![]() |
تەڭداشسىز ‹‹زومىگەر›› ئاۋىياماتكا![]() يېقىندا جۇڭگو ئىلگىرىكى ‹‹ۋالاڭگې›› ناملىق پاراخوتتىن ئۆزگەرتىلگەن تۇنجى ئاۋىياماتكىنى ياساپ سىناق قىلدى. ئەڭ قالتىس قورال ئاۋىياماتكا دېگەن نېمە؟ ئاۋىياماتكا سوقۇش ئايروپىلاننى ئېلىپ يۈرىدىغان چوڭ تىپتىكى جەڭ پاراخوتى بولۇپ دېڭىزدىكى تەڭداشسىز ھۆكۈمراندۇر. كىچىك ئاۋىياماتكا ئىككى پۇتبول مەيدانىچىلىك بولۇپ 20 تىك ئۇچار ئايروپىلاننى قوندۇرالايدۇ. چوڭ ئاۋىياماتكا ئۆلچەملىك ئۈچ پۇتبول مەيدانچىلىك بولۇپ 70، 80 ئايروپىلاننى بىمالال ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. ئاۋىياماتكىدا قايسى قورال ئەك قالتىس؟ ئەلۋەتتە سوقۇش ئايروپىلانى. سوقۇش ئايروپىلانى ئاۋىياماتكا ياكى باشقا ھەربىي پاراخوتنى بازا قىلغان دېڭىز ئارمىيەسى ئايروپىلانى. ئۇنىڭ باشقا ئايروپىلانلاردىن قانداق پەرقى بار؟ مەسىلەن، قۇرۇقلۇقتا ئايروپىلاننىڭ قوزغالغاندىن تارتىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈشكىچە ئۈچ كىلومېتىر ئۇچۇش يولى بولسا ئاۋىياماتكىدىكى سوقۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش يولى 300 مېتىر ئەتراپىدىلا بولىدۇ. بۇ سوقۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە تېز بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىزدا شارائىت ناچار، دائىم شامال، ئاپتاپ، يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا سوقۇش ئايروپىلانى كۈچلۈك چىدامدامچانلىققا ئىگە بولىدۇ. سوقۇش ئايروپىلانى ‹‹پىيورىل خاربور ۋەقەسى››دە كارامىتىنى كۆرسەتكەن. 1941 – يىل ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ 300 دىن ئارتۇق سوقۇش ئايروپىلانى ئالتە ئاۋىياماتكىدىن قوزغىلىپ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى پىيورىل خاربور پورتىغا ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىدۇ. كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى بىلەن پورتتىكى بىرقىسىم كۈرەشچى كېمە، ئوكيان چارلاش پاراخوتى، قوغلىغۇچى پاراخوت دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىدۇ، 188 ئايروپىلان كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ. ئەمما، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ پەقەتلا 29 سوقۇش ئايروپىلانى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ‹‹ياخشى يىگىت ھەمراھسىز بولماس›› ئاۋىياماتكىنى يۆتكىلىشچان قالتىس ئايرودۇرۇم دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. ھەرقانچە ھەشەمەتلىك ياسالغان ماشىنا توختىتىش مەيدانىمۇ كىنودىكى ‹‹ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەم››دەك جەڭ قىلالمايدۇ. كونىلارنىڭ: ‹‹ياخشى يىگىت ھەمراھسىز بولماس›› دېگەندەك ئاۋىياماتكىنىڭ كۈچلۈك پىلوتى بولغاندىلا كۈچ – قۇدرىتىنى نامايان قىلالايدۇ. پىلوت دېگەن نېمە؟ پىلوت ئاۋىياماتكىنى مەركەز قىلغان ‹‹كۈرەشچى قوشۇن››. قوغلىغۇچى پاراخوت بىلەن قوغدىغۇچى كېمە ئاۋىياماتكىنىڭ ئوڭ – سول قانىتى. قوغلىغۇچى پاراخوت باشقۇرۇلىدىغان سىنارەت، تورپېدا، پاراخوت توپى قاتارلىقلارنى مۇھىم قورال قىلغان كۆپ خىل جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوتتۇرا تىپلىق پاراخوت. ئۇنىڭ ‹‹دېڭىزدىكى سەركەردە›› دېگەن نامى بار. قوغدىغۇچى كېمە قوغلىغۇچى پاراخوتتىن كىچىكرەك بولۇپ سۇ ئاستى كېمىسىگە قارشى تۇرۇپ ھاۋا مۇداپىئەسى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئۇنىڭ يەنە چارلاش، سۇ مىناسى ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇقلۇققا چىقىشقا ياردەم بېرىش رولى بار. ھۇجۇم قىلىش شەكلىدىكى يادرو سۇ ئاستى كېمىسى ئاۋىياماتكىنىڭ ‹‹كالتىكى››. ئۇلار سۇ ئاستىدا دۈشمەنگە تۇيدۇرماي يېقىنلاشقاندىن كېيىن تورپېدا ياكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەتنى قويۇپ بېرىپ دۈشمەنگە ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. ياردەمچى كېمە پىلوتنىڭ ئىسكىلاتىغا يېقىلغۇ، ئوق – دورا، يېمەكلىك قاتارلىق ھەر خىل تولۇقلىمىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئاۋىياماتكىنىڭ ھەم يەردە، ھەم سۇدا زەربە بېرەلەيدىغان، سۇ ئاستى كېمىسىگە قارشى تۇرالايدىغان ئىككى ياردەمچىسى بار. ئاۋىياماتكا دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادا ئۇرۇش قىلالايدىغان مۇكەممەل ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ دېڭىزدىن ۋە ھاۋادىن كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇنى يەر شارىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تەھىرلىگۇچى:admin
|