پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

‹‹چانا تېيىلىش›› ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-12 00:15 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بۇ ئويۇن دەريا ياكى مەھەللە – كويلاردىكى چوڭ – چوڭ كۆللەردە ئوينىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسلىنىڭ ئوتتۇرىسى بولغان چىللە كۈنلىرى م
تەلەي +1

‹‹چانا تېيىلىش›› ئويۇنى

      چانا ھەيدەش، مۇز تېيىلىش ئۇيغۇر ئوغۇل ئۆسمۈرلىرى چىللە كۈنلىرى مۇز قېلىن قاتقاندا ئوينايدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. چانا ئادەتتە بىر تاپانلىق چانا، كەڭ چانا، ئولتۇرۇپ تېيىلىدىغان چانا دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئويناش ئۇسۇلىمۇ قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاز – كۆپلۈكى، مەزمۇن دائىرىسى، ھەرىكەت شەكلى ۋە مەيدانىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بىر قانچە خىل بولىدۇ. يەرلىك ئالاھىدىلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ يەردە بىرلا تۈر ـــ ئولتۇرۇپ تېيىلىدىغان چانا تونۇشتۇرۇلىدۇ.

‹‹چانا تېيىلىش›› ئويۇنى
 

     بۇ ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى قانچە بولسا بولۇۋېرىدۇ، چۈنكى بۇ ئويۇن دەريا ياكى مەھەللە – كويلاردىكى چوڭ – چوڭ كۆللەردە ئوينىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسلىنىڭ ئوتتۇرىسى بولغان چىللە كۈنلىرى مۇز خېلىلا قېلىن بولىدۇ، ئەنسىزلىك بولمايدۇ. بالىلار چانىنى ئاساسەن قىش كۈنلىرى ياسايدۇ. ئالدى بىلەن قېلىنلىقى 2 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 5 – 6 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 20 – 25 سانتىمېتىرلىق ئىككى پارچە قۇرۇق تاختاينىڭ ئاستىغا توم سىم ئۇزۇنىسىغا تارتىلغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى پارچە تاختاي ئۇزۇنلۇقى 35 – 40 سنتىمېتىر، كەڭلىكى 30 – 35 سانتىمېتىر كېلىدىغان شالنىڭ ئاستىغا مىخلانسا، ئولتۇرۇپ تېيىلىدىغان چانا پۈتكەن بولىدۇ. تاختايغا مۇقىملاشتۇرۇلغان سىم مۇزغا تېگىپ تۇرىدۇ، تاختاي مۇزغا تەگمەيدۇ. شۇنداق بولغاندا چانا يەڭگىل، تېز ماڭالايدۇ. پۈتكەن چانىنى ھەيدەش ياكى باشقۇرۇش ئۈچۈن ‹‹رول›› كېرەك بولىدۇ. بۇ ئادەتتە ‹‹چانا زىخچىسى›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ زىخچە توم سىمنى ئوتتا چوغدەك قىزىتىپ تۇرۇپ، مۇۋاپىق توملۇقتىكى قۇرۇق تاياقچىغا سانجىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، تاياقچىنىڭ ئالىقاندا تۇرىدىغان تەرىپى سىلىقلىنىدۇ. زىخچىنى ھەركىم ئۆزىگە ماس ئۇزۇنلۇقتا تەييارلىسا بولىدۇ.

      چانا ئادەتتە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ياكى خالىغانچە ئولتۇرۇپ ھەيدىلىدۇ، قانداق ئولتۇرۇش ھەربىر بالىنىڭ ئۆز ئىختىيارىچە بولىدۇ. بالىلار چانىدا ئولتۇرغاندىن كېيىن، قولىدىكى ئىككى زىخچىنى ئىككى ياندىكى مۇزغا سانجىپ تۇرۇپ ئالغا سىلجىيدۇ. بالىلار بىردىن ياكى بىر نەچچىدىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ بۆلۈنۈپ مەلۇم ئارىلىققا بېرىپ كېلىشتە مۇسابىقىلىشىدۇ، بىر – بىرىنى قوغلىشىپ ئوينايدۇ. قوغلاشماق ئوينىغاندا، قوغلىغۇچى بالا قاچقۇچى بالىنىڭ بەدىنىگە قولىنى تەگكۈزۈۋالالىسا، قاچقۇچى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ. چانىنىڭ تېز – ئاستا مېڭىشى زىخچە ھەرىكىتىنىڭ تېز – ئاستىلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر مۇسابىقە جەريانىدا تېز توختاشقا توغرا كەلسە، زىخچىنى چانىنىڭ ئالدى تەرەپ ئوتتۇرىغا توغرىلاپ مۇزغا سانجىپ تورمۇز قىلىشقا بولىدۇ.

      ‹‹چانا تېيىلىش›› ئويۇنى بالىلارنىڭ بەدىنىنى چېنىقتۇرۇپ، پائالىيەتچانلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، بالىلارنى زىمىستان قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقلىرىغا بوي ئەگمەي مەردانە ياشاشقا ئۆگىتىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] تۇنجى ئاۋدىفون [ 2012-02-12 00:25:27 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] يېڭى تىپتىكى تانكىلار [ 2012-02-12 00:24:20 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:20:48 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:18:14 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹چانا تېيىلىش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:15:57 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:13:31 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى [ 2012-02-12 00:09:05 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] خورەك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ [ 2012-02-11 23:28:44 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنىڭ قۇلاق ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىڭ [ 2012-02-11 23:26:07 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا بۇ يىلدىن ب [ 2012-02-11 23:24:37 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر