پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىققانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 600 يۈەن پايدىنى كۆزلەپ قانۇ

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-13 23:56 مەنبەسى: ئۇيغۇرچە رادىيو ت ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 600 يۈەن پايدىنى كۆزلەپ قانۇنسىز قان سېتىش قا تەشكىللىگەن شېنجېن گېزىتى مۇخبىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بىر
تەلەي +1

ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 600 يۈەن پايدىنى كۆزلەپ قانۇنسىز

«قان سېتىش» قا تەشكىللىگەن

ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 600 يۈەن پايدىنى كۆزلەپ قانۇنسىز «قان سېتىش» قا تەشكىللىگەن
 

شېنجېن گېزىتى مۇخبىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئائىلىدە قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك قان سېتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولۇپ قانۇنسىز قان ساتىدىغان بىرسى بىلەن ئالاقىلىشىپ قالىدۇ ھەم توردا خەۋەر تارقىتىپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى بېيجىڭغا كېلىپ قانۇنسىز قان سېتىشقا تەشكىللەيدۇ.

يېقىندا شەھەرلىك بىرىنچى سوت قانۇنسىز قان سېتىشنى تەشكىللىگەن بۇ قىزغا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى بۇيرىدى ھەم بۇ دېلوغا چېتىشلىق باشقا جىنايەت گۇماندارلىرىمۇ جازالاندى.

دېلو يۈز بېرىشتىن بۇرۇن 22 ياشلىق سەي فامىلىلىك بۇ قىز ئەسلىدە بېيجىڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە سەي فامىلىلىك بۇ قىز ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى سەۋەبىلىك قان سېتىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ توردا قان ھايانكەشلىرىنىڭ ئېلانىنى كۆرۈپ، بۇ دېلودىكى لى فامىلىلىك «قان ھايانكەشچىسى» بىلەن ئالاقىلاشقان .بۇ لى فامىلىلىك كىشى سەي فامىلىلىك قىزغا ئەگەر باشقا ساۋاقداشلىرىنى ۋە دوستلىرىنى قان سېتىشقا تەشكىللىسە ئۇنىڭغا پايدىنى كۆپرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز بۇ ئىشقا بېشىچىلاپ كىرىپ، كۈندە توردا خەۋەر يوللاپ قان ساتقۇچىلارنى تەشكىللىگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ قىزنىڭ تەشكىللىك قان سېتىش پائالىيىتى مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان .2011يىلى 4-5-ئايلاردا لى فامىلىلىك بىر قانچە كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا سەي فامىلىلىك بۇ قىز قولغا چۈشكەن.

سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە بۇ لى فامىلىلىكنىڭ باشچىلىقىدىكى «قان سېتىش گۇرۇھى » باشتا توردا خەۋەر تارقىتىشتىن باشلانغان بولۇپ كېيىن ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ قان ساتىدىغان ئادەملەرنى تەشكىللىگەن.

2011يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى لى فامىلىلىك مۇشۇ دېلودىكى جاۋابكارلارنى يىغىپ، تور ئارقىلىق قاتارلىق تاراتقۇلاردا خەۋەر تارقىتىپ، 33 كىشىنى تەشكىللەپ بېيجىڭ شەھەرلىك فاڭشەن رايونى بىرىنچى دوختۇرخانىسىنىڭ چاڭگۇ تارماق دوختۇرخانىسىدا قان سېتىشقا قاتناشتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە سەي فامىلىلىك بۇ قىز 10كىشىنى قان سېتىشقا تەشكىللىگەن. لى فامىلىلىك بۇ كىشى بۇ قېتىملىق «قان سېتىش»تا 3700يۈەندىن كۆپرەك پايدا ئالغان. سەي فامىلىلىك بۇ قىزمۇ 600 يۈەنگە ئېرىشكەن. ئوخشاش بىر كۈندە لى فامىلىلىك كىشى يەنە باشقا 30 نەچچە كىشىنى تەشكىللەپ قان ساتقۇزغان بولۇپ ئۇ بۇنىڭدىن 4000 يۈەن پايدا ئالغان.

سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا لى فامىلىلىك قاتارلىق كىشىلەر قانۇنسىز ئادەم تەشكىللەپ قان سېتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان، شۇڭا بۇ لى فامىلىلىككە جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە بىر يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازىسى بېرىپ سەي فامىلىلىك قىزغا مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش بۇيرۇلغان.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئالما iPhone4S بۈگۈندىن باشلاپ چوڭ قۇرۇقلۇقتا رەسمىي س [ 2012-01-14 00:09:37 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] قىزىقارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى [ 2012-01-14 00:04:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] دۇنياۋى ئالىم ئېينشتېيىننى نۇرغۇن دۆلەتلەر تالاشم [ 2012-01-14 00:01:08 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسق [ 2012-01-13 23:59:20 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 600 يۈەن پايدىنى كۆزلەپ قانۇ [ 2012-01-13 23:56:24 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئالىم خاۋكېڭ بىر مىنۇتتا بىر سۆزنى دېيەلەيدىغان بو [ 2012-01-13 23:51:43 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ASP مۇھىتى قۇرۇش، سىناش دىتالى [ 2012-01-13 22:31:26 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر