![]() |
ئودۇكام
بۇ ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن يەرگە دۈگلەك سىزىلىدۇ. ئەگەر ئوينايدىغان بالىلار ئالتە بولسا، دۈگلەك سىزىقىنىڭ ئۈستىگە ئايلاندۇرۇپ بەش دانە ئورەك، دۈگلەكنىڭ ئوتتۇرسىغا يەنە بىردانە ئورەك ئويىلىدۇ. بەش بالا دۈگلەك سىزىقىنىڭ ئۈستىدىكى بەش ئورەككە ئۆز تايىغىنى سانجىپ تۇرىدۇ. دۈگلەكنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئورەككە بىر چىكىلتەك (بىر غېرىچ ياغاچ بولسا بولىدۇ)سېلىپ قويۇلىدۇ. يەنە بىر بال دۈگلەكنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۇرۇپ، ھىلىقى ئورەكتىكى چىكىلتەكنى قولىدىكى ئۇزۇن تاياق بىلەن ئورەكتىن چىقىرىپ، ئەتراپتىكى بالىلارنىڭ ئورىگىگە ئىتتىرىدۇ. بۇ چاغدا چىكىلتەك كىمنىڭ ئورىگىگە يېقىن كەلسە، شۇ ئورەكنىڭ ئىگىسى ئۆز ئورىگىگە سانجىپ تۇرغان ئانىياغاچ بىلەن چىكىلتەكنى نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ. ئۇ بالا چىكىلتەكنى ئوتتۇردىكى ئورەككە ئىتتىرىۋەتكەن چاغدا، ئوتتۇرىدا تۇرغان بالا ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ تۇرۇپ چىكىلتەكنى ئۇنىڭ ئورىگىگە چۈشۈرۈۋالىدۇ. ئۇ ئاشۇ ئورەككە چۈشۈرەلمىسە، ئۆزى يەنە ئوتتۇرىدا تۇرۇپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر چىكىلتەكنى باشقىلارنىڭ ئورىكىگە چۈشۈرۈۋالسا، ئورىگىنى قوغدىيالمىغان بالا ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|