«كارخانا ئەمگەك تالاش–تارتىشىنى كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىش بەلگىلىمىسى» كېلەر يىلى يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 5 – دېكابىر ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر مىنىستىرلىق يېقىندا ئېلان قىلغان «كارخانا ئەمگەك تالاش – تارتىشىنى كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ بەلگىلىمە دەپ ئېلىندى) 2012 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئالاقە مېخانىزمىدا ئومۇميۈزلۈك يېتەرسىزلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك دەۋا تەلىپىنى ئۇقتۇرۇش يولىنىڭ راۋان ئەمەسلىكى، كارخانىلار ئەمگەك تالاش – تارتىشى مۇرەسسە كومىتېتى رولىنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىق كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرگە قارىتا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك تالاش – تارتىشى مۇرەسسە – كېسىم قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، كارخانىنىڭ مۇكەممەل مۇرەسسە تەشكىلى قۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش، مۇرەسسە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىنىڭ تالاش – تارتىشنى ئۆزلۈكىدىن ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەزكۇر «بەلگىلىمە»ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلدى. «بەلگىلىمە» ئومۇمىي پىرىنسىپ، كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىش، قوشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: .1 كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن ئەمگەكچىلەر ئارىسىدا ئالاقە باغلاش، كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش. «بەلگىلىمە»دە كارخانىدا ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈش، ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك دەۋا تەلىپىنى ئۇقتۇرۇش يوللىرىنى ئېچىش، ئەمگەكچىلەرگە بولغان ئىنسانىي غەمغۇرلۇقنى كۈچەيتىشتە ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. .2 مۇرەسسەنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەڭ ئاجىز بولغان كېڭىشىش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش. «بەلگىلىمە»دە ئەمگەك مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىش پىرىنسىپى، شەكلى، قاتناشقۇچىلار، ۋاقىت چەكلىمىسى ۋە كېلىشىۋېلىش كېلىشىمىنىڭ ئۈنۈمى قاتارلىقلارغا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. .3 كارخانىدا ئەمگەك تالاش – تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش كومىتېتى قۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ .4 ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش؛ .5 ئەمگەك تالاش – تارتىشى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ كېسىم چىقىرىش، تەكشۈرۈش، بېكىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ .6 ئەمگەك مۇناسىۋىتىدىكى ئۈچ تەرەپلىك پىرىنسىپنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش.
|