پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

‹‹جىلدىرماچ›› ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-17 19:47 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
جىلدىرماچ ئۇيغۇر ئوغۇل ئۆسمۈرلىرىنىڭمۇ ياخشى ئەرمىكى بولۇپ، بىر يىلنىڭ ھەممە پەسلىدە بىرقەدەر تەكشى يول، ئېتىز ــ ئېرىق قىرلىرى ۋە
تەلەي +1

‹‹جىلدىرماچ›› ئويۇنى

جىلدىرماچ ئۇيغۇر ئوغۇل ئۆسمۈرلىرىنىڭمۇ ياخشى ئەرمىكى بولۇپ، بىر يىلنىڭ ھەممە پەسلىدە بىرقەدەر تەكشى يول، ئېتىز ــ ئېرىق قىرلىرى ۋە سايلىقلاردا ئوينىلىدۇ.

      ئوغۇل بالىلار تومراق سىمدىن ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان جىلدىرماچلارنى تەقلەپ بولغاندىن كېيىن، جىلدىرماچنى ھەيدەشتە ئىشلىتىلدىغان ئىتتەرگۈ ياساپ چىقىدۇ. ئىتتەرگۈنىڭ توملۇقى ۋە ئۇزۇنلۇقى ھەربىر بالىنىڭ، بولۇپمۇ جىلدرماچنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ.

‹‹جىلدىرماچ›› ئويۇنى
 

  بالىلار مەھەلىلەر بويىچە ياكى خالىغانچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ، ھەرخىل جىلدىرماچ ۋە ئىتتەرگۈلەرنى ئېلىپ كەڭ مەيدانلارغا جەڭ بولۇپ، ‹‹باشلامچى››نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇزۇن ــ قىسقا ئارىلىقلارغا يۈگۈرۈشۈپ ئوينايدۇ؛ جىلدىرماچلارنى چەبدەسلىك بىلەن ھەيدەش، بۇراش، چوڭ ــ كىچىكلىك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ سەپكە تىزىلىپ، ئاتا ــ بوۋىلىرىنىڭ كارۋان تارتىپ يۈرگەن ئۇزۇن سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچىلارغا ئوخشىشىپ قالىدۇ. بالىلار بەلگىلەنگەن نىشانغا بېرىش جەريانىدا جىلدىرماچلارنى قائىدىلىك، تەرتىپلىك، تېز سۈرئەتتە ھەيدەش، بىر ــ بىرىگە، باشقا نەرسىلەرگە سوقۇلۇپ كەتمەسلىك قاتارلىق ‹‹مۇسابىقە قائىدىسى››گە دىققەت قىلىدۇ.

      بۇ ئويۇن ئوغۇللارنى غەيرەتلىك، جاسارەتلىك قىلىپ يېتىلدۈرىدۈ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتە چېنىقتۇرىدۇ؛ يىراق ــ يېقىندىكى ئىشلارنى جىلدىرماچنىڭ يادىمى بىلەن تېز بېجىرىپ كېلىش، يېزا بالىلىرىنىڭ قوي، كالا پادىلىرىنى جىلدىرماچنىڭ ياردىمى بىلەن توسۇش ھەمدە مەدەنىي تۇرمۇشىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش جەھەتلەردە مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە.

      مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيارنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى››دىن ئېلىندى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹ئويمۇ ــ قويمۇ؟›› ئويۇنى [ 2012-01-17 19:51:56 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ‹‹جىلدىرماچ›› ئويۇنى [ 2012-01-17 19:47:27 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى قانداق يېتىلد [ 2012-01-07 17:47:24 ]
[قانۇن تۇزۇم] جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى [ 2012-01-07 17:43:01 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقنىڭ تېنى نىسبەتەن چوڭ بولسا ياخشى بولامدۇ؟ [ 2012-01-07 17:40:07 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېگىزلىكىنى ئالدىن بىلىش [ 2012-01-07 17:38:48 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئۈ [ 2012-01-07 17:37:08 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئانىنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە بالىنىڭ خاراكتېرى [ 2012-01-07 17:35:39 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئاتا - ئانىنىڭ قان تىپىدىن بالىنىڭ قان تىپىنى بىلىش [ 2012-01-07 17:34:08 ]
[ئوماق قوزام] بۇلاردەك ئوماقلارنى كۆرگەنمۇ؟ [ 2012-01-05 17:14:22 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر