![]() |
گېزىت - ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشقا سېلىق سېلىش قىلمىشلىرى كۈچەپ توسىلىدۇ جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: ئاخبارات نەشرىيات باش مەھكىمىسى يېقىندا گېزىت ژۇرناللارنىڭ نوقۇل ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ داۋاملىق گېزىت - ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشقا سېلىق سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا 22-دېكابىر «گېزىت ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشقا سېلىق سېلىشنى قەتئىي توسۇش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، گېزىت ژۇرنال چىقارغۇچى ھەرقايسى ئىدارىلەردىن مۇشتەرى بولۇشقا سېلىق سالماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، بۇنىڭغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ گېزىت ژۇرناللىرىنىڭ توختىتىلىپ تەرتىپكە سېلىنىدىغانلىقى ھەتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئاخبارات نەشرىيات مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ھەرقايسى گېزىت ژۇرنال باشقۇرغۇچى تارماقلار پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئەتىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، گېزىت ژۇرنال تارقىتىش بازارلىرىنىڭ نورمال بولۇشىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا گېزىت ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى نورما تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئومۇمنىڭ پۇلى بىلەن مۇشتەرى بولغاندا ئالدى بىلەن پارتىيە گېزىت ژۇرناللىرىغا مۇشتەرى بولۇش قايتا تەكىتلەندى، نورمىدىن ئارتۇق مۇشتەرى بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋىتىش قىلمىشلىرى قاتتىق توسىلىدۇ. تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|