۆگىنىشنىڭ مەزمۇنى بەك كەڭ، ئۆگىنىش ئۇسۇلىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. بالىلارنى كىچىكىدىنلا شەيئىلەرنى كۆزىتىشكە، تەپەككۇر قىلىشقا، تەبىئەتنى ئۇستاز تۇتۇشقا يېتەكلىگەندە، ئۆگىنىش بەكمۇ قىزىقارلىق ئىشقا ئايلىنىدۇ. كەڭ مەنىدىكى ئويۇن ئويناش ئۇياقتىن بۇياققا سەكرەپ، بىر – بىرىنى قوغلىشىپ ئويناش ئەمەس، سەيلە – ساياھەت قىلىش، سىرلىق ئويۇنلارنى ئويناشمۇ ئەمەس. ئويۇن ئويناشنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، ھەر ئويۇننىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. ئۆگىنىش بىلەن ئويۇنغا بولغان پوزىتسىيە توغرىلانسا، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، بىر – بىرى بىلەن ناھايىتى ماسلىشىدىغانلىقىنى بايقىيالايمىز. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئۆگىنىشكىلا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنى ھەر قانداق ئويۇندىن مەھرۇم قالدۇرسا، بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يېتىدۇ، نەتىجىدە بالىلار ئۆگىنىش دېسىلا بېشى ئاغرىيدىغان، ئويۇن ئويناشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئاخىرى يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەت شۇكى، شياۋ يۈ مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى باشقىلارغا ئوخشاش مەدەنىيەت بىلىملىرى كۇرسلىرىغا قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن باشقا بالىلارنىڭ كەينىدە قالمىغان، بۇنىڭدىن شياۋ يۈنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆكۈنگۈدەك ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بالىلار ئوينايدىغان چاغدا ئوينىشى كېرەك، ئۆگىنىدىغان چاغدا ئۇلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قىلىدۇ. ھەممە ئىش قانۇنىيەتلىك بولۇشى كېرەك. مۇھىمى، بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنى ئويۇندىن سەل – پەل تارتىپ، بىر ئاز ۋاقتى ھەم زېھنىنى ئۆگىنىشكە قارىتىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئويۇننى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىككىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلگەندە، بالىلار ئەتراپلىق يېتىلەلەيدۇ. بالىلارنى ئويۇن ئويناش بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىرى زىچراق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەمما دەرسلىك مەزمۇنلىرى سوئال تالىشىپ جاۋاب بېرىش ياكى تېز ھېسابلاش بولۇپ، بۇنداق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئويۇن ئويناش بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بالىلارمۇ بۇنىڭغا قىزىقىدۇ. ئويۇن ئويناش بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بالىلارنىڭ ساغلاملىقى بەك مۇھىم، نۇرغۇن تەنھەرىكەت تۈرلىرى قىزىقارلىق بولۇپ، بالىلارنى جەلپ قىلىدۇ. مەسىلەن: سۇ ئۈزۈش، پەي توپ، تىكتاك توپ ئويناش ۋاھاكازالار. شارائىت يار بەرسىلا، بالىلارنى بىر – ئىككى تۈر ئويۇنغا سېلىش كېرەك، ئۇلار ئويۇن ئوينىغاچ بەدىنىنى چېنىقتۇرىدۇ. مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
|