مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا
يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-10 15:32 مەنبەسى: خەلق رادىيو ئىستا ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
يىغىندا بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە جازالاش چارىسىنى تېزدىن تۈزۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئادەم توشۇغان ئاپتوموبىللارنى قات
مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاپىرىپ- ئەكىلىدىغان ئاپتوموبىللارنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا چىڭ تۇتۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان. يىغىندا بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە جازالاش چارىسىنى تېزدىن تۈزۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئادەم توشۇغان ئاپتوموبىللارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، ئاخبارت ۋاستىلىرىنىڭ نازارەتچىلىك سالمىقىنى زورايتىش تەلەپ قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن مائارىپ، قاتناش، جامائەت خەۋپسىزلىك قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىرلەشمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىكەن، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ئاپتوموبىل، ئورۇن مەسئۇلى ۋە ئورۇن قارا تىزىملىك شەكلىدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدىكەن. تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|
------分隔线----------------------------