پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسىبالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئەنئەنىۋى ئويۇن-جۈپ – تاق ئويۇنى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-23 23:22 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئويۇنغا قاتناشقۇچى ئىككى بالىنىڭ بىرسى تاق سان، يەنە بىرسى جۈپ ساننى تاللايدۇ.
تەلەي +1

 

ئەنئەنىۋى ئويۇنلار-جۈپ – تاق ئويۇنى

 

      بۇ ئويۇن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئويۇنى بولۇپ، بۇ ئويۇننى ئوغۇل بالىلار ئوينايدۇ. ئويۇنغا قانچە بالا قاتناشسىمۇ ئىككى بالا جۈپ – تاق ئوينايدۇ. بۇ ئويۇندا شاپتۇل، ئۆرۈك ئۇرۇقچىسى ئىشلىتىدۇ. بىر قانچە ئۇرۇقچا سىغقۇدەك بىر دانە ئورەكچە كولىنىپ، كولانغان ئورەكتىن 1.5 مېتىر يىراقلىقتىكى ئورۇنغا ئورەككە ئۇرۇقچا تاشلاش ئورنى بەلگىلىنىدۇ.

      ئويناش ئۇسۇلى: ئويۇنغا قاتناشقۇچى ئىككى بالىنىڭ بىرسى تاق سان، يەنە بىرسى جۈپ ساننى تاللايدۇ. بىرى قانچە ئۇرۇقچا چىقارغان بولسا يەنە بىر بالىمۇ شۇنچە ئۇرۇقچا چىقىرىپ نۆۋەت بىلەن كولانغان ئورەككە بىر قولىنىڭ چاڭگىلى (سىقىمى) بىلەن ئۇرۇقچا تاشلايدۇ. ئورەككە چۈشكەن ئۇرۇقچا جۈپ بولسا، جۈپ سان بولغۇچى بالا ئۇتقان بولۇپ، ئورەكتىكى ھەممە ئۇرۇقچىنى ئالىدۇ. ئەگەر تاق چۈشسە، تاق سان بولغۇچى ئۇتقان بولىدۇ. ئورەككە ئۇرۇقچا ئاتقان بالا قولىدىكى ئۇرۇقچىلارنى ئويناپ تۈگەتكەندىن كېيىن، قايتىدىن يەنە ئۇرۇقچا چىقىرىشىپ يەنە بىر بالا ئۆرەككە ئۇرۇقچا تاشلايدۇ. ئويۇن ئاشۇ ئۇسۇلدا داۋاملىشىپ، ئويۇننى ئىككى بالا توختاتقاندا ياكى ئىككى بالىنىڭ بىرسىنىڭ ئۇرۇقچىسى تۈگىگەندە ئويۇن ئاخىرلىشىدۇ.

      جۈپ – تاق ئويۇننىڭ يەنە بىر تۈرلۈك ئوينىلىشى بولۇپ، ئۆرۈك ئۇرۇقچىسى ياكى ئۇششاقراق چىلاندىن بىر قانچىسىنى ئويۇنغا چۈشكۈچى ئىككى بالىنىڭ بىرى يەنە بىر بالىغا كۆرسەتمەي، قولىنى ئارقىسىغا قىلىپ سىقىمداپ ئاندىن قولىنى چىقىرىپ ‹‹جۈپمۇ – تاقمۇ؟›› دەيدۇ.  جاۋاب بەرگۈچى بالا جۈپ دېگەن بولسا، قولىدىكى ئۇرۇقچا جۈپ بولسا، جاۋاب بەرگۈچى بالا ئۇتقان بولىدۇ، ئەكسىچە بولسا ئۇتتۇرغان بولىدۇ.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 2011-يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىن دوكلات [ 2012-01-24 00:28:43 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 2011-يىللىق ھۆكۇمەت خىزمىتىدىن دوكلات [ 2012-01-24 00:22:17 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنى زىيادە ئىسسىق تۇتۇشمۇ ئۆپكە ياللۇغىنى ك [ 2012-01-24 00:19:44 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] تۆت ياش بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشنى داۋال [ 2012-01-24 00:16:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ گۈل مەدەنىيىتى [ 2012-01-24 00:03:35 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] تەڭداشسىز ‹‹زومىگەر›› ئاۋىياماتكا [ 2012-01-23 23:55:11 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم [ 2012-01-23 23:51:13 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالا تەربىيەسىدە مۇنۇ ئىشلار سەمىڭىزدە بولسۇن [ 2012-01-23 23:45:43 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] سىيگەك بالىلارنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى [ 2012-01-23 23:44:26 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقلارنىڭ چىشىنى قانداق ئاسراش كېرەك [ 2012-01-23 23:42:39 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر