![]() |
قايسى خىلدىكى قىلمىشلار ئالاقە تورى خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە جىنايەت شەكىللەندۈرگەن دەپ قارىلىپ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؟ ئالاقە تورى دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىشى ۋە پائال قوللىشى ئارقىسىدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە تۈرلۈك ئىشلاردا كۈندىن-كۈنگە كەڭ قوللىنىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، كۈندىن-كۈنگە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا ھەم مەملىكىتىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكى ۋە ئۇچۇر خەۋپسىزلىكىنى قانداق قىلىپ كاپالەتلەندۈرۈش، پايدىسىنى كۆپەيتىپ، زىيىنىنى ئازايتىش، ئېلىمىز ئالاقە تورىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداش، شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا قانۇنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت–ئېتىبارىنى قوزغايدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇنداقتا، 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللانغان «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش توغرىسىدىكى قارارى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ) غا ئاساسەن، ئالاقە تورىدىكى قايسى خىلدىكى بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؟ «قارار» غا ئاساسەن، تۆۋەندىكى بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى ئالاقە تورى خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە جىنايەت شەكىللەندۈرگەن دەپ قارىلىپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1. ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە: (1) دۆلەت ئىشلىرى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئۆتكۈر پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى كومپيۇتېر ئۇچۇر تورىغا ئۈسۈپ كىرگەنلەر؛ كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتارلىق بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى تەرتىپنى قەستەن ئىشلەپ، تارقىتىپ، كومپيۇتېر سىستېمىسىغا ۋە ئالاقە تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، كومپيۇتېر سىستېمىسى ۋە ئالاقە تورىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتېر تورى ياكى ئالاقىلىشىش مۇلازىمىتىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ قويۇپ، كومپيۇتېر تورى ياكى ئالاقىلىشىش سىستېمىسىنى نورمال يۈرۈشمەيدىغان قىلىپ قويغانلار؛ 2. دۆلەت خەۋىپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش جەھەتتە: ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ پىتنە-ئىغۋا توقۇپ، بۆھتان چاپلاپ ياكى باشقا زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، تارقىتىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلار ياكى دۆلەتنى پارچىلاشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكنى بۇزۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلار؛ ئالاقە تورى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى، ئاخباراتى ياكى ھەربىي مەخپىيىتىنى ئوغرىلىغانلار، ئاشكارىلاپ قويغانلار؛ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار؛ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ بىدئەت تەشكىلات قۇرۇپ، بىدئەت تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار؛ 3. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى ۋە جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى ساقلاش جەھەتتە: ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ساختا، ناچار بۇيۇملارنى ساتقانلار ياكى تاۋار، مۇلازىمەتنى ساختا تەشۋىق قىلغانلار؛ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ سودا ئىناۋىتى ۋە تاۋار داڭقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر؛ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا تەسىر يېتىدىغان ياكى پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان باشقا ساختا ئۇچۇرلارنى توقۇپ چىققانلار ياكى تارقاتقانلار؛ ئالاقە تورىدا شەھۋانىي تور پونكىتى، تور بېتى قۇرۇپ، شەھۋانىي پونكىت، نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلغانلار ياكى شەھۋانىي گېزىت-ژۇرنال، سۈرەت، ئۈن-سىن تارقاتقانلار؛ 4. شەخسلەر، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە: ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ھاقارەت قىلغانلار ياكى پاكىت ئويدۇرۇپ، باشقىلارغا بوھتان چاپلىغانلار؛ باشقىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىلىرى ياكى باشقا سان-سىفىرلىق ماتېرىياللىرىنى قانۇنسىز ئېلىۋېلىپ، بۇرمىلاپ، ئۆچۈرۈۋېتىپ، پۇقرالارنىڭ ئالاقىلىشىش ئەركىنلىكى ۋە مەخپىيىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلەر؛ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، مۇشۇ قارارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلاردىن باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 5. ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى» غا بىنائەن جازا بېرىدۇ؛ باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە ياكى ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ 6. ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلەردىن باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ 7. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىش ۋە تور تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا، تور بىخەتەرلىكى تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت ۋە مەدەت بېرىپ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلار ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئائىت تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ئالاقە تورىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىشى لازىم. ئالاقە تورى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار قانۇن بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئالاقە تورىدا قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش ۋە زىيانلىق ئۇچۇر پەيدا بولغانلىقىنى سەزگەندە، تەدبىر قوللىنىپ، زىيانلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى توختىتىشى ھەمدە ئالاقىدار ئورگانلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. شۇڭا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئالاقە تورىدىن پايدىلانغاندا، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشىمىز، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى چەكلىشىمىز، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ئالاقە تورىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. نىيە ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن بۇخەلچەم مەتتۇرسۇن تەييارلىغان
------分隔线----------------------------
【ئاۋات خەتكۇچلەر】:
|