باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەرتىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

قىزىقارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-14 00:04 مەنبەسى: ئۇيغۇرچە رادىيو ت ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىتقا نىسبەتەن شاكىلات جان ئالىدىغان زەھەر ھېسابلىنىدۇ. پەقەت بىر نەچچە پارچە شاكىلاتمۇ ئىتنىڭ يۈرەك ۋە نېرۋا سېستىمىسىنى زەخمىگە ئۇچرىت
تەلەي +1

قىزىقارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى

 

1.ھەركۈنى پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 12 بوۋاق ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن ئاتا-ئانىلىرىغا خاتا تاپشۇرۇلۇپ قالىدۇ.

2.ئىتقا نىسبەتەن شاكىلات جان ئالىدىغان زەھەر ھېسابلىنىدۇ. پەقەت بىر نەچچە پارچە شاكىلاتمۇ ئىتنىڭ يۈرەك ۋە نېرۋا سېستىمىسىنى زەخمىگە ئۇچرىتىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

19.3-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا پەمىدۇر قىيامى دورا سۈپىتىدە سېتىلغان.

4.داۋىنچى ھايات ۋاقتىدا بىرلا ۋاقىتتا بىر قولىدا خەت يېزىپ، بىر قولىدا رەسىم سىزالايدىكەن.

5.مونالىزا رەسىمىدىكى مونالىزانىڭ ئېغىزىنى سىزىش ئۈچۈن داۋىنچى 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان.

6.لاسۋېگاسنىڭ قىمار مەيدانلىرىدا سائەت بولمايدۇ.

7.پاشا يوقىتىش سۇيۇقلىقىنىڭ پاشا ئۆلتۈرۈش رولى يوق، لېكىن پاشىنىڭ پۇراش سېزىمىنى قالايمىقان قىلىۋىتىپ ئادەم بار يەرنى تېپىشىغا پۇتلا–كاشاڭ بولۇش رولى بار.

8.ھەر قانداق بىر ۋاراق قەغەزنى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل كەلتۈرۈپ توققۇز قېتىم قاتلىغىلى بولمايدۇ.

9.چۈشكۈرگەن ۋاقىتتا كۆزنى ئاچقىلى بولمايدۇ.

10.قۇلۇلە ھېچنىمە يېمەي 3 يىل ئۇخلىيالايدۇ.

11.كولا دەسلەپتە يېشىل رەڭدە بازارغا سېلىنغان ئىكەن.

12.يەرشارىدا توخولارنىڭ سانى ئادەملەرنىڭكىدىنمۇ كۆپ.

13.پىياز توغرىغاندا سېغىز چاينىسا كۆزىدىن ياش ئاقمايدۇ.

14.بارماق ئىزىغا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ تىلىنىڭ ئىزىمۇ ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە ئوخشىمايدۇ.

15.بوۋاقلار تۇغۇلغاندا پۈتۈن بەدىنىدە جەمئىي 300 پارچە سۆڭەك بولىدۇ . ياش قۇرامىغا يەتكەندە بولسا 206 پارچە سۆڭەك بولىدۇ.

16.ئەگەر سىز ئەتىگەن سائەت 7:00نىڭ ئايروپىلانىدا توكيودىن ھونولۇلۇغا قاراپ يولغا چىققان بولسىڭىز، ھونولۇلۇغا يېتىپ بارغان ۋاقتىڭىز تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30بولغان بولىدۇ.

17.پىل سەكرىيەلمەيدۇ.

18.كېپىنەكنىڭ تەم سېزىمى ئۇنىڭ پۇتىدا بولىدۇ.

19.دۇنيادا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىسىم مۇھەممەت.

20.ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئۆمرى سول قولىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەنلەرنىڭكىدىن 9 يىل ئۇزۇن بولىدۇ.

21.دۇنياغا داڭلىق مارىلبورو تاماكا شىركىتىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى ئۆپكە راكى بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.

22.ۋاشىگىتوندىكى تېلېفۇننىڭ سانى نوپۇس سانىدىنمۇ كۆپ.

23.باش بارماقنىڭ تىرنىقىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز، ئوتتۇرا بارماق تىرنىقىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئەڭ ئاستا بولىدۇ.

24.ئادەم ئىزچىل ئۇخلىمىسا پەقەت ئون كۈن بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئالما iPhone4S بۈگۈندىن باشلاپ چوڭ قۇرۇقلۇقتا رەسمىي س [ 2012-01-14 00:09:37 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] قىزىقارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى [ 2012-01-14 00:04:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] دۇنياۋى ئالىم ئېينشتېيىننى نۇرغۇن دۆلەتلەر تالاشم [ 2012-01-14 00:01:08 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسق [ 2012-01-13 23:59:20 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 600 يۈەن پايدىنى كۆزلەپ قانۇ [ 2012-01-13 23:56:24 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئالىم خاۋكېڭ بىر مىنۇتتا بىر سۆزنى دېيەلەيدىغان بو [ 2012-01-13 23:51:43 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ASP مۇھىتى قۇرۇش، سىناش دىتالى [ 2012-01-13 22:31:26 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر