![]() |
بوۋاقنىڭ تېنى نىسبەتەن چوڭ بولسا ياخشى بولامدۇ؟ ئاي - كۈنى توشۇپ، تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئادەتتە تۆت كىلوگرامدىن يۇقىرى بولسا، گىگانت بوۋاقلار قاتارىغا كىرىدۇ. بۇنداق تۇغۇلۇشنىڭ سەۋەبى، پاتولوگىيە ئامىلى بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يېنىك دەرىجىدە ياكى يوشۇرۇن دەرىجىدە قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، يەنە ئىرسىيەت ئامىلى، يېمەك - ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ ھازىر تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شۇ سەۋەبتىن گىگانت بوۋاقلارمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، بوۋاقنىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ بولۇشى گاھىدا بىر تۈرلۈك ئاۋارىچىلىقلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. كۆزى يورىغان مەزگىلدە تۇغۇش قىيىن بولۇش، ھەتتا ھاياتى خەۋپكە ئۇچراش ھادىسىلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. تۇغۇت قىيىن بولغاندا، كۆپىنچە ھاللاردا تۇغۇت قسىقۇچى ئارقىلى تۇغۇشقا ياردەم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ناھايىتى ئوڭايلا ئانىسىنى يارىلاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بالىنىڭ تۇنجۇقۇشى كېلىپ چىقىدۇ. بوشىنىپ بولغاندىن كېيىن، بالىياتقۇ بوشلۇقى چوڭىيىپ كېتىشى سەۋەبلىك، تۇغقان ئانىنىڭ بالىياتقۇ بوينىنىڭ تارىيىشى ياخشى بولماي، بالىياتقۇدىن قان كېلىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بوۋاقمۇ خەۋپكە ئۇچرىغانلار قاتارىدا تەكشۈرۈلىدۇ، تىنچ ياتقۇزۇلىدۇ ۋە باش قىسمىدىن قان چىقىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئانا بالىنى ۋاقتىدا ئېمىتمىگەچكە، ئوڭايلا كۆكسى ئىششىپ كېتىش، قىززىپ كېتىش، ھەتتا سۈت بېزى ياللۇغى ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە، ئوزۇقلۇق مول، مۇۋاپىق بولغان يېمەكلىكلەرگە دىققەت قىلىشى ۋە ھامىلىنىڭ زور دەرىجىدە چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. تەھىرلىگۇچى:admin
|